داۋالاش كاپالىتى قانۇنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك قانۇنى قاتارلىقلار ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى، لى چاڭگۇەننى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى
شى جىنپىڭ رەئىس بۇيرۇقى ئىمزالىدى
جاۋ لېجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24 - يىغىنى 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ خەلق سارىيىدا يېپىلدى. يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، داۋالاش كاپالىتى قانۇنى، تېرىلغۇ يەرنى قوغداش ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش قانۇنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن يېزا ئىگىلىك قانۇنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن دۆلەت مۇداپىئە سەپەرۋەرلىك قانۇنى ماقۇللاندى، ئادۋوكاتلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارار ماقۇللاندى؛ لۇ جىيۈەننى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، لى چاڭگۇەننى خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرلىقىغا تەيىنلەش قارار قىلىندى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 80 -، 81 -، 82 -، 83 -، 84 -، 85 - نومۇرلۇق رەئىس بۇيرۇقىنى ئايرىم - ئايرىم ئىمزالىدى. كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى يېپىلىش يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 150 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، قاتناشقانلار سانى قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋېنگىرىيەنىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى»نى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، جاڭ يوۋشيانى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش، ليۇ جېنلىنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق، نى يۆفېڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزالىقىغا تەيىنلەندى؛ شياۋ پېي، فۇ كۇي دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، جاۋ شىيۇڭ، جاڭ جۇڭ دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىقىغا تەيىنلەندى؛ شېن لياڭ ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىق، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق، 5 - سەييارە سوت كوللېگىيەسىنىڭ باشلىقلىق، سوتچىلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى، داڭ گۇاڭسو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىقىغا، سوت كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، سوتچىلىققا تەيىنلەندى.
يىغىندا يەنە ۋەزىپىگە تەيىنلەش، ۋەزىپىدىن قالدۇرۇشقا ئالاقىدار باشقا لايىھە ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرى لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭمىڭ، شياۋ جيې، جېڭ جيەنباڭ، دىڭ جۇڭلى، خاۋ مىڭجىن، سەي دافېڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، تيې نىڭ، پېڭ چىڭخۇا، جاڭ چىڭۋېي، لوساڭ جياڭسۈن، شۆھرەت زاكىر، باش كاتىپ ليۇ چى يىغىنغا قاتناشتى.
دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ليۇ جىنگو، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جۈن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باش تەپتىشى يىڭ يۇڭ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرى، ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرىدىكى قىسمەن ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قىسمەن ۋەكىللىرى، ئالاقىدار تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يېپىلىش يىغىنىدىن كېيىن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24 - قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى، كومىتېت باشلىقى جاۋ لېجى رىياسەتچىلىك قىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مىنىستىر ۋاڭ شياۋپىڭ «باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم بايانلىرىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.






