− ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىم رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىزاڭنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسىدە يۈزبەرگەن لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتىدە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى
□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى ليۇ يى، خۇاڭ يىچېن، ليۇ يەنمىڭ
بۇ، بىر قېتىملىق تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئاپەت: 8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 10دىن 30 مىنۇتلار ئۆتكەندە، نېپال تەرەپتە لاتقا - شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈزبېرىش سەۋەبىدىن، شىزاڭ رېكازې شەھىرىنىڭ جىلۇڭ ناھىيەسى جىلۇڭ پورتىدا ئېغىر دەرىجىدە ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىش كۆرۈلدى، ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى ھەم دەرھال مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىرقى جىددىي ئىش ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىزدەپ - قۇتقۇزۇپ، ئاپەت تەھدىتىگە ئۇچرىغان ئاممىنى يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشنى چىڭ تۇتۇپ، ئادەم ئۆلۈش - يارىلىنىشنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئازايتىش كېرەك. كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتىپ، ئىلمىي قۇتقۇزۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت يۈزبېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇردى! شىزاڭ ھەربىي رايونى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە ئىنكاس قايتۇردى! ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى نەچچە يۈز ئوفىتسېر - ئەسكەر بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە ئاتلىنىپ، ھىمالايا تېغىنىڭ ئوتتۇرا بۆلىكىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىكى جىلۇڭ پورتىغا قاراپ يول ئالدى.
( 1 )
8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 11دىن 50 مىنۇتلار ئۆتكەندە، قوراللىق ساقچى قىسىم رېكازې تارماق ئەترىتىنىڭ جىلۇڭ بازىرىدا تۇرۇۋاتقان ئوفىتسېر - ئەسكەرلىرى ئالدىن بېرىپ جىلۇڭ پورتىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى. ليۇ لاچۇن ۋە ئىككى رازۋېدكىچى پورتقا ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، لاتقا - شېغىللىق ئېقىن بېسىپ كېتىپ، دەريا ۋادىسى ئارىسىدىكى دۆلەت يولى 216 - لىنىيەسىنى توسۇۋالغانلىقىنى كۆردى.
شىزاڭ ھەربىي رايونى جىلۇڭ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى لىن جىڭيى، گۇڭگا جياسەن، لۇ بىن، ۋېي شياۋلياڭ قاتارلىق تۆت ئوفىتسېر - ئەسكەرمۇ بۇ جايدا توختىدى. يول بولمىغاچقا، ئۇلار ئىككى تەرەپتىكى تاغقا يامىشىشنى باشلىدى، تاغ قىرىنى بويلاپ داۋاملىق ئىچكىرىلەپ كىردى، ئارقىدىن رازۋېدكا نەتىجىسىنى يۇقىرىغا مەلۇم قىلدى.
كۆپ خىل يول ئۇچۇرلىرى غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزىگە توپلاندى، ھەرقايسى ئورۇنلار جىددىي، تەرتىپلىك بولۇپ، ئاپەت رايونىدىكى ئەسكىرىي كۈچ، داۋالاش، قاتناش قاتارلىق ئەمەلىي ئەھۋاللارغا بىرلەشتۈرۈپ، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلدى −
شىزاڭ ھەربىي رايونى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق گۇرۇپپىسىنى نەق مەيدانغا بېرىشقا ئەۋەتتى ھەم جىددىي تاقابىل تۇرۇش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى جىددىي ھەرىكەتكە ئاتلاندۇردى؛ شىزاڭ رېكازې شۆبە ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىدىكى 130 نەچچە كىشى ۋە قۇرۇلۇش ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرى ھەرىكەتكە ئاتلىنىش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى؛ قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى رېكازې تارماق ئەترىتىدىكى 140 نەچچە ئوفىتسېر - ئەسكەر كەسپىي ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى...
ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى بۇيرۇقنى ئاڭلاپ كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئالدىن سىگنال بېرىشنى كۈچەيتتى. سۈنئىي ھەمراھ بۇلۇت خەرىتىسى، رادار قايتما دولقۇنى، يەر يۈزى كۆزىتىش پونكىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتى ۋە سانلىق قىممەتتىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەھسۇلاتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئېگىزلىك مېتېئورولوگىيەسى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقىنىغا 20 يىلغا يېقىن بولغان گەن دۇڭ تايانچلارنى يېتەكلەپ ھۆكۈم قىلىشنى قانات يايدۇردى.
«چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىنىڭ دەل يامغۇر پەسلى بولۇپ، چۈشتىن كېيىن قارشى ئېقىم تېز ئەۋج ئالىدۇ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە ئاسانلا يىغىندى يامغۇر بۇلۇتى ۋە گۈلدۈرمامىلىق يامغۇرلۇق ھاۋارايى كۆرۈلىدۇ.» گەن دۇڭ مۇنداق دېدى: «ھاۋارايى كاپالىتىدە تىرانسپورت ئايروپىلانى، تىك ئۇچار ئايروپىلان، ئادەمسىز ئۇچقۇ قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان ئايروپىلان تىپلىرىنى ئەمەلىي ۋاقىتتا تېز سۈرئەتتە يېڭىلاش كېرەك.»
8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى سائەت 20لەردە، ئېگىزلىكتىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدا قىسقا ۋاقىتلىق تۇراقلىق ھاۋارايى كۆرۈلدى، ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئادەمسىز ئۇچقۇسى ئۇچۇشقا بولىدىغان ۋاقىت كۆزنىكىنى چىڭ تۇتۇپ، جىلۇڭ پورتىغا ئۇچۇپ بېرىپ رازۋېدكا قىلدى.
بۇ چاغدا، رېكازې شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى جىلۇڭ پورتى شۆبە ئىدارىسىدە ۋاقىتلىق قوماندانلىق ئورنى قۇرۇلۇپ، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى بىرتۇتاش ماسلاشتۇرۇلغانىدى. لىن جىڭيى، ليۇ لاچۇن چۈشتىن كېيىن پورت يۆنىلىشىدىكى نەق مەيدانغا قايتا - قايتا چوڭقۇر چۆكۈپ رازۋېدكا ئەھۋالىنى دوكلات قىلدى: جىلۇڭ پورتىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىدا توسۇلما كۆل پەيدا بوپتۇ، گېئولوگىيەسى تۇراقسىز بولۇپ، تۆۋەن ئېقىندىكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشكە تەھدىت پەيدا قىپتۇ، يول ئېچىشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى ناھايىتى زور ئىكەن.
«ئاخىرقى چەك تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، بىز مەۋقەنى ئەڭ قىيىن ئەھۋالغا قويۇپ، ۋەزىپىگە تەييارلىق قىلدۇق.» رېكازې شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ رەھبىرى مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىرىنچى، سىرتتىكى بارلىق خادىملارنى قايتۇرۇپ كېلىپ، تەشكىللەش، قوماندانلىق قىلىشنى كۈچەيتتۇق؛ ئىككىنچى، ئالدىنقى سەپتە كۆزىتىش قاراۋۇلى تەسىس قىلىپ، ئاپەت ئەھۋالىنى يېقىندىن كۆزىتىپ ئۆلچىدۇق؛ ئۈچىنچى، شۆبە رايوندىكى 130 نەچچە كىشىلىك ياردەمچى كۈچ قۇرۇلۇش ماشىنا - ئۈسكۈنىلىرىنى ئېلىپ جىلۇڭ بازىرىغا يېتىپ بېرىپ، ئاۋانگارت قىسىم بىلەن بىرلىكتە خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىشنى قانات يايدۇردى.»
( 2 )
بۇ كېچە جەزمەن ئۇيقۇسىز كېچە بولىدۇ.
8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سەھەردە، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننى پىلان بويىچە ئىشقا سېلىپ، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەرنى ئېلىپ شىزاڭغا دەرھال يېتىپ بېرىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالدى.
