ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سۈي يۈنيەن خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى ئەتىۋارلىق قۇش __ ياۋايى شاتۇتىنى قانۇنسىز بېقىش دېلوسىنى پاش قىلدى، نەق مەيداندا قانۇن بويىچە دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋان— يېشىل قاناتلىق سېرىق شاتۇتىدىن بىرسى، كۆكۈش پەيلىك سېرىق شاتۇتىدىن بىرسى تەكشۈرۈپ تېپىلدى. دېلوغا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارى دى XX ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارغا زىيان يەتكۈزۈش جىنايىتىگە چېتىلغانلىقى سەۋەبىدىن گۇڭئەن ئورگىنى تەرىپىدىن قانۇن بويىچە دېلو تۇرغۇزۇلۇپ تەكشۈرۈلدى.
8-ئاينىڭ 20-كۈنى، ئۈرۈمچى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسىنىڭ مۇھىت بايلىقى ۋە يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرى جىنايىتى رازۋېتكا چوڭ ئەترىتى ئالدىنقى مەزگىلدە تەكشۈرۈپ ئىگىلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ساقچى كۈچلىرىنى تېز تەشكىللەپ رازۋېتكا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. دېلو بېجىرگەن ساقچىلار ئۈرۈمچى شەھىرى ئاھالىسى دى XXنىڭ ئۆيىدە نەق مەيداندا ئىككى چوڭ شاتۇتىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭ بىرى يېشىل قاناتلىق سېرىق شاتۇتى، يەنە بىرى كۆكۈش پەيلىك سېرىق شاتۇتى بولۇپ، «دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلار تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا قوغداش دەرىجىسى دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق قۇش ئىكەن.
جىنايەت گۇماندارى دى XXنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ 2017-يىلى 11-ئايدا 21 مىڭ يۈەن باھا بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىن بۇ ئىككى شاتۇتىنى سېتىۋالغان. دى XX كېيىن بېقىش جەريانىدا بۇ ئىككى شاتۇتىنىڭ دۆلەت تەرىپىدىن قوغدىلىدىغان ھايۋان ئىكەنلىكىنى، شەخسلەرنىڭ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن بېقىشىغا، كۆپەيتىشىگە بولمايدىغانلىقىنى تەدرىجى بىلگەن.

بۇ دېلودىكى ئىككى شاتۇتى. خوۋ لېي فوتوسى
«مەن ئىلگىرى شاتۇتىنى سېتىپ قولدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىغانىدىم، لېكىن يەڭ سودىسى قىلىشنىڭ ئوخشاشلا قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلىپ، باشتىن-ئاخىر بۇنىڭغا جۈرئەت قىلالماي، ئىزچىل ئۆيدە باقتىم، مەن ئىزچىل دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانلارنى سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ بېقىش ئىجازىتىگە ئېرىشەلمىدىم.» دېلو يۈزبەرگەندىن كېيىن، دى XX ئۆزىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىغا پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھازىر دېلوغا چېتىشلىق ئىككى شاتۇتى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ياۋايى ھايۋانلارنى قۇتقۇزۇش مەركىزىنىڭ كەسپىي باشقۇرۇشى-قوغدىشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، دېلو يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەكشۈرۈلمەكتە.
ئۈرۈمچى ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى مۇھىت بايلىقى ۋە يېمەكلىك-دورا بۇيۇملىرى جىنايىتى رازۋېتكا چوڭ ئەترىتىنىڭ جياۋداۋيۈەنى ما تېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلىتىمىزنىڭ قانۇنىدا شاتۇت تۈرىدىكىلەرنى قوغداش توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقىرىلغان. نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز چېگراسى ئىچىدە شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق، ئەركىن ئېلىپ-سېتىشىغا ۋە بېقىشىغا رۇخسەت قىلىنىدىغان شاتۇتى پەقەت ئۈچ خىل يەنى كىچىك تاغىل شاتۇتى، شاپتۇل يۈزلۈك پەيلىرى مودەنگۈل رەڭلىك شاتۇتى ۋە فېڭخۇاڭ شاتۇتى(شۈەن فېڭ شاتۇتىمۇ دېيىلىدۇ)دىن ئىبارەت. يۇقىرىقى ئۈچ خىلدىن باشقا بارلىق شاتۇتى دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋانغا تەۋە بولۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا كۆپەيتىپ بېقىشقا توغرا كەلسىمۇ، شەخسلەرنىڭ خالىغانچە سېتىۋېلىش ياكى بېقىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
ساقچى تەرەپ قانۇننى مۇنداق يېشىپ چۈشەندۈردى: جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت تەرىپىدىن نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان ئەتىۋارلىق، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ياۋايى ھايۋانلارنى قانۇنسىز ئوۋلىغان، ئۆلتۈرگەن ياكى بۇ خىلدىكى ياۋايى ھايۋانلار ۋە ئۇلارنىڭ ياسالمىلىرىنى قانۇنسىز سېتىۋالغان، توشۇغان، ساتقانلارغا بەش يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى تۇتۇپ تۇرۇپ ئەمگەككە سېلىش جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىر بولغانلارغا بەش يىلدىن يۇقىرى، ئون يىلدىن تۆۋەن مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ؛ قىلمىشى پەۋقۇلئاددە ئېغىر بولغانلارغا ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى بېرىلىدۇ ھەم جەرىمانە قويۇلىدۇ ياكى مال-مۈلۈكنى مۇسادىرە قىلىش جازاسى بېرىلىدۇ.
ساقچى تەرەپ مۇنداق ئەسكەرتتى: ئەرمەك ھايۋانلارنى سېتىۋالغاندا، ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداشقا ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى ئۆگىنىش ۋە ئىگىلەشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن كۈچەيتىپ، سېتىۋالغان تۈرنىڭ شەخسلەرنىڭ قانۇنلۇق بېقىش دائىرىسىگە كىرىدىغان-كىرمەيدىغانلىقىنى چوقۇم ئالدىن تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھايۋانلارنىڭ كېلىش مەنبەسىنىڭ بەلگىلىمىگە، قانۇنغا ئۇيغۇن ياكى ئۇيغۇن ئەمەسلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش، ھەرگىز بىردەملىك قىزىقىش ياكى تەلەي سىناش پىسخىكىسىدا بولۇپ قانۇننىڭ قىزىل سىزىقىغا تەگمەسلىك كېرەك.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






