تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | چېگرا رايوندىكى ئۆسمۈرلەرنىڭ ئارزۇغا ئىنتىلىش سەپىرى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەن

8 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تاغارما يېزىسىنىڭ يېزا - بازارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا، شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇق 1 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى مەينا ئەركىنجاننى بىر توپ بالىلار ئورۇۋالغانىدى. يېقىندا، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۆت ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن كەلگەن 100 بالىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەينا جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن 3 - قارارلىق «بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەپىرى» (بېيجىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىپى) پائالىيىتىگە قاتناشقانىدى، ھالبۇكى بۇ چاغدا، ئۇ بالىلارغا پائالىيەتكە قاتناشقاندىكى تەسىراتىنى سۆزلەپ بېرىۋاتاتتى.

مەينا يان تېلېفونىدىكى بىر پارچە سۈرەتنى ئېچىپ بالىلارغا كۆرسەتتى، سۈرەتتە بىر مىس پۇل بار ئىدى. «چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئېيتىشىچە مىس پۇلدىكى بىر قىسم ئويما يېزىقنىڭ مەنىسى <تاۋغاچ خان> يەنى <جۇڭگولۇق خان> ئىكەن» دېدى مەينا.

بالىلار باشلىرىنى يېقىن ئەكىلىپ كۆردى، كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى.

كۆزلىرى نۇرغا تولدى

پامىر ئېگىزلىكىدە، بىر يىلدىكى قۇياش نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى 2800 سائەتتىن ئاشىدۇ، ئۇلترا بىنەپشە نۇرنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى تۈزلەڭلىك رايونلارنىڭكىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتكەن. مەينانىڭ ئۆيى دەل قۇياش رادىياتسىيەسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان مۇشۇ تۇپراقتا. لېكىن ئۇ، ئەكسىچە نۇردىن قورقىدۇ. ئاپتاپ چىقسىلا كۆزلىرى قىزىرىپ كېتىدۇ، يەنە قىچىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە كۆزلىرىدىن ياش ئاقىدۇ، بەدىنىمۇ قىچىشىدۇ. ئەڭ ئېغىر بولغاندا دەرسكىمۇ بارالمايدۇ.

«دوختۇرنىڭ ئېيتىشىچە زىيادە سەزگۈرلۈك بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى ئىكەن، ئۇلترا بىنەپشە نۇر بىلەن ئۇچراشسىلا ئېغىرلىشىپ كېتىدىكەن، يىلتىزىدىن ساقايتقىلى بولمايدىكەن. داداممۇ مېنى ئۈرۈمچىگە ئاپىرىپ كۆرسەتكەندە، دوختۇر چوڭ بولغاندىن كېيىن ئاستا - ئاستا ياخشى بولۇپ كېتىدىغانلىقىمنى ئېيتتى.» بۇ گەپنى قىلىۋاتقاندا، مەينا ئادەت خاراكتېرلىك قولىنى كۆتۈردى، كۆزىگە تەگكۈزمەيلا يەنە قولىنى ئاستا چۈشۈرۈۋالدى. بۇ كېسەل ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغىلى 16 يىل بولدى. ئۇ كۈن نۇرى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان پامىر ئېگىزلىكىدە ياشايدۇ، نۇردىن قورقىدۇ، لېكىن يەنە نۇردىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.

مەينانىڭ ئاكىسى نىشانلىق تەربىيەلەنگەن تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، 2025 - يىلى داشۆنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ناھىيە بازىرىدىكى بىر مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ نېرۋا ساغلاملىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش دوختۇرى بولدى.

«ئاكامنىڭ ئەمەلىيەتتە بەكلا ھەربىي مەكتەپتە ئوقۇغۇسى بار ئىدى، نومۇرى يەتمىگەچكە بارالمىدى، كېيىن دوختۇرلۇقتا ئوقۇدى.» مەينا مۇنداق دېدى: ئاكام دائىم «دادام چېگرانى قوغدايدۇ، مەن ئادەملەرنى قوغدايمەن» دەيدۇ.