ئاپەت ئەھۋالىنىڭ ئۆزى بۇيرۇق. ئاپەت يۈزبەرگەندىن كېيىن، بۇ قىسىم قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتكەن كۆپلىگەن ئايروپىلان گۇرۇپپىلىرىنى تاللاپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يىرىك پىلانى، ئېگىزلىك ھاۋارايى، زاپاس ئايرودۇرۇم قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەتقىقاتنى قانات يايدۇردى. ئايروپىلان خادىملىرى ئايروپىلانلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ، ئالاقىدار پارامېتىرلارنى سىناق قىلىپ تەڭشىدى ھەم يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىشنى تەشكىللەپ، ماددىي ئەشيالارنى مۇقىملاشتۇرۇش قۇرۇلمىسى، داۋالاش - قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى قاتارلىقلارنى قوشۇپ ئورناتتى.
«يۇقىرى ئېگىزلىك ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئادەتتە بىزنىڭ نۇقتىلىق مەشىق تۈرىمىز.» يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلاننى ھەيدەيدىغان ئايروپىلان باشلىقى مۇنداق دېدى: «بىز ھەر ۋاقىت تەييار تۇردۇق.»
كېچىلەپ تاللاپ تەشكىللەنگەن جەڭ رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكىلەر سائەت 8دىن 02 مىنۇت ئۆتكەندە يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ غەربىي جەنۇبتىكى مەلۇم ئايرودۇرۇمدىن ئۇچتى. ئارمىيە بىلەن يەرلىك ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ ۋاقىت كۆزنىكىنى ماسلاشتۇرۇپ پىلانلىشى ئارقىلىق، يۈن - 20 تىپلىق ئايروپىلان گۇرۇپپىسى ھاۋا بوشلۇقىدا سۈرئەتنى تېزلىتىپ يېقىنلىشىپ، ئېقىم مىقدارى كۆپ ۋاقىت بۆلىكىدىن ئۆزىنى چەتكە ئېلىپ، سائەت 10لاردا شىزاڭدىكى مەلۇم ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىغا مۇددەتتىن بۇرۇن يېتىپ باردى.
ئۇرۇش رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى دەرھال نەق مەيدانغا ئاتلىنىپ، ئارمىيەنىڭ تۈرلۈك قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرىنى ئومۇميۈزلۈك بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇردى، خەتەردىن قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرما قىلدى −
شىزاڭ ھەربىي رايونى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق گۇرۇپپىسى نەق مەيداندا ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، ۋەزىيەتكە ھۆكۈم قىلىپ، شۇ جايغا ماسلىشىپ تۈرلۈك خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئالغا سىلجىتتى؛ ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىن جەمئىي 500دىن ئارتۇق ئادەم قېتىم، نەچچە ئون ئاپتوموبىل قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ھەرىكىتىگە ئاتلاندى؛ شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم لۈيىنىڭ يۆتكەپ توشۇيدىغان تۇنجى ماددىي ئەشيا ئاپتوموبىلى سەھەردە جىلۇڭ بازىرىغا يېتىپ بېرىپ، پاختىلىق چېدىر، قاتلىنىدىغان كارىۋات، نەملىكتىن ساقلاش سېلىنچىسى قاتارلىق 9000دىن ئارتۇق ماددىي ئەشيانى تېزلىكتە ئالدىن يۆتكەپ توشۇدى؛ شىزاڭ ھەربىي رايونى باش دوختۇرخانىسىنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش داۋالاش ئەترىتى جىددىي ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي ئوپېراتسىيە قىلىش، ئېغىر يارىلانغانلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاشقا ئالاقىدار داۋالاش ئەسلىھەلىرىنى تولۇق سەپلەپ، يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتتى.
يول، توك، تور ئۈزۈلۈپ قالغان شارائىتتا، كىشىلەرنىڭ ئەڭ ئەنسىرەيدىغىنى يەنىلا ئاپەتكە ئۇچرىغان يادرولۇق رايوندىكى ئەھۋال ئىدى. 8 - ئاينىڭ 27 - كۈنى سائەت 13 ئەتراپىدا، ئاسماندىن گۈرۈلدىگەن ئاۋاز ئاڭلاندى، شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قۇرۇقلۇق ئاۋىياتسىيە لۈيىنىڭ ئىككى تىك ئۇچار ئايروپىلانى جىلۇڭ پورتى ئاسمىنىغا ئۇچۇپ يېتىپ كەلدى.
