□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما جويەن
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى جاپاروفنىڭ تەكلىپى بىلەن، پات ئارىدا قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. بۇ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 3 - قېتىم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشى.
جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان ئىككى دۆلەت چىش بىلەن كالپۇكتەك يېقىن ياخشى قوشنا، تەقدىرداش ياخشى ھەمراھ، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان ياخشى دوست.
2023 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ شىئەندە جۇڭگوغا جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىش ھەم دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش توغرىسىدا مۇھىم كۆرسەتمە بەردى: «جۇڭگو تەرەپ قىرغىزىستان تەرەپ بىلەن ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتىدىغان، گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.»
ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.
جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئالاقىلىشىش تارىخى ئۇزاق، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشىگە گۇۋاھ بولدى. 1992 - يىلى، دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستان تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئىجابىي، ساغلام، پۇختا ھالدا ئالغا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
رەئىس شى جىنپىڭ 2013 - يىلى تۇنجى قېتىم قىرغىزىستاندا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولغان مەزگىلدە ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن تارتىپ، 2018 - يىلى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈلۈشىگىچە، يەنە 2023 - يىلى يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىگىچە... يېڭى دەۋردىن بۇيان، جۇڭگو - قىرغىزىستان مۇناسىۋىتىدە ھالقىما تەرەققىيات ئىشقا ئاشۇرۇلدى. 2025 - يىلى، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن ئۈچ قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان ھەمكارلىقىنىڭ تېز تەرەققىيات «ئالتۇن مەزگىلى»گە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
«بىز پەقەت ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتساقلا، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ دوستلۇق ئىشلىرى مۇقەررەر ھالدا ھەيۋەتلىك تىيانشاندىكى مەزمۇت ۋە ئېگىز ئۆسكەن تىيانشان شەمشادلىرىدەك بۈك - باراقسان ئاينىپ، تۆت پەسىلنىڭ ھەممىسىدە كۆكىرىپ تۇرىدۇ.» رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو - قىرغىزىستان دوستلۇقىغا قارىتا ئۈمىدكە تولدى.
گۈللىنىشتىن ئورتاق بەھرىلىنىشتە دۆلەتنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يولىدا قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ھەمكارلىق ئارقىلىق ئورتاق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
2025 - يىلى 2 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككى تەرەپ پىكىر يولىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى يۇقىرى سۈپەتلىك ئورتاق بەرپا قىلىشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.»
«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن قىرغىزىستاننىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ چوڭقۇر ئۇدۇللىشىشىغا ئەگىشىپ، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى، بارسكون - بەدەل تاشيولى تۈرى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلار ۋە «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، جۇڭگو − قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە كۈچ قوشتى.
2025 - يىلى جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ سودا سوممىسى 27 مىليارد 200 مىليون دوللارغا يېتىپ، 2024 - يىلىدىكىدىن %19.8 ئاشتى؛ پورتتا 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش قولايلىق سىياسىتى ئىككى دۆلەت ئارىسىدا بېرىپ كېلىپ چېگرا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغۇچىلارنىڭ «سۈرئىتىنى تېزلەتتى»؛ لۇبەن ھۈنەرخانىسى، كۇڭزى شۆيۈەنى قىرغىزىستاندىكى بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشى، ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىدىكى كۆزنەك بولۇپ قالدى... ئىقتىساد - سودا، ئادىمىيەت قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە، جۇڭگو بىلەن قىرغىزىستاننىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى ھەممە جايدا يۇقىرى سۈپەتنى نامايان قىلماقتا.
زۇڭتۇڭ جاپاروف رەئىس شى جىنپىڭغا چىن قەلبىدىن مۇنداق بىلدۈردى: «جۇڭگودا قەدىمكىلەرنىڭ مۇنداق بىر سۆزى بار: <قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتۈش، دوستانە ئۆتۈش − دۆلەتنىڭ ئەڭگۈشتەرى.> قىرغىزىستاننىڭ ئەڭ قىممەتلىك ئەۋزەللىكى جۇڭگو بىلەن قوشنا بولغانلىقىدا.»
2025 - يىلى 6 - ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى مەزگىلىدە «ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلىشىشنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى چوڭقۇر بايان قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى بىلەن مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسىنى ئورتاق ئىمزالىدى، بۇ، ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتى تارىخىدىكى يېڭى ئابىدە بولۇپ قالدى.
ئىككى تەرەپ دوستلۇق ھەمكارلىقىنىڭ ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈشتىن، رايون تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى پىلانلاشقىچە، جۇڭگو ئىناق قوشنىدارچىلىق، تىنچ قوشنىدارچىلىق، باي قوشنىدارچىلىق سىياسىتىنى يولغا قويۇشنى، يېقىن ئۆتۈش، سەمىمىي بولۇش، مەنپەئەت يەتكۈزۈش، سىغدۇرۇشچان بولۇش ئىدىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى. «جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنى ئۈزلۈكسىز يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەش، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كېلىش»، ئورتاق تەرەققىي قىلىش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشكە بولغان بۇ ئىنتىلىش چوڭ دۆلەت داھىيسىنىڭ قوشنا دۆلەتلەر بىلەن يېقىن ئۆتىدىغان، دوستانە ئۆتىدىغان، ھەممە دۆلەتلەر بىلەن ئىناق ئۆتىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلماقتا.
قىرغىزىستاندا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ جاپاروف بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھەمدە خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ. شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو - قىرغىزىستان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى يەنىمۇ بېيىيدۇ، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان يىپەك يولى دوستلۇقى مۇقەررەر ھالدا كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچىدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