مەينانىڭ دادىسى ئەركىنجان لەتىپقۇجا چېگرا قوغدىغۇچى بولۇپ، چېگرا قوغداۋاتقىنىغا ئون يىلغا يېقىن بولدى، ئۇ ئايدا ئاران بىر قېتىم ئۆيىگە قايتاتتى، چېگرا تېشىدىكى «جۇڭگو» دېگەن خەتنى ئۇ قايتا - قايتا قېنىقلاشتۇرۇپ بوياپ چىقتى.

«چېگرا تېشىدىكى خەتلەر سۇسلىشىپ قالسا بولمايدۇ.» ئەركىنجان كەم سۆز بولسىمۇ، ھەر قېتىم چېگرا چارلاپ قايتىپ كەلگەندە بالىلىرىغا «ياخشى ئۆگىنىپ، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشىدىغان ئادەم بولۇڭلار» دەپ تاپىلاشنى ئۇنتۇپ قالمايتتى.

دادىسى چېگرا لىنىيەسىنى قوغدايتتى، ئاكىسى كېسەل كۆرۈش ئۆيىدە چىڭ تۇرۇپ خىزمەت قىلاتتى، ئۇلارنى كۆرۈپ، مەينا ئۆزىنىڭ نېمە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئاستا - ئاستا ئويلاپ يەتتى.

«مەن دوختۇرلۇقنى ئۆگىنىمەن، ئۆزۈمنى قۇتقۇزۇشنى، باشقىلارنىمۇ قۇتقۇزۇشنى ئويلايمەن» دېدى مەينا.

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، مەينا «بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەپىرى» (بېيجىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش سىنىپى) پائالىيىتىگە قاتناشقان بالىلار بىلەن بىللە قەشقەردىن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا يېتىپ باردى، بۇ ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئايرىلىشى ئىدى. 2025 - يىلى تۇنجى قارارلىق پائالىيەت ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، «بىر مەقسەتتە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سەپىرى» پائالىيىتى بېيجىڭدىن خېنەن، چۇڭچىڭ، خېبېي، جياڭسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەرگە كېڭەيدى، بۇ يىل 12 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ھەمتۈرتكە بولۇپ، 1000 نەپەر شىنجاڭلىق، شىزاڭلىق ياش - ئۆسمۈر قاتنىشىشقا تەشكىللەندى.

«بېيجىڭغا بېرىپ كۆزۈم ئانچە قىزىرىپ كەتمىدى.» مەينا مۇنداق دېدى: كۆزۈم بىئارام بولمىدى، ئىزچىل قاراۋاتىمەن، نېمىگىلا قارىسام ھەممىسى يېڭىلىق تۇيۇلدى.

«كېيىن بېيجىڭغا بېرىپ ئوقۇغۇڭىز بارمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.

ئۇ بىرئاز ئويلانغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ شېنجېنغا بارغۇم بار، چۈنكى خې مۇئەللىم شېنجېندا.»

مەينا تىلغا ئالغان خې مۇئەللىمنىڭ ئىسمى خې جېنيۇڭ بولۇپ، شېنجېندىن شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچى ئىدى، ئۇنىڭ شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئۈچ يېرىم يىل ماتېماتىكا دەرسى ئۆتۈپ، شېنجېنغا قايتىپ كەتكىنىگە ئۇزاق بولمىغانىدى.

خې مۇئەللىم مېڭىشتىن ئىلگىرى، پۈتۈن سىنىپتىكى ئوقۇغۇچىلارغا بىر پارچە خەت قالدۇردى. خەتتىكى بىر جۈملە سۆز مەينانىڭ ناھايىتى ئېنىق ئېسىدە ئىدى: «شېنجېندا كەچقۇرۇن سائەت 7 - 6لەردە كۈن ئولتۇرىدۇ، قەشقەردە كېچە سائەت 10 يېرىمدا يەنىلا قۇياشنى كۆرگىلى بولىدۇ. ھەربىر ئادەمنىڭ ئۆزىگە خاس رىتىمى ۋە ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ.»

قۇياش ئەگىشىپ يۈگۈرۈۋاتقان بىر قىز قۇياش توغرىسىدىكى بىر جۈملە سۆزنى ئېسىدە تۇتۇۋالدى.

