تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت

پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇلۇپ، فۇكاڭ توقاچ شاپتۇلىنىڭ قىممىتى ئاشۇرۇلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن جياڭلىن، ئىختىيارىي مۇخبىر ۋاڭ جيالېي

8 - ئاينىڭ باشلىرىدا، فۇكاڭ شەھىرىدىكى 2400 مو توقاچ شاپتۇل مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ سىجىل، دەل جايىدا بولغان پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يار - يۆلەك بولۇشىغا تايىنىپ، فۇكاڭنىڭ توقاچ شاپتۇل كەسپى يىرىك ئۆستۈرۈش، تەبىئەتكە تايىنىپ ھوسۇل ئېلىشتىن ئىبارەت ئەنئەنىۋى ئەندىزە بىلەن خوشلىشىپ، دەرىجىسى ئۆستۈرۈلۈپ، مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ خەلقنى بېيىتىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

فۇكاڭدا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى يېتەرلىك، كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ تېمپېراتۇرا پەرقى چوڭ بولۇپ، ئەۋزەل كىلىمات شارائىتى توقاچ شاپتۇلنىڭ قەنت تەركىبىنىڭ توپلىنىشى ۋە تەمىنىڭ ياخشى بولۇشىغا پايدىلىق. ئىلگىرى، بۇ جايدا توقاچ شاپتۇل ئۆستۈرۈشتە دېھقانلارنىڭ تارقاق ئۆستۈرۈشى ئاساس قىلىنىدىغان بولۇپ، سورت كونا، ئارىلاش بولۇش، ئېتىز باشقۇرۇش - پەرۋىش قىلىش يىرىك بولۇش، ئۆستۈرۈش ئۆلچىمى بىرلىككە كەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغاچقا، مېۋە سۈپىتى بىر خىل بولماسلىق، كەسىپنىڭ خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى.

«ئىلگىرىكى كونا سورتلارنىڭ خېلى بۇرۇنلا ۋاقتى ئۆتۈپ، سۈپىتى بازار ئېھتىياجىغا يېتىشەلمىگەچكە، سېتىلىش مىقدارى ئىزچىل يۇقىرى بولمىدى.» 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى فەنشېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ مەسئۇلى شۈ جۈنجيەن سەمىمىيلىك بىلەن مۇنداق دېدى: پەن - تېخنىكا ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىگە ياردەم بېرىش نەتىجىسىنى ھەقىقىي ھېس قىلدىم.

30 نەچچە يىللىق توقاچ شاپتۇل ئۇرۇق پىلازمىسى تەتقىقاتى جۇغلانمىسىغا تايىنىپ، پەن تەتقىقات كوللېكتىپى شىمالىي شىنجاڭنىڭ كىلىماتى ۋە تۇپراق ئالاھىدىلىكىگە دەل جايىدا مۇۋاپىقلاشتۇرۇپ، فۇكاڭدا ئەلا سورت كىرگۈزۈش، ئېتىزدا سىناق قىلىش، يەرلىكلەشتۈرۈپ كۆندۈرۈپ تاللاش قاتارلىق بىر قاتار خىزمەتلەرنى قانات يايدۇردى.

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، فۇكاڭ شەھىرىدىكى فەنشېڭ ئائىلىۋى دېھقانچىلىق مەيدانىنىڭ ئۆلچەملەشكەن توقاچ شاپتۇل ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى جېڭجوۋ مېۋىلىك دەرەخ تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك پەنلەر ئاكادېمىيەسى غەربىي قىسىم يېزا ئىگىلىك تەتقىقات مەركىزىنىڭ غەربىي قىسىم ئۆزگىچە باغ - ئورمانچىلىق كەسپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش بويىچە يېڭىلىق يارىتىش كوللېكتىپىنىڭ باش ئالىمى ۋاڭ لىرۇڭ كوللېكتىپنى باشلاپ نەق مەيداندا مېۋىلىك دەرەخلەرنىڭ مېۋە بېرىش - ئۆسۈش ئەھۋالىنى تەكشۈردى، مېۋىلەرنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈردى، ئۆستۈرۈش ئۈنۈمىنى تەكشۈردى. «بىز فۇكاڭدا ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 30غا يېقىن توقاچ شاپتۇل سورتىنى كىرگۈزدۇق، قايتا - قايتا سىناق قىلىش، ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، ئاخىرىدا شۇ جاينىڭ سۇ، تۇپراق، كىلىمات شارائىتىغا ماس كېلىدىغان ئەلا سورتنى تاللاپ يېتىشتۈردۇق» دېدى ۋاڭ لىرۇڭ.

