تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش

—— رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەردە ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىپ، رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى ۋە تۈرتكە بولدى

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى چياۋ جىخۇڭ، دېڭ چيەن، جوۋ سىيۈ

تەرەققىيات بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى ئاساسىي ئاچقۇچ.

«جۇڭگو تەرەپنىڭ دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، يېشىل، ساغلام بولغان دۇنياۋى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، تەشەببۇسنىڭ شۇ رايوندا ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.» 2022 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى سەمەرقەنت باشلىقلار يىغىنىدا شۇنداق دېدى.

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش يىلدىن بۇيان، دەۋر ئېقىمىغا ئۇيغۇنلىشىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ، تەرەققىيات مۇساپىسىدىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىسقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسى ئەزالىرىنىڭ يۈكسەك ئېتىراپ قىلىشى ۋە پائال ئاۋاز قوشۇشىغا ئېرىشتى.

بەش يىلدىن بۇيان، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر «شاڭخەي روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، ئەمەلىي ھەمكارلىق ئارقىلىق دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم ئىدىيەنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى، قوشنا دۆلەتلەر ھەمراھ بولىدىغان ئەمما ئىتتىپاق تۈزمەيدىغان، خەۋپسىزلىك ۋە مۇقىملىقنى ئورتاق قوغدايدىغان، تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭىچە رايون ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى، خەلقنىڭ بەختلىك، خۇشال ئۆتۈشى ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىسادىنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ۋە نەتىجىلەردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش

2013 - يىلىدىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر دۆلەت باشلىقلىرى كېڭىشى يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى.

«ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھرە بولغان تەرەققىيات قارىشىنى تەشەببۇس قىلىش»تىن «بۇ تەشكىلاتنى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق گۈللىنىش، روناق تېپىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئىشەنچلىك تايانچى قىلىپ بەرپا قىلىش»نى تەشەببۇس قىلىشقىچە؛ «ئېچىۋېتىش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش»نى تەشەببۇس قىلىشتىن «تەرەققىيات ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش»نى تەكىتلەشكىچە؛ ئىتتىپاق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، تىنچ، خاتىرجەم بولغان، گۈللىنىپ تەرەققىي قىلغان، ئىناق قوشنا بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، ئادىل، ھەققانىي بولغان ئورتاق ماكان قۇرۇشتىن، «ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش داۋامىدا رايون تەرەققىيات قۇۋۋىتىنى كۈچەيتىش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش»قىچە، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى توغرىسىدىكى ئۇلۇغۋار پىلانى ۋە تەپەككۇرىدا، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى باشتىن - ئاخىر كۆزدە تۇتۇپ، تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىگە باشتىن - ئاخىر كۆڭۈل بۆلۈپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتى ئۈچۈن پۇرسەت يارىتىش، ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشقا كۈچ چىقاردى.

بەش يىل ئىلگىرى، جۇغراپىيەلىك توقۇنۇش كەسكىنلەشكەن، سودا سۈركىلىشى تېز كۆپەيگەن، دۇنياۋى ئىقتىسادنىڭ ئېنىقسىزلىقى ئاشقان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئالدىدا، رەئىس شى جىنپىڭ 76 - نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ ئادەتتىكى مۇنازىرىسىدە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن «جۇڭگو لايىھەسى»نى تەقدىم قىلدى.

«تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇش» «خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش» «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» «يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش» «ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇش» «ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش» − دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدىكى ئالتە «چىڭ تۇرۇش»نىڭ يادرولۇق مەزمۇنىنىڭ ھەممىسىدە «تەرەققىيات ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ مەھرۇم قىلىشقا بولمايدىغان ھوقۇقى» ئىكەنلىكى تەكىتلەندى، بۇ، «شاڭخەي روھى»دىكى «ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەش» بىلەن يۈكسەك ماس كېلىدۇ.

«دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ رېئال ئېھتىياجىغا ئۇيغۇن ھەم كەڭ ھەمكارلىق تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەتلەرگە ئورتاق تەرەققىيات پۇرسىتى يارىتىپ بەردى» دېدى «قازاقىستان ئوقەتچىلىك گېزىتى»نىڭ باش مۇھەررىرى سېرىك كېرىمبايېف.

«يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى»نى بەرپا قىلىش تەشەببۇسىنى قوللاشتىن، دىققەتنى ئاشلىق، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشقا مەركەزلەشتۈرۈشكىچە، ئىتتىپاقلىشىپ دۇنيانىڭ ئادىللىقى، ئىناقلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويۇشتىن، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلىشقىچە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى رايون تەرەققىيات مۇساپىسىگە سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەمەلىيەت يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

ئەزەربەيجان جۇڭگو تەشەببۇسى، تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ئەمىن گاشىموف مۇنداق قارىدى: بەش يىلدىن بۇيان، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ مۇھىملىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر «تەرەققىيات ئىقتىدارىنى ئورتاق ئۆستۈرۈش»كە كۈچ سەرپ قىلدى، بۇنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدا ئەھمىيىتى زور.

دۇنياۋى ھەمكارلىق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىش

«بىز باشلامچىلىق بىلەن <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىقىنى يولغا قويدۇق، زور بىر تۈركۈم بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە <ئاددىي ھەم گۈزەل> خەلق تۇرمۇشى تۈرلىرى ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى، كەسىپلەرگە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى پائال ئالغا سىلجىتىلدى، رايوننىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى تېخىمۇ يېتەرلىك بولدى. مەن ئوتتۇرىغا قويغان جۇڭگو تەرەپنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان جەمئىي سودا سوممىسىنى 2 تىرىليون 300 مىليارد دوللاردىن ئاشۇرۇش نىشانى مۇددەتتىن بۇرۇن ئىشقا ئاشتى. ئىستېرېئولۇق ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئېچىلغان خەلقئارا تاشيول تىرانسپورت لىنىيەسى 14 مىڭ كىلومېتىرغا يېقىنلاشتى، قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى جەمئىي 110 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى.» 2025 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا ھەمكارلىق تەرەققىياتىدىكى مول نەتىجىلەرنى تەپسىلىي ساناپ ئۆتتى.

بەش يىلدىن بۇيان، جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنى دۇنياۋىلاشتۇرۇش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقى «تورت»ىنى چوڭايتىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپكە ئېرىشتۈردى.

دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ تۈرتكىسىدە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ئىستېرېئولۇق، كۆپ خىل ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش تورى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى. كاسپىي دېڭىزىدىن ھالقىغان خەلقئارا تىرانسپورت كارىدورىنىڭ تىرانسپورت كۈچى تېز ئاشتى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى ئەمەلىي گەۋدە قۇرۇلۇشىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش باسقۇچىغا كىردى، جۇڭگو - تاجىكىستان تاشيولى تۈرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلدى... تېخىمۇ زىچ تۆمۈريول، تاشيول ھەم كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت تورى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى جۇغراپىيەلىك توسالغۇنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قاتناش تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى ھەم يانداش كەسىپلەرنىڭ قۇرۇلۇشى، توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «قاتناش كارىدورى»نى «ئىقتىساد كارىدورى»غا ئايلاندۇردى.

«قىرغىزىستاندىن ئىبارەت ئىچكى قۇرۇقلۇقتىكى بۇ تاغلىق دۆلەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتناشنىڭ قولايلىشىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى ئاچقۇچلۇق ئامىل» دېدى قىرغىزىستانلىق ئىقتىسادشۇناس تولۇنبېك ئابدىروف.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش ۋە تەرەققىيات بويىچە تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش كۇرسىدا، بېلارۇسىيە، ئەرمېنىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن كۇرسانتلار جۇڭگونىڭ نامرات نوپۇسنى ئازايتىش جەھەتتىكى تەجرىبىلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگەندى؛ جۇڭگو - پاكىستان كارخانىلىرى ئورتاق سىناق قىلغان، تاللاپ چىققان شالغۇت قىچا يېڭى سورتى پاكىستاندا شۇ جايدىكى دېھقانلارغا يېڭى پايدا ئېلىپ كەلدى؛ جۇڭگو بىلەن موڭغۇلىيە دۆلىتى چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ھەمكارلىق مەركىزى قۇرۇپ، موڭغۇلىيە دۆلىتىنىڭ «1 مىليارد تۈپ كۆچەت پىلانى»نى قوللىدى... نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكى قاتارلىق «ئاددىي ھەم گۈزەل» تۈرلەر قەلبلەرگە سىڭىشىپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىدا تەشەببۇس قىلىنغان «خەلقنى مەركەز قىلىش» «ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولۇش» قاتارلىق ئىدىيەلەرنى روشەن نامايان قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت خەلق ئاممىسىنى تەرەققىيات مېۋىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈردى.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «رايوندىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنى ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش بىزنىڭ قەتئىي ئىرادە بىلەن ئىنتىلىدىغان ئورتاق نىشانىمىز.» ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق، رەئىس شى جىنپىڭ بۇلتۇر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان ئېھتىياجى بار ئەزا دۆلەتلەردە 100 «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويۇش پىلانى بويىچە بۈگۈنكى كۈندە تۇرغۇزۇلغان تۈر ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئاشتى.