ئۇچقۇچى سۇ ۋېيلۇڭ ئىلگىرى دىڭرىدا يەر تەۋرىگەندە خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلغانىدى، بۇ قېتىم ئۇ يەنە جەڭ بۈركۈتىنى ھەيدەپ بىرىنچى سەپكە ئاتلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئېگىزلىكنىڭ ھاۋا ئېقىمى مۇھىتى مۇرەككەپ، ئۇچقاندىن كېيىن ھۆل - يېغىن، تاغلارنى بۇلۇت ئورىۋېلىش قاتارلىق ئەھۋاللارغا دۇچ كەلدۇق، ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىشتىن ئىلگىرى ئىنچىكە تەييارلىق قىلغان ۋە ھاۋارايىدىن دەل جايىدا ئالدىن مەلۇمات بېرىلگەن بولغاچقا، بىز مۇرەككەپ يەر شەكلى رايونىدىن ئوڭۇشلۇق ئۇچۇپ ئۆتۈپ، ئاپەت ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش لىنىيەسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى تاماملىدۇق.»
تىك ئۇچار ئايروپىلاننىڭ يان دېرىزىسىدىن سىرتقا قارىغاندا، جىلغىلار تىك بولۇپ، ئەتراپتا يەنىلا نۇرغۇن مۇزلۇقلار، مۇزلۇق كۆللەر، گېئولوگىيەلىك ئاپەت يوشۇرۇن خەۋپى بار ئىدى، جىلۇڭ پورتىدىكى ئىمارەتلەر لاي - لاتقا بىلەن قاپلانغان، يوللار ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلغان بولۇپ، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ئىشلىرى ئىنتايىن زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەنىدى.
( 3 )
ھازىرقى جىددىي ئىش ئالاقە ئۈزۈلۈپ قالغانلارنى تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ئىزدەش - قۇتقۇزۇش ئىدى.
جىلۇڭ پورتى جۇڭگو - نېپال چېگرا سودىسىدىكى مۇھىم يول بولۇپ، دۆلەتنىڭ 1 - دەرىجىلىك قۇرۇقلۇق پورتىغا تەۋە، بۇ جايدا سودا - سېتىق مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئادەملەر ھەم قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى كۆپ ئىدى.
خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا. 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سەھەردە، شۇ جايدىكى قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ تەلىپى بويىچە، قىسىم كەسكىن ھەرىكەتكە كەلدى −
قۇرۇقلۇقتا، ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمنىڭ قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش كۈچلىرى ھاياتلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى ۋە ئادەمسىز ئۇچقۇ قاتارلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئېلىپ، جىلۇڭ پورتىغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، ئادەم ئىزدەش - قۇتقۇزۇش، يوللارنى جىددىي راۋانلاشتۇرۇش، لاي - لاتقىلارنى تازىلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئىجرا قىلىپ، چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېنىقلاش، گېئولوگىيەلىك خەۋپ - خەتەر ھەم قاتناش شارائىتىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈشنى ماس قەدەمدە قانات يايدۇردى.
قوراللىق ساقچى قىسىم شىزاڭ باش ئەترىتى رېكازې تارماق ئەترىتىدىكى لى چىپۇ مۇنداق دېدى: «بىز تەشكىللىنىشى پۇختا، زەربىدارلىق كۈچى كۈچلۈك بولۇش ئەۋزەللىكىمىزنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ۋەزىپە مۈشكۈل بولغان يەر بۆلەكلىرىدە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇردۇق.»