خەتتە يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆز بار بولۇپ، مەينانىڭ ئىزچىل ئېسىدە ئىدى: «شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە كەلگەن ئوقۇتقۇچىلار نۇر يىغىش چىرىغى ئاستىدىكى تەلەيلىك كىشىلەر. ھەقىقىي تۈردە ئىزچىل پامىردا چىڭ تۇرۇۋاتقىنى شۇ مەكتەپتىكى ئاشۇ ئوقۇتقۇچىلار. ئۇلار نۇر يىغىش چىرىغىنىڭ سىرتىدا تۇرۇپ، كىشىلەرگە ئانچە تونۇلۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇلۇغ قەھرىمانلار.»

مەينا ئۆزىنىڭ سىنىپ مەسئۇلى گۇەن جياڭلىڭنى ئېسىگە ئالدى. گۇەن جياڭلىڭ چۇڭچىڭدىن كەلگەن بولۇپ، شېنتا ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئون يىلغا يېقىن ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان، ئەزەلدىن بۇ جايدىن ئايرىلىپ باقمىغانىدى.

ئون يىلدا، كېتىشكە پۇرسەت بولمىدى ئەمەس، گۇەن جياڭلىڭ كەتمىدى. بەزىلەر ئۇنىڭدىن نېمىنى كۆزلەيدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ ھەمىشە مۇنداق دەيتتى: «بالىلارنىڭ چاقناپ تۇرغان كۆزلىرىگە قاراپ، مەن كېتىشكە ئامالسىز قالدىم.»

باشقىلارغا نۇر يەتكۈزۈشنى خالايدىغان كىشى ئۆزى نۇرغا ئايلىنىدۇ.

بالىلارنى نۇرلاندۇرىدىغان كىشىلەر يەنە نۇرغۇن. جىڭدۇڭفاڭ پەن - تېخنىكا گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ كۆرگەزمە زالىدا، ماشىنا ئادەم خەت يازالايتتى، رەسىم سىزالايتتى، تەرجىمە قىلالايتتى، 3D كۆرۈنۈشى خۇددى ئېكراندىن ئېتىلىپ چىقىدىغاندەك كۆرۈنەتتى. گۇما ناھىيەسىدىن كەلگەن يۈسۈپجان توختىمەمەت پائالىيەتتىكى يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ئابدۇلېتىپ ئابدۇۋەلىنىڭ يېڭىنى تارتىپ تۇرۇپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «مۇئەللىم، بۇنىڭغا ھەقىقەتەن كىشىنىڭ ئەقلى يەتمەيدىكەن!»

ئابدۇلېتىپ 2007 - يىلى بېيجىڭغا بېرىپ، تايانچ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەش بويىچە تۆت ئايلىق كۇرسقا قاتناشقانىدى، دېھقان ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن بۇ ياش تۇنجى قېتىم قاراقاش ناھىيەسىدىن بېيجىڭغا بېرىپ، ھەممە نەرسە يېڭىلىق تۇيۇلۇپ، ھەممە نەرسىگە تويماي قاراپ چىققانىدى.

«شۇ چاغدا چوقۇم يۇرتۇمدىكى بالىلارنى ئېلىپ چىقىپ كۆرسىتىپ كېلىشنى ئويلىدىم» دېدى ئابدۇلېتىپ.

ئادەتتىكى فىزىكا ئوقۇتقۇچىسىدىن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ فىزىكا ئوقۇتۇش تەتقىقات خادىمى بولۇشقىچە، يەنە مەكتەپ مۇدىرى بولۇشقىچە، ئابدۇلېتىپ ئۈچ مەكتەپنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى. بۇ جايدىن سىرتقا چىقىش يۇرتىمىزدىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن يۇرتىمىزنى تېخىمۇ ياخشى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن» دېدى ئۇ.

قەلبىگە ئائىلىنى پۈكتى

8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى سەھەر سائەت 3تە، تېخى تاڭ ئاتمىغان بولسىمۇ، تيەنئەنمېن مەيدانى كىشىلەر بىلەن لىق تولغانىدى.

ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلۈۋاتقان بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراققا قاراپ مەينانىڭ كۆز ياشلىرى ئاقتى، «ئاشۇ پەيتتە، مەن ئۆزۈمنىڭ جۇڭگولۇق بولغانلىقىمدىن ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم.»