ئۆزبېكىستان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇختور ئوماروف مۇنداق قارىدى: بىۋاسىتە ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئىگە تۈرلەر تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ تۈرلەر «ئاددىي ھەم گۈزەل، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، ئۈنۈمى تېز» بولۇپ، ئادەتتىكى ئاممىغا ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرىدۇ.

بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرۇش، كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش داۋامىدا زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئاتلىنىش

مىسىردىكى سۇۋەيىش قانىلى بويىدىكى سانائەت باغچە رايونىدا، «بېيدوۋ» ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى بىلەن «بىر تور، بىر بۇلۇت، بىر سۇپا» كارخانىلارنى رەقەملىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىدى؛ ئىچكى موڭغۇل گەنچىماۋدۇ پورتى شوپۇرسىز ئاپتوماتىك يول باشلاش ئاپتوموبىلىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ئارقىلىق، جۇڭگو - موڭغۇلىيە دۆلىتى چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورتىدا 30 سېكۇنتتا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ ئوتتۇرا ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا، جاناتاس شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تۇرگۇسۇن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى قاتارلىق تۈرلەر پاكىز ئېنېرگىيە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغاتتى... شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ يېشىل، تېخىمۇ ئەقلىي ئىقتىدارلىق بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ تەرەققىي قىلىپ، ئەقلىي ئىقتىدار دەۋرىنىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن ئورتاق بەھرىلەندى.

«زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بۇ تەشكىلاتقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق نىشانى.» رەئىس شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى.

ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشتىكى سەككىز تۈرلۈك ھەرىكەتنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى، يەرلىك ئىقتىساد - سودا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئېكولوگىيە - مۇھىت قوغداش يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ رايون ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقى قۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات تەجرىبىلىرى ۋە ئەڭ يېڭى تېخنىكا نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشكىچە، يەنە ئەزا دۆلەتلەردە ئون «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» قۇرۇپ، شۇ جاينىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە كۈچ قوشۇشقىچە، كۆپ يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۈچ چىقاردى.

مىسىر پىرامىدا سىياسىي ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ئەھمەد كەندىل مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ يېشىل يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆز جايىنىڭ ئىقتىدار قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشىنى ھەم شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى بىلەن ھازىر بار بولغان خەلقئارا مېخانىزم ئارىسىدىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سۆز ھوقۇقى ۋە ۋەكىللىك خاراكتېرىنى ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

پاكىستان جەنۇب پەن ۋە تېخنىكا ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش كومىتېتى ئىسلامئاباد داشۆ جۇڭگو تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سادىيە ھەيدەر مۇنداق قارىدى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش سۇپىسى بولۇپ، «ئوخشاش بولمىغان سىياسىي تۈزۈلمىدىكى دۆلەت ۋە ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ قانداق قىلىپ ھېچقانداق قوشۇمچە شەرت قويماسلىق ئالدىنقى شەرتىدە، ئورتاق نىشاننى چۆرىدەپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى».

ئىرادىلىك كىشىلەر ئۈچۈن يېتىپ بارالمايدىغان مەنزىل يوق. 2026 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە «شاڭخەي روھى»غا يەنىمۇ ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پائال تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن جۇشقۇن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.