□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى سەھەردە، شىخو شەھىرىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى قەرەللىك بازىرى شىخو شەھىرىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا قەرەلىدە ئېچىلدى، بازار دەرۋازىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق ئېكرانى «ئالتۇن كۈزدە دېھقانلارغا ياردەم بېرىش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكلەش ئارقىلىق مول ھوسۇل ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»تىن ئىبارەت يېڭى باش تېمىغا ئالماشقانىدى. يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان، بۇ، شەنبە كۈنى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرى ھەر ھەپتىدە بىر باش تېمىنى ئاساس قىلغان بولۇپ، جەمئىي 25 مىڭ 903 ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى، 5911 كىشى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى.
سائەت 10 بولمايلا، ئادەملەر يىغىلىشقا باشلىدى. يېزا ئىگىلىكى ھەم يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار 24 كارخانىنىڭ كۆزنەكلىرى رەتلىك تىزىلغانىدى، تېرىقچىلىق تېخنىكىسى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى سېتىش، ئېلېكتىرونلۇق سودا تىجارىتى... 240تىن ئارتۇق ئىش ئورنىنىڭ خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۇچۇرلىرى كۆزنەك ئالدىدا نامايان قىلىنغان بولۇپ، ئىش تۈرى، مائاشى قاتارلىقلار ئېنىق يېزىلغانىدى.
خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر ھەرقايسى كۆزنەكلەر ئارىسىدا ئارىلاپ يۈرۈپ، بەزىدە ئىش ئورنى تەلىپىگە تەپسىلىي قارىسا، بەزىدە خىزمەتكە قوبۇل قىلىشقا مەسئۇل كىشىلەر بىلەن كارخانىنىڭ ئىستىقبالى، مائاش تەمىناتى، تەرەققىيات بوشلۇقى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇۋاتاتتى... خىزمەت ئىزدىگۈچىلەر تەپسىلىي سورىدى، خىزمەتكە قوبۇل قىلغۇچىلار ئەستايىدىل جاۋاب بەردى. كىرىش ئېغىزىدىكى سىياسەتتىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمەت سۇپىسىنىڭ ئالدى ئۇزۇن ئۆچرەت بولۇپ كەتكەنىدى − ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلىنى قانداق ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش، ئەمگەك توختامىنى قانداق قىلىپ ئۆلچەملىك ئىمزالاش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقانلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇپ تاپشۇرۇش توغرىسىدا خىزمەتچى خادىملار ئامما چۈشىنەلەيدىغان سۆزلەر ئارقىلىق سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى سەۋرچانلىق بىلەن تەپسىلىي چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
داشۆ پۈتكۈزۈپ يۇرتىغا قايتقان لى شىئېن بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئېلېكتىرونلۇق سودا كۆزنىكى ئالدىدا ئۇزاق تۇردى. بازار ماركېتىڭ كەسپىنى پۈتكۈزگەن ئۇ، ئەسلىدە باشقا جايدا پىراكتىكا قىلىۋاتقانىدى، بۇ ھەپتىدىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرىنىڭ يېزا ئىگىلىكىگە ئالاقىدار ئىش ئورنىنى ئاساس قىلىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئالايىتەن ئۈلگۈرۈپ قايتىپ كەلدى.
«يۇرتقا قايتىپ ئىشقا ئورۇنلاشقاندا ھەم ئائىلىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتكىلى، ھەم كەسپىي ئارتۇقچىلىقنى جارى قىلدۇرۇپ، يۇرتنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سېتىلىش يوللىرىنى كېڭەيتىشكە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ، ناھايىتى ئەھمىيەتلىك.» شۇ كۈندىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرىدا، ئۇ بىر شىركەت بىلەن دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى، «ئەگەر ئوڭۇشلۇق ھالدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنسام، مەن ئىش ئورنۇمدا يىلتىز تارتىپ، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىمەن.»
لى شىئېننىڭ «كەسىپ ئۈچۈن يۇرتىغا قايتىشى» بىلەن ئوخشىمايدىغىنى، خىزمەت ئىزدىگۈچى سۇ چيەننىڭ ئىلتىماس ـ تەلىپى تېخىمۇ ئەمەلىي بولدى. ئۇ ئەتراپتىكى يېزا ـ بازاردىن كەلگەن بولۇپ، كۈزلۈك يىغىمدىن بۇرۇنقى بوش مەزگىلدە كېلىپ تەلىيىنى سىناپ باقتى. «ھازىر ئىشىك ئالدىمىزدىلا نۇرغۇن ئىش ئورنى بار، دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا ئىش تېپىپ ئىشلەيمىز، دېھقانچىلىقنىڭ ئالدىراش مەزگىلىدە ئۆيدىكىلەرگە ياردەملىشىمىز، ئىككىلىسىگە دەخلى يەتمەيدۇ.» خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرى نەق مەيدانىدا، ئۇ ئايلىق مائاشى 4000 يۈەندىن 6000 يۈەنگىچە بولغان، يەنە بەش خىل سۇغۇرتا، بىر فوند تاپشۇرۇپ بېرىدىغان بىر كارخانىنى تاللىدى.