نۆۋەتتە، جۇڭپەن 11 - نومۇر، جۇڭيوۋپەن 7 - نومۇر قاتارلىق ئەلا سۈپەتلىك سورتلار فۇكاڭ توقاچ شاپتۇلىنىڭ يادرولۇق ئاساسلىق ئۆستۈرۈلىدىغان سورتىغا ئايلاندى، يېڭى سورتلۇق مېۋىلىك دەرەخلەرگە خالتا كىيدۈرۈش ھاجەتسىز بولۇپ، شەكلى كۆركەم، رەڭگى چىرايلىق مېۋىلەيدۇ، مېۋىسى ئەتلىك، شىرنىلىك، تەمى ياخشى، ساقلاش - توشۇشقا چىداملىق بولۇپ، مېۋىلەرنىڭ تاۋار نىسبىتى ۋە بازار رىقابەت كۈچى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇلدى.

مېۋە سۈپىتىنىڭ مۇقىم، ئەلا بولۇشى فۇكاڭنىڭ توقاچ شاپتۇلىنى بازاردا كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتۈردى، ھەرقايسى جايلاردىكى سېتىۋېلىش سودىگەرلىرى بەس - بەستە ئىشىك ئالدىغا كېلىپ سېتىۋالدى. مېۋە سېتىۋېلىش سودىگىرى ليۇ گاۋتىڭ مۇنداق دېدى: «فۇكاڭنىڭ توقاچ شاپتۇلىنىڭ تاتلىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى، ساقلاشقا چىداملىق، يىراق مۇساپىلىك توشۇش سەرپىياتى تۆۋەن. بىز سېتىۋالغان يېڭى مېۋىلەر ئاساسلىقى بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق شەھەرلەرگە يەتكۈزۈلىدۇ، بازاردىكى سېتىلىش يولى ئىنتايىن مۇقىم.»

«پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئايلاندۇرۇش. بىزنىڭ سورت كىرگۈزۈش، ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ياخشىلاش، ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇش، دائىملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتە سىجىل كۈچىشىمىز دەل پەن تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دېھقانلارنى ھەقىقىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر» دەپ بىلدۈردى ۋاڭ لىرۇڭ.

بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن فۇكاڭ شەھىرىنىڭ يىللىق توقاچ شاپتۇل ھوسۇلى 800 - 1000 توننىغا يېتىدىغان بولۇپ، تاۋار مېۋە نىسبىتى ئۆسۈپ %92كە يەتتى. ئېسىل توقاچ شاپتۇلنىڭ ھەر كىلوگىرامىنىڭ توپ سېتىلىش باھاسى 20 يۈەندىن 30 يۈەنگىچە بولۇپ، ئۆلچەملەشكەن باغنىڭ مو بېشى ساپ كىرىمى 6000 يۈەندىن ئېشىپ، ئەنئەنىۋى ئۆستۈرۈش ئەندىزىسىگە سېلىشتۇرغاندا پايدىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

فۇكاڭ شەھەرلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى لو جىياڭ مۇنداق دېدى: «كېيىنكى قەدەمدە، بىز ئاممىنىڭ كىرىمىنى سىجىل، مۇقىم ئاشۇرۇشنى يادرولۇق نىشان قىلىپ، يەرلىكنىڭ ئۆزگىچە باغ - ئورمانچىلىق ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى جۇلالاندۇرۇپ، توقاچ شاپتۇل كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىمىز.»

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.