—— ئالدىنقى يەتتە ئايدا شىنجاڭ تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم قايتا يۈكسىلىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇشىنىڭ ئارقىسىدا
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئۈرۈمچى تاموژنىسىنىڭ ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 335 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئاشقان؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 7 - ئايدىكى ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 68 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %70.4 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تاشقى سودىسىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقان. ئومۇمىي مىقدارنىڭ مۇقىم قايتا يۈكسىلىشىنىڭ ئارقىسىدا، غەربكە ئېچىۋېتىش يولى سىغىمىنىڭ سىجىل كېڭىيىشى، سودا قۇرۇلمىسىنىڭ سىجىل ئەلالىشىشى بار، شىنجاڭ تاشقى سودىسى تېخىمۇ يېتەرلىك ئەۋرىشىملىكى ۋە تېخىمۇ ئەمەلىي ئۈنۈمى بىلەن ئېچىۋېتىش يولىنى بارغانسېرى كېڭەيتمەكتە.
مۇقىم قايتا يۈكسەلدى
تاشقى سودا ئومۇمىي ھالىتىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى توپلاندى
بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تاشقى سودىسى مۇرەككەپ تاشقى مۇھىتتا ئىرادىنى ساقلاپ، مۇقىم بولۇش ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. رايون تاشقى سودىسى ماسلىشىپ كۈچ چىقاردى، نۇقتىلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى گەۋدىلىك بولدى، 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %9.6، %22.7، %16.9 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون تاشقى سودىسىنىڭ ئېشىشىدىكى يادرولۇق تايانچ كۈچكە ئايلاندى، رايون تاشقى سودا تەرەققىيات ئەندىزىسى سىجىل ئەلالاشتى.
مۇقىم ئېشىشنىڭ ئارقىسىدا، تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتقانلىقى بار. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ئىمپورت - ئېكسپورت خاتىرىسى بار كارخانا 3886 بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14.8 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە پۇقراۋى كارخانىلار، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانىلارنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %15.2، %29.8 ئاشتى. پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %95.2 بولدى، تاشقى سودا ئاساسىي ھالىتى مۇستەھكەم، مۇقىم بولدى؛ چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن ئىقتىدارى كۈچلۈك بولۇپ، ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %349.3 ئاشتى.
ئومۇمىي ھالەتنىڭ مۇقىم بولۇشى يەنە ئىمپورت - ئېكسپورت قۇرۇلمىسىنىڭ كۈنسېرى تەڭپۇڭلىشىشىدا گەۋدىلەندى. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭ ئىمپورت سوممىسىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئېكسپورتتىن 20.7 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆپ مىقدارلىق تاۋارلار جەمئىي 10 مىليون 787 مىڭ توننا ئىمپورت قىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %33 ئاشتى؛ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت سوممىسى 7 مىليارد 350 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %60.2 ئاشتى؛ ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىمپورت سوممىسى 2 مىليارد 580 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %225.9 ئېشىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ تەرەققىياتى ۋە بازارنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجىغا كۈچلۈك كاپالەتلىك قىلىپ، تاشقى سودىنىڭ مۇقىم ئېشىش ئاساسىنى پۇختىلىدى.
يول سىغىمى كېڭەيدى
غەربكە ئېچىۋېتىش تۈگۈنىنىڭ ئۈنۈمى جارى قىلدۇرۇلدى
ئومۇمىي مىقدارنىڭ مۇقىم بولۇشىنىڭ يىلتىزى يولنىڭ راۋان بولۇشىدا. غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى جۇشقۇن قۇۋۋەت پورت بىرىنچى سېپىدە جانلىق ئىسپاتلاندى.
8 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، ئاپتوموبىلغا ئىشلىتىلىدىغان 0 - نومۇرلۇق 150 توننا دېزىل مېيى لىق قاچىلانغان تەييار ماي باكلىق ئالتە ئاپتوموبىل ئەركەشتام پورتىدىن چىقىپ قىرغىزىستانغا قاراپ مېڭىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈر قۇرۇلۇشىنى مۇقىم ماي كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى؛ 8 - ئاينىڭ 4 - كۈنى، قاغىلىق ناھىيەسىدىن كەلتۈرۈلگەن 200 تۇياق تىرىك سىمېنتال كالىسى ئۆزبېكىستانغا ئوڭۇشلۇق ئېكسپورت قىلىنىپ، قەشقەر ۋىلايىتىدە تىرىك چارۋىلارنى ئۆز ئالدىغا كۆلەملەشتۈرۈپ ئېكسپورت قىلىش «يوق بولۇش ھالىتىنى بۇزۇپ تاشلاش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «تاموژنىنىڭ بىرگە بىر دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىشى بىزنىڭ تۇنجى قېتىم خەلقئارا بازار ئېچىشتىكى ئەندىشىمىزنى ئۈنۈملۈك تۈگەتتى» دېدى خۇالىڭ كالىچىلىق كەسپى قاغىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى جۈنپىڭ.