شىنجاڭ تېماۋتوۋ ئېكولوگىيەلىك يېزا ئىگىلىكى چەكلىك شىركىتىنىڭ كادىرلار ئىشلىرى دىرېكتورى ۋاڭ يىڭ چۈشتىن بۇرۇنلا ئون پارچىدىن ئارتۇق قىسقىچە تەرجىمىھالنى تاپشۇرۇۋالدى، نەق مەيداندا ئالتە كىشى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇددىئانامىسى ئىمزالاندى. «بۇ قېتىمقى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش كارخانىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ماس كەلدى، خىزمەت ئىزدىگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش تەجرىبىسى بار بولۇپ، ئىش ئورنىغا ماس كېلىش دەرىجىسى يۇقىرى، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئۈنۈمى ياخشى بولدى.» ئۇنىڭ سۆزىدىن ھەربىر مەيدان خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن باش تېمىسى بولۇشىنىڭ ئەھمىيىتى − مۇنداقلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش بولماستىن، بەلكى پەسىللىك ئېھتىياج، كەسىپ زەنجىردىكى بوشلۇققا ئاساسەن ئىختىساسلىقلارنى دەل جايىدا قوبۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولاتتى.
بىر مەيدان خىزمەتكە قوبۇل قىلىش يىغىنىنى دائىملاشقان خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرىغا ئايلاندۇرۇشتا تەدرىجىي مۇكەممەللەشكەن مېخانىزمغا تايىنىلدى. 2024 ـ يىلى 12 ـ ئايدا، شىخو شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى، شەھەرلىك ھۆكۈمەت چېڭدۇڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ پىشىپ يېتىلگەن تىجارەت پىكىر يولىغا تايىنىپ، «چېڭشى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرى»نى ئىجادىي قۇرۇپ، ھەر شەنبە، يەكشەنبە كۈنىدە دائىملىق ئۆتكۈزۈشنى بېكىتىپ، ئىلگىرىكى خىزمەتكە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنىڭ «قەرەلى مۇقىم بولماسلىق، ۋاقتى خالىغانچە بولۇش، قاپلاش دائىرىسى تار بولۇش» ۋەزىيىتىنى ئۆزگەرتتى.
تور سىرتىدىكى كۆزنەكلەردە دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلدى، توردا ماس قەدەمدە بىۋاسىتە كۆرسىتىپ ئىش ئورنى تونۇشتۇرۇلدى؛ AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق خىزمەت ئىزدەش بىر گەۋدىلەشكەن ماشىنىسى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئىش ئورنى ئامبارلىرىغا تۇتاشتى، كەنت، مەھەللە پارتىيە ياچېيكىلىرىنىڭ شۇجىلىرى بازارنى دائىملىق ئايلىنىپ، ئىش ئورنى ئۇچۇرلىرىنى دائىرە توپىغا ئېلىپ كەلدى. «ئادەم كېلىشنى ساقلاش»تىن «ئىش ئورنىغا ئادەم ئىزدەش»كىچە، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بازارغا ئوخشاش بۇ شەھەرنىڭ تەرەققىيات رىتىمىغا دائىملىق سىڭىپ كىردى.
8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنىگىچە، شىخو شەھىرى ئادەم كۈچى بايلىقى بازىرىدا جەمئىي 98 مەيدان ئۆزگىچە مەخسۇس مەيدان خىزمەتكە قوبۇل قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، 2600دىن ئارتۇق كارخانىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى.
«بىز سىجىل ھالدا خىزمەتكە قوبۇل قىلىش قەرەللىك بازىرىدىن ئىبارەت بۇ سۇپا ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش بىلەن تەربىيەلەشنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، <ئۈزۈلمەس> مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، تور ۋە تور سىرتىدا قوش چاقلىق قوزغىتىشنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنىڭ مۇقىم ئىشقا ئورۇنلىشىشى، كىرىمىنى مۇقىم ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشىمىز.» دېدى شىخو شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ۋاڭ رۇڭ.
بازار يېپىلدى، ئەمما ئۇدۇللاشتۇرۇش توختاپ قالمىدى − كېلەر شەنبە كۈنى، خىزمەتكە قوبۇل قىلىش كۆزنەكلىرى داۋاملىق ئېچىلىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم ئامما ئىشىك ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ.






