40 كۈن داۋاملاشقان تومۇز كۈنلىرى ئاخىرى ئاخىرلاشتى.
نۇرغۇن كىشى تومۇز ئاخىرلاشسا ھاۋا سالقىنلايدۇ، ئەمدى راھەت بولىدۇ، دەپ قارايدۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس. تومۇز ئاخىرلاشقاندىن تارتىپ كۈزلۈك كۈن-تۈن تەڭلىشىش كۈنىگىچە (9-ئاينىڭ 23-كۈنى) توپتوغرا بىر ئاي كېيىنكى يېرىم يىلدىكى ئەڭ ھوشيار بولۇشقا تېگىشلىك «كېسەل كۆپ كۆرۈلىدىغان ئۆتكۈنچى مەزگىل» ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەزگىلدە نەپەس يولى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر، تال ۋە ئاشقازان تەڭ «بېسىمغا ئۇچرايدۇ»، سەكتە، يۈرەك تىقىلمىسى، زۇكام، يۆتەلنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولىدۇ.

1. تومۇز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، «ئۈچتىن مۇداپىئەلىنىش»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك
«كۈز يولۋىسى» نىڭ ئادەم چىشلىشىدىن ساقلىنىش كېرەك
تومۇز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ھاۋا سالقىنلايدۇ، دەپ قالماڭ، «كۈز يولۋىسى» ھەر ۋاقىت قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈشى مۇمكىن. 35 سېلسىيە گىرادۇستىن ئاشىدىغان دىمىق ئىسسىق ھاۋا يېرىم ئايدىن ئىككى ئايغىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن. بۇنداق بولغاندا، كىشىلەردە ئاسانلا پۇت-قول ماغدۇرسىزلىنىش، باش قېيىش، ئېغىز يېپىشقاق بولۇش، ئىشتىھا تۇتۇلۇش ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ.
جۇڭيى تېبابىتى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ، تالنى ھۆللۈك قاپلىغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەسلىدىنلا تال زەئىپلەشكەن كىشىلەردە بۇنىڭ ئىپادىسى تېخىمۇ روشەن بولىدۇ، يەنى چوڭ تەرەت ئاسانلا ماتۇڭغا چاپلىشىپ قېلىش، بەدەن ئېغىرلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا سوغۇققا بېرىلىپ مۇزدەك نەرسىلەرنى يېگەندە، تالنىڭ مۇسبەتلىكىنى تېخىمۇ زەخىملەندۈرۈپ، ئىممۇنىتېت كۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.
«كۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىق»نىڭ بەدەننى زەخىملەندۈرۈشىدىن ساقلىنىش كېرەك
كۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىق ئۆپكىنىڭ يىنچى ئىقتىدارىغا ئەڭ زىيانلىق بولۇپ، تېرە قۇرۇش، بۇرۇن-يۇتقۇنچاق قۇرۇش، يۆتىلىش كۆرۈلگەندىن سىرت، يەنە ئۈچەي يولىمۇ تەسىرگە ئۇچرايدۇ. جۇڭيى تېبابىتى «ئۆپكە بىلەن چوڭ ئۈچەي بىر-بىرىگە باغلىنىشلىق» دەپ قارايدۇ، ئۆپكە قۇرغاقلاشسا ئۈچەي يوللىرىدىمۇ سۇ كەمچىل بولىدۇ، نۇرغۇن كىشىدە كۈز پەسلىدە قەۋزىيەت ئېغىرلىشىپ كېتىشنىڭ سەۋەبى دەل مۇشۇ.
«كۈزدىكى ماغدۇرسىزلىق»نىڭ تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش كېرەك
يازدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا قان ۋە قۇۋۋەتنى زور دەرىجىدە خورىتىدۇ، كۈز كىرگەندىن كېيىن، كىشىلەر تەبىئىي ماسلىشىش مەزگىلىگە كىرگەچكە، دائىم ھارغىنلىق ھېس قىلىدۇ، ئۇيقۇسىنى ئاچالمايدۇ، روھسىز بولۇپ قالىدۇ، مانا بۇ «كۈزدىكى ماغدۇرسىزلىق»تۇر.