كۇچا شەھىرىنىڭ چىمەن بازىرىدىن كەلگەن ئابدۇللا ئەيسا قەددىنى رۇسلاپ تۇردى: دۆلەت شېئىرى ياڭرىشى بىلەنلا، كاللامغا پۈتۈنلەي تارىخ دەرسلىكىدىكى مەزمۇنلار − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ قۇرۇلۇشى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى، ئازادلىق ئۇرۇشى كەلدى... تارىختىن قوبۇل قىلغان كۈچنى ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى ئىشەنچكە ئايلاندۇرۇپ، قەدەمنى پۇختا ئېلىپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ماھارەتنى تاۋلايمەن.»

8 - ئاينىڭ 7 - كۈنى، مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيى «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قەدىمكى ئەسەرلەر كۆرگەزمىسى»نىڭ «بۈيۈك بىرلىك» بۆلىكىدە، مەينا بىر دانە مىس پۇل ئالدىدا خېلى ئۇزاق تۇردى.

مىس پۇل شىنجاڭدىن قېزىۋېلىنغان بولۇپ، قاراخانىيلار خانلىقى قۇيغان. مىس پۇلدىكى بىر قىسىم ئويما يېزىقنىڭ مەنىسى «تاۋغاچ خان»، يەنى «جۇڭگولۇق خان» دېگەن مەنىدە ئىدى.

مەينا يان تېلېفونىنى چىقىرىپ سۈرەتكە تارتىپ، سۈرەتنى دادىسىغا ئەۋەتىپ بەردى.

«دادامنىڭ قوغداۋاتقىنى دەل <جۇڭگو> دېگەن بۇ سۆز.» مەينا مۇنداق دېدى: دادام چېگرا چارلىغان يولدىكى ھەربىر چېگرا تېشىغا <جۇڭگو> دېگەن خەت ئويۇلغان.

كۆرگەزمە زالىدا، بالىلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىگە تونۇش نەرسىلەرنى ئىزدەۋاتاتتى. ئاسىلبېك قۇرمانباي «ماناس» كۆرگەزمە تاختىسى ئالدىدا توختىدى − بۇ، ئۇنىڭ بوۋىسى ياخشى كۆرۈپ ئېيتىدىغان قەھرىمانلىق قوشىقى ئىدى؛ ئېنكېزايا موڭغۇللارنىڭ باش بېزىكى ئالدىدا خېلى ئۇزاق تۇردى، مومىسى ئۇنىڭغا تۇرغۇت قەبىلىسىنىڭ شەرققە قايتىش ھېكايىسىنى نۇرغۇن قېتىم سۆزلەپ بەرگەنىدى... بالىلار ئىزدە - ئىزدە كۆرگەزمە زالىنىڭ ئاخىرىغا كېلىپ قالدى، بىر تامدا گۈللەر ئېچىلىپ كەتكەن بولۇپ، ھەر بىر تال گۈل بەرگىگە بىر كىتاب يوشۇرۇپ قويۇلغانىدى. چۈشەندۈرگۈچى مۇنداق دېدى: «بۇ تامنىڭ لايىھەلىنىشى گۈل بەرگى بىر - بىرىگە ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما گۈل بەرگى قەلبداش بولۇش، دېگەن بىر جۈملە سۆزدىن كەلگەن.»

تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش مەزگىلىدىكى بىر قېتىملىق دەرستە، بالىلار بىر بۆلەك سىن كۆرۈنۈشىنى كۆردى، مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى ماركسىزم شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرى كۇڭ شىنفېڭ بۇ يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى يېشىپ چۈشەندۈردى: «مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ جېنى.»

بالىلارنىڭ تولۇق ئاڭلاپ چۈشىنەلىشى ناتايىن، لېكىن ئۇلار مىللەتلەر مەدەنىيەت سارىيىدا كۆرگەن ئاشۇ مىس پۇل، سەددىچىن سېپىلىدا ئېيتقان دۆلەت شېئىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ مۇشۇ جۈملە سۆزدە ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ.

ئايىغىمىز ئاستىدا يول بار

8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى.

جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى بىر مەكتەپداش ھەدىنى − شىنجاڭدىن ئىمتىھان بېرىپ بېيجىڭ داشۆگە ئۆتكەن زىلالە ھېمىتنى تەكلىپ قىلدى. سەھنىدە تۇرۇپ زىلالە ئۆز ھېكايىسىنى سۆزلەپ بەردى: «يېرىم كېچىگىچە سۆزلۈك يادلاپ، سوئال ئىشلەپ ھالىمدىن كېتەتتىم. ئۆگىنىشتە ئاسان يول يوق، پەقەت پۇختا قەدەم ئېلىپ، قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.»

