ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر زوۋ يى خەۋىرى، فوتوسى) «بۇ قېتىم ھەرقايسى جايلاردىكى ماھىرلار بىلەن بەسلىشىش ئارقىلىق مۇسابىقە تەجرىبىسى توپلىدىم، شۇنداقلا ئۆزۈمنىڭ يېتەرسىزلىكىنى بايقىدىم، بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ياخشى ئوينايمەن» دېدى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى سېلمېگ.
شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق 15-نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ھەم 11-نۆۋەتلىك مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئاياللار ئۈچ كىشىلىك ۋاسكېتبول مۇسابىقە مەيدانىدا، سېلمېگ كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئالاھىدە تارتتى. بۇ يىل 15 ياشقا كىرگەن ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.99 مېتىر بولۇپ، تېخنىكىسى پىششىق ئىدى.
«سېلمېگ كوماندىمىزنىڭ ئىچكى لىنىيەسىدىكى ئەۋزەل نۇقتا، بوي ئېگىزلىكى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولۇپلا قالماي، قەدىمىمۇ ناھايىتى چاققان، مەشىقتىمۇ ناھايىتى تىرىشچان. ئۇنىڭ نىشانى كەسپىي كوماندىدا توپ ئويناپ، كېيىن دۆلەت كوماندىسىغا كىرىش» دېدى بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ تېرېنېرى توسېن.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، سېلمېگ مۇسابىقىدە بار كۈچى بىلەن توپ تالاشماقتا.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، سېلمېگ مۇسابىقىدىن كېيىن ئىمزا قويماقتا.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، تېرېنېر توسېن مەيدان يېنىدا تۇرۇپ، سېلمېگنىڭ مۇسابىقە مەيدانىدا رولىنى جارى قىلدۇرۇش ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، سېلمېگ مۇسابىقە ئارىلىقىدا سەپدىشىغا تەسەللىي بەرمەكتە.