بۇ، ھۇرۇنلۇق ئەمەس، بەلكى بەدەننىڭ «ماسلىشىش سىگنالى». بەدەندە يۇقىرىقى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن تۇرۇپمۇ كېچىچە ئۇخلىماي تاڭ ئاتقۇزغاندا، زىيادە چارچىغاندا، قۇۋۋەتنى خورىتىىپ كۈز ۋە قىشتا ئاسان كېسەل بولۇش خەۋپ-خەتىرى پەيدا قىلىدۇ.
2. تومۇز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بەدەن سىزنىڭ ئالتە ئىشنى قىلىشىڭىزنى ھەممىدىن بەك ئۈمىد قىلىدۇ
«نەملىك تولۇقلايدىغان يېمەكلىكلەر»نى كۆپرەك يەپ، قۇرۇق ئىسسىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش
بۇ ۋاقىتتا ئوزۇقلىنىش دەل نەملىك تولۇقلاشنى يادرو قىلىدۇ.
كۆپ يېيىش تەۋسىيە قىلىنىدىغانلار: گۈلسامساق، ھەسەل، نەشپۈت، ئاق مور، كالا سۈتى، شوخلا، چىڭسەي، لوبۇ قاتارلىق نەملىك تولۇقلايدىغان ھەم ۋىتامىن تەركىبى مول بولغان يېمەكلىكلەر.
تۆۋەندىكى يېمەكلىكەرنى ئىمكانقەدەر ئاز يېيىش كېرەك: ياغدا پىشۇرۇلغان، چۈچۈمەل، ئاچچىق، ياغلىق يېمەكلىكلەر، يەنە مۇزلىتىلغان تاۋۇز، ماروژنى قاتارلىق خام ۋە سوغۇق يېمەكلىكلەرنىڭ مىقدارىنى ئازايتىش كېرەك.
يېمەكلىك بىلەن داۋالاشتا تەۋسىيە قىلىنىدىغىنى: بەدەنگە نەملىك تولۇقلايدىغان بەيخې-يۈجۇ شورپىسى
گۈلسامساقتىن 9 گىرام، يۈجۇدىن 15 گىرام، نەشپۈتتىن 15 گىرام ئېلىپ سۇدا قاينىتىپ، پىشقاندىن كېيىن مۇۋاپىق مىقداردا گەنجې شەربىتى قوشۇپ تەمىنى تەڭشەيمىز. بۇ شورپا ئۆپكىنى سىلىقلاپ يىنچى ئىقتىدارىنى قۇۋۋەتلەپ، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرىدۇ، كۈزدە ئىچىپ بەرسە بەدەنگە راھەتلىك بېغىشلايدۇ.
كەيپىيات «مۇقىم» بولۇش، ھاۋانىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ كەيپىيات ئۆزگەرمەسلىك كېرەك
كۈز پەسلىدە كەيپىيات ئاسان تۆۋەنلەيدۇ، ئادەمنىڭ كەيپىياتىمۇ ئاسانلا تىتىلداپ چۈشكۈنلىشىدۇ، سەۋەبسىزلا ئىچى سىقىلىدۇ. «ئېغىر-بېسىق بولۇش كېرەك» دېگەن سۆزنى ئېسىڭىزدە چىڭ تۇتۇڭ، كەيپىياتىڭىزدا چوڭ داۋالغۇش بولمىسۇن.
كۆپ تەر چىقمايدىغان ھەرىكەتلەرنى تاللاپ ئىشلەش كېرەك، سەيلە قىلىش، تەيجى گۇمپىسى، بادۇەنجىن ئويناش قاتارلىقلار ناھايىتى ماس كېلىدۇ، بەدەننى راھەت قىلىدۇ ھەم قۇۋۋەتنى زىيادە خورىتىۋەتمەيدۇ.
