تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، دەۋر يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈش

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى شاۋ يىبو، ۋېن شىن

مىسىر زۇڭتۇڭى سېسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتۈپ مىسىردا يەنە بىر قېتىم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقىغا توغرا كەلدى، بۇ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالدىنقىلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە ئىلھام بېرىش، ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ كېيىنكىلەرگە يول ئېچىشتا ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

دۇنيادىكى ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ دوستلۇق ئالاقىسى مىڭ يىلدىن ھالقىپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلدى. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرىلا، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى چوڭ مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىپ، مەدەنىيلىك سۆھبىتى قەدىمىي سەھىپىسىنى ئاچقان.

1956 - يىلى، مىسىر ئەرەب دۆلەتلىرى ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىچىدە باشلامچى بولۇپ يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتتى. 70 يىلدىن بۇيان، مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، بىر - بىرىگە ئىشىنىپ، ئۆزئارا ھەمدەم بولدى، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ دوستانە ئۆتۈش، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشىنىڭ ئۈلگىسى ۋە جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى، جۇڭگو − ئافرىقا دۆلەتلىرى كوللېكتىپ ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسىگە ئايلاندى.

بۇ يىل 5 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن جۇڭگو - مىسىر دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقنىڭ 70 يىللىقىنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش - ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش كۈچى، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچى، خەلقئارا تەسىر كۈچىگە تېخىمۇ ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشنى خالايمەن.

دۆلەت باشلىقى دىپلوماتىيەسىدە رول تۇتۇپ يول باشلىدى، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلەش كۈچىنى ياراتتى.

2014 - يىلى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى ئورتاق قارار قىلدى. 2016 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ مىسىردا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى. 2024 - يىلى، مىسىر تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش نىشانىنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قوشما باياناتىغا كىرگۈزگەن تۇنجى ئەرەب دۆلىتىگە ئايلاندى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى ئىككى تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك سورۇنلاردا كۆپ قېتىم ئۇچرىشىش ئۆتكۈزۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك خاراكتېرى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

«مىسىر يېڭى جۇڭگو بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان تۇنجى ئەرەب دۆلىتى ۋە ئافرىقا دۆلىتى، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ سېسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە باشتىن - ئاخىر بىر - بىرىنى قەتئىي قوللاپ، جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى.

ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇردى، جۇڭگو - مىسىر ھەمكارلىقىنىڭ تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى سىجىل كۈچەيتتى.

جۇڭگو بىلەن مىسىر ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر بولۇپ، دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت تارىخىي ۋەزىپىگە دۇچ كەلدى. سۇۋەيش ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق رايونى، يېڭى مەمۇرىي پايتەختتىكى مەركىزىي سودا رايونى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك تۈرلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، يېڭى ئېنېرگىيە، توكلۇق ئاپتوموبىل، ئاۋىياتسىيە - ئالەم قاتنىشى قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن مىسىرنىڭ «2030 - يىل ئارزۇسى» چوڭقۇر ئۇدۇللاشتى، ئىككى چوڭ مەدەنىي قەدىمىي دۆلەت بىر - بىرىنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.

2016 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ مىسىر قاھىرەدىكى ئەرەب دۆلەتلىرى ئىتتىپاقى باش ئىشتابىدا نۇتۇق سۆزلەپ، جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرى ئىككى تەرەپنىڭ «ئوتتۇرا شەرق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولغۇچى» «ئوتتۇرا شەرق سانائەتلىشىشىگە تۈرتكە بولغۇچى» بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، جۇڭگونىڭ مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن رايون تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى، شۇنداقلا جۇڭگو − ئەرەب دۆلەتلىرىنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشى، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇردى، جۇڭگو مىسىر قول تۇتۇشۇشىنىڭ خەلقئارا تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

جۇڭگو بىلەن مىسىر ئىككى دۆلەت «ئوخشاشلا دۇنيادىكى مەدەنىي قەدىمىي دۆلەتلەر ۋە يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ مۇھىم ئەزاسى» «تىنچلىققا ئىنتىلىش، تەرەققىياتنى كۆزلەش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەققانىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت دەۋر بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشى» كېرەك. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانى جۇڭگو بىلەن مىسىرنىڭ قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىشىنىڭ دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى نامايان قىلدى.

ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى كەڭ دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتى ۋە گۈللىنىشىنى قوللاشقىچە؛ كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداشتىن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقىچە ... جۇڭگو بىلەن مىسىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلار بىلەن زىچ ماسلىشىپ ۋە ھەمكارلىشىپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ئاكتىپ كۈچ توپلىدى.

مىسىردا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ سېسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا، رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. كىشىلەر بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو - مىسىر مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو - مىسىر دوستلۇق ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىپ، خەلقئارا ۋە رايون تىنچلىقى ھەم تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.