□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دۇڭ شۆ
دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ پات ئارىدا قىرغىزىستاننىڭ بىشكەكتە ئۆتكۈزۈلىدىغان 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ يىغىنغا قاتنىشىدىغان ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن يېڭى ۋەزىيەتتە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەمدە ھازىرقى مۇھىم خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرىدۇ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىش توغرىسىدا يىرىك پىلان تۈزىدۇ ۋە ئورۇنلاشتۇرما قىلىدۇ.
«مەن دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق بولغان دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىگە قاراپ قەدەم تاشلاشنى خالايمەن.» بىر يىل ئىلگىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا، رەئىس شى جىنپىڭ دەۋر تەرەققىيات چوڭ ۋەزىيىتى ۋە ئىنسانلارنىڭ ئورتاق بەخت ـ سائادىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزدى.
دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسى دۇنياۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، دۇنياۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، دۇنياۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىدىن كېيىن، جۇڭگو دۇنيانى تەمىنلىگەن يەنە بىر مۇھىم خەلقئارا ئاممىۋى مەھسۇلات.
«ئىگىلىك ھوقۇق باراۋەرلىكىنى يولغا قويۇش»نى ئەڭ مۇھىم ئالدىنقى شەرت، «خەلقئارا قانۇن ئىدارە قىلىشقا رىئايە قىلىش»نى تۈپ كاپالەت، «كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلدە كۆرسىتىش»نى ئاساسىي يول، «ئادەمنى ئاساس قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش»نى قىممەت يۈزلىنىشى، «ھەرىكەت يۆنىلىشىگە ئەھمىيەت بېرىش»نى مۇھىم پىرىنسىپ قىلدى. دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا كېمىنى سۇنىڭ ئېقىشىغا قارشى ھەيدەيدىغان، ئىلگىرىلىمىسىلا چېكىنىپ كېتىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭ دۇنياۋى دەرىجىلىك رەھبەرگە خاس يىراقنى كۆرەرلىكى ۋە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشى بىلەن، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن شەرقنىڭ ئەقىل ـ پاراسىتىگە تولغان جۇڭگو جاۋابىنى بەردى.
بۇ يىل شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. بىر ئەسىرنىڭ تۆتتىن بىرىنى بېسىپ ئۆتتى، ئەزا دۆلەتلەر ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، باراۋەر بولۇش، كېڭىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيلىككە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىياتنى كۆزلەشتىن ئىبارەت «شاڭخەي روھى»دا چىڭ تۇرۇپ، ئىتتىپاقلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىقنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىي قىلىپ دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ كەڭ، نوپۇسى ئەڭ كۆپ، تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور ئۇنىۋېرسال رايون ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئايلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىچە رايون ھەمكارلىقى يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىزدىنىپ تېپىپ چىقىپ، يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئۈلگىسىنى تىكلەپ، كۈنسېرى دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئىسلاھاتىغا ئاكتىپ تۈرتكە بولىدىغان كۈچ بولۇپ قالدى.
«دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىشى ئالدىدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يېتەكچىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش تەشەببۇسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشى كېرەك.» رەئىس شى جىنپىڭ ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى قوشۇپ، دۇنياۋى ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى مەسئۇلىيەتچانلىقى»نى نامايان قىلىپ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئۈلگىسى»نى يارىتىپ، خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەرىكىتى»نى قوللىنىشىنى تەشەببۇس قىلدى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگونىڭ شەھەر نامى بىلەن ئاتالغان، جۇڭگو قۇرۇشقا قاتناشقان ھەم باش ئىشتابى جۇڭگودا تەسىس قىلىنغان تۇنجى خەلقئارا تەشكىلات. يېڭى دەۋردىن بۇيان، رەئىس شى جىنپىڭ ھەر قېتىملىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى، جۇڭگو ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ 2018 ـ يىلى، 2025 ـ يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چىڭداۋ باشلىقلار يىغىنى، تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزدى.
«جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر ئۆز تەرەققىياتىنى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى، ھەرقايسى ئەزا دۆلەتلەر خەلقىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كەلدى.» شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، جۇڭگو باشتىن ـ ئاخىر «ئەمەلىي» بولۇشقا ئەھمىيەت بەردى.
ئېھتىياجلىق ئەزا دۆلەتلەردە 100 «ئاددىي ھەم گۈزەل» خەلق تۇرمۇشى تۈرىنى يولغا قويۇشنى پىلانلىدى؛ ئەزا دۆلەتلەردە ئون «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» قۇرۇپ، ئادەم كۈچى بايلىقى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش ـ تەربىيەلەش بويىچە 10 مىڭ سان بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش ھەمكارلىق مەركىزىنى ئورتاق ياخشى قۇرۇشنى خالايدۇ؛ شارائىتى بار دۆلەتلەرنى خەلقئارا ئاي شارى پەن تەتقىقات پونكىتى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدۇ... رەئىس شى جىنپىڭ تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويغان بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىغا قۇدرەتلىك كۈچ قوشتى.
شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىغا 25 يىل بولغان پەيتتە، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 2026 ـ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدىغانلىقى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. دەۋر دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىدى. جۇڭگو تەرەپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى چوڭ ئائىلىسىدىكى ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىللە، بىشكەك باشلىقلار يىغىنىدا ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ مۇجەسسەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەمكارلىقنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كۈچى»نى ئۈزلۈكسىز قوشۇشنى خالايدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)