«پات-پات»سۇ ئىچىش، ئىچىدىن تېشىغىچە قۇرغاقلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
كۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىققا تاقابىل تۇرۇشتا سۇنى كۆپ ئىچىش ئەڭ ئاددىي ھەم ئۈنۈملۈك ئۇسۇلدۇر. ئەتىگەندە بىر ئىستاكان، ئۇخلاشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش، كۈندۈزى ئاز-ئازدىن كۆپ قېتىم سۇ تولۇقلاش كېرەك.
ئادەتتە نېلۇپەر يوپۇرمىقى چېيى، ئەتىرگۈل چېيى دەملەپ ئىچىشكە بولىدۇ. كەچتە بىر ئىستاكان ھەسەل سۈيى ئىچسە ئۆپكىنى سىلىقلاپلا قالماي، يەنە كۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىقتىن كېلىپ چىققان قەۋزىيەتنى يېنىكلىتىدۇ.
«بالدۇر» ئۇخلاپ، كۈزدىكى ماغدۇرسىزلىقنى يېنىكلىتىش كېرەك
كۈزدىكى ماغدۇرسىزلىقنى يېنىكلىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى ئۇيقۇ. يازدىكى ۋاقىتتىن بىر سائەت بۇرۇن ئۇخلاش ياكى چۈشتە 30 ~ 20 مىنۇت چۈشلۈك ئۇيقۇ ئۇخلاش تەكلىپى بېرىلىدۇ. بالدۇر ئۇخلاپ، بالدۇر تۇرۇش، كېچىچە ئۇخلىماسلىقتىن ساقلىنىش، بەدەننى تەبىئىي رىتىمغا ماسلاشتۇرۇپ قۇۋۋەت توپلاش كېرەك.
قېلىنراق كىيىنىش، تېمپېراتۇرا پەرقىگە ماسلىشىش كېرەك
ئەتىگەن ۋە كەچتە سىرتقا چىققاندا نېپىز چاپان ئېلىۋېلىش، مۇزلىغاندا دەرھال چاپان كىيىۋېلىش، بولۇپمۇ بويۇن، مۈرە، قورساق قىسمىغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
ئىككى ئەسكەرتمە: پۈتۈن بەدەن تەرلىگەندە دەرھال سوغۇق سۇدا يۇيۇنماسلىق كېرەك. كېچىدە بەك ئىسسىپ كەتمىسىڭىز ھاۋا تەڭشىگۈچنى ئېچىپ قويۇپ ئۇخلىماڭ، ئاسانلا سوغۇق ئۆتۈپ ياڭچى قۇۋۋەتنى زەخىملەندۈرىدۇ.
كۆپرەك ھاۋا ئالماشتۇرۇپ، زەمبۇرۇغ پەيدا بولۇش ھەم كېسەل كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك
تومۇز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ھۆل-يېغىن كۆپىيىپ، زەمبۇرۇغ ئاسانلا كۆپىيىدۇ. ھەر كۈنى دېرىزىنى ئېچىپ 3 ~ 2 قېتىم ھاۋا ئالماشتۇرۇش، ھاۋا ئوچۇق كۈنلىرى كىيىم-كېچەك، يوتقان-كۆرپىلەرنى ئاپتاپقا سېلىش كېرەك، بۇنداق قىلغاندا ھەم نەملىشىشتىن، ھەم زەمبۇرۇغ پەيدا بولۇشتىن ساقلانغىلى، ھەم نەپەس يولى غىدىقلىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
«تومۇز چىقىش» تومۇز كۈنلىرىنىڭ رەسمىي ئاخىرلاشقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، شۇنداقلا يەنە ياز ۋە كۈزدىكى كۈتۈنۈشنىڭ مۇھىم بۇرۇلۇش نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ. «كۈز يولۋىسى»، كۈزدىكى قۇرۇق ئىسسىق، كۈزدىكى ماغدۇرسىزلىقتىن ساقلىنىپ، ياخشى يەپ، ياخشى ئۇخلاپ، ئىسسىق كىيىنىپ، بۇ بىر ئاينى مۇقىم ياخشى ئۆتكۈزگەندە، كۈز ۋە قىشتا بەدەن سۈپىتىنى بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرگىلى بولىدۇ.
«中国妇女» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