مەينا سەھنە تۆۋىنىدە ئولتۇرۇپ، سەددىچىن سېپىلىغا چىققان ئاشۇ كۈننى تۇيۇقسىز ئېسىگە ئالدى. شۇ كۈنى ئاپتاپ بەك كۈچلۈك بولغاچقا، تەرلەپ كىيىملىرى ھۆل بولۇپ كەتتى، ئۇ يېرىمىغا چىققاندا ۋاز كەچمەكچى بولدى، لېكىن ئەتراپىدىكى دوستلىرىنىڭ بىر - بىرلەپ ئۈستىگە چىقىپ بولغانلىقىنى كۆرۈپ، چىشىنى چىشلەپ، بىر پەلەمپەي - بىر پەلەمپەيدىن يۇقىرى ئۆرلەپ، ئاخىرىدا ئەڭ يۇقىرى جايغا چىقتى.

لاگېرنىڭ ئاياغلىشىش مۇراسىمىدا، ھەربىرەيلەن بىر پارچىدىن ئارزۇ كارتىسى يازدى.

«مېنىڭ شېنجېنغا بېرىپ داشۆدە ئوقۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە خې مۇئەللىمگە ئوخشاش ياردەم بەرگۈم بار» «مەن يۇرتۇمدىكى كىشىلەرنىڭ مەن ھەيدىگەن ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» «ياخشى ئوقۇپ، يۇرتۇمغا قايتقاندىن كېيىن ئېھتىياجلىق كىشىلەرگە ياردەم بېرىمەن»... ئابدۇلېتىپ بالىلارنىڭ ئارزۇ كارتىسىنى كۆرۈۋېتىپ، ئىختىيارسىز ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ بالىلار تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ قەلبىنى نۇرلاندۇرىدۇ.»

تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئاياغلاشتى، بالىلار ئارزۇلىرىنى ئېلىپ پامىر ئېگىزلىكىگە قايتتى. يېزا - بازارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيىدا مەينانى كىچىك دوستلار ئورۇۋېلىپ، ئۇنىڭ يان تېلېفونىدىكى سۈرەتلەرنى قايتا - قايتا كۆردى؛ ئابدۇللا بازاردا قوشنىلىرىغا تيەنئەنمېن مەيدانىدا نەچچە ئون مىڭ كىشى دۆلەت شېئىرىنى ئېيتقاندىكى ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى سۆزلەپ بەردى...

كەچقۇرۇن، ئەتراپ قاراڭغۇلۇققا چۆمدى. ئەڭ ئاخىرقى بىر بالا قولىنى پۇلاڭلاتقىنىچە يىراقلاپ كەتتى، تاغارما يېزىسىنىڭ يېزا - بازارلىق پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى جىمجىتلىققا چۆمدى. مەينا ئىشىك ئالدىدا تۇرغاندا، داۋاندىن كەلگەن شامال يۈزىگە ئۇرۇلدى، يىراقتا كۆرۈنۈپ تۇرغىنى دادىسى دائىم چارلايدىغان چېگرادىكى ئاشۇ تاغ ئىدى. كۈن پاتتى، ئانچە كۈچلۈك بولمىغان كۈن نۇرى يىراقتىكى تاغنى ئاپئاق يورۇتۇپ تۇراتتى.

مەينا كۆزىنى ئۇۋۇلىماقچى بولۇپ ئادەت خاراكتېرلىك قولىنى كۆتۈردى، قولى كۆزىنىڭ قۇيرۇقىغا كەلگەندە، يەنە قولىنى چۈشۈرۈۋالدى. مەينانىڭ كۆزى قىزارمىدى.

يېرىم ئاي ئىلگىرى ئۇ تۇنجى قېتىم شىنجاڭدىن ئايرىلغانىدى، ھازىر قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ قەلبىدە بىر نەرسە − بېيجىڭدىن ئېلىپ كەلگەن بىر دەستە ئارزۇ نۇرى كۆپەيدى، بۇ نۇر ئۇنىڭ كۆزىنى كۆيدۈرمەيدۇ، بەلكى ئۇنىڭ يولىنى يورىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.