خەلق گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خېيماۋ ئەرز قىلىش سۇپىسى 7-ئايدا ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا بۇ سۇپا تاپشۇرۇپ ئالغان ئايروپورتنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى توغرىسىدىكى ئەرزنىڭ ئۆزىلا 27 مىڭ پارچىغا يېقىن بولغان، بۇنىڭ ئىچىدە «بېلەت قايتۇرۇش، بېلەت ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەققى يۇقىرى» دېگەن ئەرز 13 مىڭ پارچىدىن ئېشىپ، ئىگىلىگەن نىسبىتى يېرىمغا يېقىن بولغان. دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، ئىستېمالچىلار يەتتە كۈن، ھەتتا ئون نەچچە كۈن بۇرۇن بېلەت قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن سۇپا بېلەت پۇلىنىڭ %40ى، ھەتتا %90تىن ئارتۇق قىسمىنى رەسمىيەت ھەققى ئورنىدا تۇتۇۋالغانلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئىنكاس قىلغان.
ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققى نېمە ئۈچۈن بۇنچە يۇقىرى؟ قانداق قىلغاندا يولۇچىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ؟
مۇخبىرنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى ھازىر يولغا قويۇۋاتقان بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش قائىدىسىنى رەتلەپ چىقىپ، بۇنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ «پەلەمپەيسىمان ھەق نىسبىتى» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغانلىقىنى بايقىغان. بېلەتنىڭ سېتىلىش باھاسى بىرقەدەر يۇقىرى بولغان يۇقىرى باھالىق بۆلۈمچىدىكى ئورۇن، تولۇق باھالىق بۆلۈمچىدىكى يولۇچىلار بېلىتىدە كۆپىنچە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن بېلەتنى ھەقسىز قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدىكەن؛ ئېتىبار باھالىق بۆلۈمچىدىكى يولۇچىلار بېلىتىدىن ئادەتتە بېلەتنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش ھەققى %20-%10 تۇتۇپ قېلىنىدىكەن، يولغا چىقىدىغان ۋاقىت قانچە يېقىنلاشقانسېرى، ھەقنىڭ تۇتۇپ قېلىنىش نىسبىتى شۇنچە يۇقىرى بولىدىكەن، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90-%70كە يېتىدىكەن. تۆۋەن تەننەرخنى ئاساس قىلغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى، مەسىلەن: چۇنچيۇ ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىقلار ئادەتتە ئايروپىلان بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇش ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىشنى يولغا قويمايدىكەن.
جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتى جەمئىيىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو ئاۋىياتسىيە جەمئىيىتى» دېيىلىدۇ)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل مۇنداق تونۇشتۇردى: نۆۋەتتە، دۆلەت ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى بېلەت قايتۇرۇشتا پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىشنى يولغا قويغان. يولۇچىلار بېلەتنى قانچە بالدۇر قايتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى قۇرۇق قالغان ئورۇنلارنى قايتا بازارغا سېلىشتا شۇنچە يېتەرلىك ۋاقىتقا ئېرىشىپ، بېلەتنى 2-قېتىم سېتىشنى تاماملىيالايدۇ، بۇنىڭدا بېلەت قايتۇرۇش رەسمىيەت ھەققىنىڭ ئۆلچىمى ئادەتتە نىسبەتەن تۆۋەن بولىدۇ.