بوشلۇقتا، غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئادەمسىز ئۇچقۇسى ماس قەدەمدە چارلاپ تەكشۈردى. ئەمەلىي ۋاقىتتا يوللانغان كۆرۈنۈشتە مەلۇم قارلىق تاغدا قار كۆچكۈنى يۈزبېرىپ، مۇز پارچىلىرىنىڭ توسۇلما كۆلگە ئېقىپ كىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقى كۆرسىتىلدى. ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى دەرھال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ ئالدىن سىگنال بەردى. قوماندانلىق ئاپپاراتى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇپ ھۆكۈم چىقارغاندىن كېيىن، ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ جىددىي تارقاقلاشتۇرۇشنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
«بىز ئۇدا ئۈچ كۈن ئادەمسىز ئۇچقۇنى ئۇچۇرۇپ ئاپەتكە ئۇچرىغان يادرولۇق رايوننى ئۇزاق ئۇچۇش ۋاقتى، كەڭ دائىرە، يېقىن ئارىلىق بويىچە چارلاپ تەكشۈرۈپ، توسۇلما كۆل ۋە ئەتراپتىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ مۇقىملىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ، ئىككىلەمچى ئاپەت خەۋپ - خەتىرىگە ھۆكۈم قىلىپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشىنى سىجىل تۈردە ئىلمىي سانلىق مەلۇمات تىرىكى بىلەن تەمىنلىدۇق» دەپ تونۇشتۇردى ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمىنىڭ مەسئۇلى.
8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى سائەت 10لاردا، خەۋپ - خەتەر دەسلەپكى قەدەمدە تۈگىتىلگەندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى تېزلىكتە ئالدىن قانات يايدۇرۇلدى. غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسى ۋە ۋەزىپە قىسمىنىڭ قوماندانلىرى ئاپەت ئەھۋالىنى داۋاملىق چارلاپ تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپ قىلىش لايىھەسىگە ھۆكۈم قىلىپ، قىسىمنىڭ داۋاملىق ھەرىكەتلىنىشىگە قوماندانلىق قىلىپ، كېيىنكى قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشقا ئاساس سالدى.
ھەممە يەرنى قاپلىغان لاي - لاتقا، ئۇششاق تاشلار ئارىسىدا قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى تىكلەندى. شىزاڭ ھەربىي رايونى رېكازې شۆبە ھەربىي رايونىدىكى شۈ شىڭگو پارتىيە ئەزالىرى ئاۋانگارت ئەترىتىنىڭ ئەزاسى. ئۇلار گۈرجەك - جوتۇلارنى ئېلىپ ئىشقا كىرىشىپ، چوڭ تىپتىكى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى مەشغۇلاتىغا ماسلىشىپ يولنى جىددىي راۋانلاشتۇردى. 100 مېتىر، 500 مېتىر، 800 مېتىر... جىلۇڭ پورتىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى رايونغا قاراپ سىجىل ئىلگىرىلىدى.
«بىز جەزمەن قەتئىي، كۈچلۈك تەدبىرلەر، ئىلمىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللار ئارقىلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەيمىز.» غەربىي قىسىم ئۇرۇش رايونى يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى دېڭ ۋېي مۇنداق دېدى: «ھازىر، خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش - ياردەم بېرىش خىزمىتى جىددىي، تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇۋاتىدۇ، ئاممىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، كېيىنكى ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر ئومۇميۈزلۈك باشلىنىپ ئالغا سىلجىتىلىۋاتىدۇ.»
جىلۇڭ ناھىيەسى جىفۇ كەنتىدىكى ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدا، شىزاڭ ھەربىي رايونى مەلۇم قىسمىنىڭ داۋالاش شۆبە ئەترىتى چېدىر، ساقلىق ساقلاش دورا بۇيۇملىرى قاتارلىق ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ، بۇ جايغا يۆتكەپ ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى داۋالاپ ۋە دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئەتراپلىق، ئىنچىكە، ياخشى ئىشلىدى.
بۇيرۇقنى ئاڭلىغان ھامان ھەرىكەتكە كېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلاندى. ئازادلىق ئارمىيە ۋە قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر خەتەردىن جىددىي قۇتقۇزۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش بىرىنچى سېپىدە سىجىل تۈردە جاسارەت بىلەن جەڭ قىلماقتا، مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلماقتا.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، لاسا، 8 - ئاينىڭ 28 - كۈنى تېلېگراممىسى)






