شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئاخبارات ئىشخانىسى ئاچقان «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش ۋە سىڭىشىش» ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دىققەتنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، رايونلارنى ماسلاشتۇرۇش، غەربكە ئېچىۋېتىش، بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىدىن ئىبارەت بەش جەھەتتە نۇقتىلىق كۈچەپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىدىكەن ۋە سىڭىشىدىكەن.
پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭغا دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى بېكىتىپ بەردى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر توختى راخمان مۇنداق تونۇشتۇردى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ «نىسپىي بېكىنمە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونى»دىن «سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى»گە ئايلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتا قۇرۇلۇشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى كونكرېت ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، بەش چوڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىنى ئەمەلىي تۇتىدۇ.
ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويىدۇ. «ئىككى مۇھىم» تۈرنى ئەلالاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، دىققەتنى «ئالتە تور» ۋە ئۇنىۋېرسال ئىستېرېئولۇق قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ - چوڭ بەلگە خاراكتېرلىك بىر تۈركۈم قۇرۇلۇشلارنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەبلەغ سېلىش ۋە تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، خەلق ئىچى سېلىنمىسىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئىستېمالنى جانلاندۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى سىجىل يولغا قويۇپ، تاۋار ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كۆپ مىقدارلىق ئىستېمالنى مۇستەھكەملەپ، چېگرادىن كىرىپ ئىستېمال قىلىشنىڭ ئېشىش مىقدارىنى زورايتىپ، «يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»تىن ئىبارەت پۈتۈن زەنجىرلىك ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىستېمالنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. يېشىل خىمىيە سانائىتى، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش قاتارلىق ئەنئەنىۋى كەسىپ زەنجىرلىرىنى ئۇزارتىش، توقۇمىچىلىق، كىيىم - كېچەك، مەدەنىيەت - ساياھەت قاتارلىق خاس كەسىپ زەنجىرلىرىنى كۈچەيتىش، يېڭى ماتېرىيال، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، ئىلغار جابدۇق قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ زەنجىرلىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بىيوياسىمىچىلىق، يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى قاتارلىق كېلەچەك كەسىپلەرنى ئالدىن كۆرەرلىك بىلەن ئورۇنلاشتۇرىدۇ.
دۆلەت ئىچى چوڭ ئايلىنىش يوشۇرۇن كۈچى بوشلۇقىنى كېڭەيتىدۇ. شەرقىي قىسىم بىلەن غەربىي قىسىم ھەمكارلىقىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، شەرقىي، ئوتتۇرا قىسىم رايونلار، بولۇپمۇ شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمتۈرتكە بولۇش ۋە كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىدۇ. رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى ئىقتىساد بەلبېغى، تارىمنى چۆرىدىگەن ئىقتىساد بەلبېغى، چېگرا رايونلارنىڭ شارائىت ئۈستۈنلۈكى ۋە سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىت ۋە شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رايونغا ۋە تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ، رايونلار ئارا، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ئارا ھەمتۈرتكىلىك يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. شەھەر - يېزا ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرىدۇ.
دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت قوش ئايلىنىشقا چوڭقۇر قاتنىشىدۇ. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىنى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىپ، دۆلەت جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قاتارلىقلارغا بېكىتىپ بەرگەن ئالاھىدە سىياسەتتىن ياخشى پايدىلىنىپ، «شەرقىي قىسىم كارخانىلىرى + غەربىي قىسىم سۇپىلىرى + دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا بازار» قاتارلىق ھەمكارلىق ئۇسۇللىرىنى يولغا قويۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان يەرلىكلەر ئارا ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق سۇپىلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەۋزەل مەھسۇلاتلارنى «سىرتقا چىقىرىش» دائىرىسىنى كېڭەيتىدۇ.
نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەيدۇ. «مۇقىم» بولۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ئومۇمىيىتىنىڭ سىجىل مۇقىم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ. مەۋقەنى شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇپ، ئاشلىق ۋە مۇھىم دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ ھوسۇلىنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش - ئېچىش ۋە زاپاس ساقلاشنى كۈچەيتىدۇ. نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.