ئالاتاۋ پورتىدا، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يۇقىرى ئۈنۈمدە قاتنىماقتا. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، ئالاتاۋ تاموژنىسىنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى 4334 قېتىمغا يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.2 ئاشتى، قاتناش مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۆمۈريول پورتلىرى ئىچىدە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى.
ئالاتاۋ تاموژنىسى تۆمۈريول نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جېڭ شىن مۇنداق دېدى: تاموژنىمىز جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ كۆپ قاتناش ئالاھىدىلىكىنى نىشانلاپ، تاموژنا - تۆمۈريول ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ھەر بىر قېتىملىق جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تاموژنىدىن راۋان ئۆتۈشى، چېگرادىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك چىقىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
«بۇ يىل نۆۋەتچى پويىزنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپى تېخىمۇ راۋان، ۋاقىت ئۈنۈمى تېخىمۇ مۇقىم بولۇپ، بىزنىڭ چېگرا ھالقىغان كەسىپلەرنى كېڭەيتىشىمىزنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.» شىنجاڭ ئالاتاۋ جيېئەن ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ ۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شىركىتىمىز بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يەتتە ئېيىدا ۋاكالىتەن ماڭدۇرغان جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ توشۇش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تەخمىنەن %15 ئاشتى.
ئېچىۋېتىش سۇپىسىنىڭ قۇۋۋىتى ئوخشاشلا كۈچلۈك بولدى. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، قورغاس ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدا باجدىن خالىي كەسپلەرنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 4 مىليارد 860 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %80.9 ئاشتى. «پورتتىن بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش» ئەندىزىسىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، ئېكسپورت قىلىنىدىغان باجدىن خالىي ماللارنى توشۇيدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايوندىن چېگرادىن چىقىشىغىچە، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئىككى كۈندىن ئۈچ كۈنگىچە بولۇشتىن 0.5 كۈندىن 1.5 كۈنگىچە بولۇشقا قىسقاردى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ھالقىسى 15 تۈردىن بەش تۈرگە قىسقاردى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى تەخمىنەن %66 ئاشتى. «بىۋاسىتە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بىز بىر ئاپتوموبىل مالدا نۇرغۇن تەننەرخنى تېجەپ قالالايدىغان بولدۇق» دېدى شىنجاڭ جويا خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ۋاڭ شۇكەي.
سۈپەت ئۆستۈرۈلۈپ ئۈنۈم ئاشۇرۇلدى
قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخىمۇ تەڭپۇڭلىشىشقا يۈزلەندى
يول ئۇزارتىلدى، سۇپا زورايتىلدى، تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزگىرىش قۇرۇلما قاتلىمىدا بارلىققا كەلدى.
سودا شەكلى سىجىل ئەلالاشتۇرۇلدى. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.4 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %59.3 بولدى؛ تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشى بويىچە مال ئېكسپورتى %95.8 ئاشتى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرتكىسىدە، 7 - ئايدا جۇڭگو شىنجاڭنىڭ ئۆزبېكىستان بىلەن بولغان تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشى بويىچە مال ئېكسپورت قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %150.3 ئاشتى، پولات ماتېرىياللىرى، ھەممىباب ماشىنا - ئۈسكۈنە قاتارلىق ئۇل قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ئېكسپورت مىقدارى تېز ئاشتى.
بازار ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېخىمۇ كۆپ خىللىققا يۈزلەندى. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 292 مىليارد 360 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %87.2 بولۇپ، يادرولۇق بازار ئاساسىي ھالىتى مۇقىم بولدى؛ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى، ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىمپورت - ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %44.3، %112.3 ئاشتى، تاشقى سودا بازىرىنىڭ كۆپ خىل ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى سىجىل مۇكەممەللەشتى.
تاۋار قۇرۇلمىسىنىڭ دەرىجىسى سىجىل ئۆستۈرۈلدى. 1 - ئايدىن 7 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ماشىنا - ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرى ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.4 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتوموبىل پارچە زاپچاسلىرى، ئاپتوموبىل (تەگلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، توكچىلىق سايمانلىرى، ئېلېكتىرونلۇق زاپچاسلارنىڭ ئېكسپورت سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم - ئايرىم %22.3، %28.8، %30.3، %12.3 ئاشتى، ئېكسپورت قۇرۇلمىسى سىجىل تۈردە يۇقىرى دەرىجىلىكلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتتى.
شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جاۋ چىڭسۇڭ مۇنداق قارىدى: شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئومۇمىي مىقدارىدا ئېشىش ساقلاندى، سودا شەكلى تېخىمۇ كۆپ خىللاشتى، بازارنىڭ كۆپ خىللىشىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى، سودا قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى، بۇنىڭدىن كېيىن جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇرسەت بىلىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، مەملىكەت سىرتىدىكى ئامبارلار، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى قاتارلىق تاشقى سودا يېڭى ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرى تارىخىي پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، تاشقى ھۆددە قۇرۇلۇشى بويىچە مال ئېكسپورتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش داۋامىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئۇزاققىچە داۋاملىشىدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشىمىز كېرەك.