سەپەرگە چىقىشنى ئېنىق بېكىتمىگەن، ئاسان ئۆزگىرىپ قالىدىغان يولۇچىلارغا بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش جانلىق بولغان تولۇق باھالىق بېلەت، يۇقىرى دەرىجىلىك بۆلۈمچىنىڭ ئورۇن بېلىتىنى تاللاپ سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، بۇنىڭدا بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش ھوقۇق-مەنپەئىتىدىن تېخىمۇ ياخشى بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ؛ سەپەرگە چىقىشنى مۇقىم بېكىتكەن، ئۆزگىرىش قىلمايدىغان يولۇچىلارغا يۇقىرى ئېتىبارلىق ئايروپىلان بېلىتىنى تاللاپ سېتىۋېلىش تەۋسىيە قىلىنىدۇ، مۇۋاپىق بولغان قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش چەكلىمىسىگە رىئايە قىلغاندا، سەپەرگە چىقىشتا ياخشى ئىناۋەتكە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
جۇڭگو ئاۋىياتسىيە جەمئىيىتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ سۆزىگە ئاساسلانغاندا، بېلەت قايتۇرۇشتا پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىشنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش-ئىجرا قىلىش جەريانىدا مۇلازىمەت جەھەتتە دەرۋەقە قىسمەن كەمتۈكلۈكلەر ساقلانغان:
قائىدىنى ئاشكارىلاشتا ئاشكارىلىق دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىغان. توردىكى بەزى سۇپىلار، سېتىش ۋاكالەتچىلىرىدە قائىدىنى كۆرسىتىشتە مەسىلىنى يوشۇرۇش ئەھۋالى ساقلانغان، مەسىلەن: بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش ماددىلىرىدا خەت بەك كىچىك بولۇش، ئورنى يوشۇرۇن بولۇش، كەسپىي ئاتالغۇلار چۈشىنىكسىز بولۇش، بەتنى قولدا چېكىپ ئاچمىغىچە كۆرگىلى بولماسلىق قاتارلىقلار؛ خەلقئارا ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش سىستېمىسى مۇرەككەپ. چەت ئەلدىكى قىسمەن ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ھەق تۇتۇپ قېلىش قائىدىسى ئاشكارا ئەمەس، ھەق نىسبىتى ئېنىق ئەمەس، سېتىش سۇپىلىرىنىڭ چۈشەندۈرۈشى جايىدا ئەمەس؛ ساھەدە قېلىپلاشقان ئۆلچەم كەمچىل. دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى گەرچە پەلەمپەيسىمان ھەق ئېلىش لوگىكىسىغا ئەمەل قىلغان بولسىمۇ، لېكىن كونكرېت ۋاقىت تۈگۈنى، رەسمىيەت ھەققى نىسبىتى، ھەقسىز بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش بوسۇغىسى قاتارلىق ئىنچىكە ھالقىلاردا پەرق مەۋجۇت.
دۆلەت ئىچىدە ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىش يوللىرى بىرلىككە كەلمىگەن، شۇ سەۋەبتىن بۇ قائىدىنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
خەلقئارادىكى بىۋاسىتە سېتىشنى ئاساس قىلىشقا ئوخشىمايدىغىنى، دۆلەت ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتىنىڭ بېلەت چىقىرىش ئۇسۇلى تېخىمۇ تارقاق بولۇپ، ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ، OTA سۇپىسى، ئايروپىلان بېلىتى ۋاكالەتچىسىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل بولىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئاشكارا توشۇش ھەققى بىلەن خۇسۇسىي توشۇش ھەققى جەھەتتە پەرق بار. ئاۋىياتسىيە شىركىتىنى باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ بېلەت سېتىش ئەھۋالى ياخشى بولمىغاندا، قىسمەن بېلەت بايلىقىنى تۆۋەن باھادا 3-تەرەپ ئارقىلىق OTA سۇپىسىغا سېتىپ بېرىدۇ، بۇ خىل شەكىلدە كۆپىنچە خۇسۇسىي توشۇش ھەققى يولغا قويۇلىدۇ، بۇنىڭدا باھا تالىشىش ئىمكانىيىتى بىرقەدەر چوڭ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش قائىدىسىدە كۆپىنچە ئالاھىدە ئۇسۇل قوللىنىلىدۇ، باشقۇرغۇچى تەرەپنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئىش كۆرۈلمەيدۇ، بۇ، خەلقئارا ئايروپىلان بېلىتىنى سېتىشتا تېخىمۇ كۆپ كۆرۈلىدۇ. «بۇ خىل ئەھۋالدا، باھانى ئۆستۈرۈپ سېتىش، بېلەت قايتۇرۇش ۋە ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش رەسمىيەت ھەققى ئېلىشتا باھا پەرقى پايدىسى ئېلىش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ.» ئەھۋالدىن خەۋەردار بىر كىشى مۇنداق بىلدۈردى: بۇ خىل ئايروپىلان بېلىتىنى ساتقاندا، سۇپا پەقەت «بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش ئۇسۇلىدا ئاساسلىقى بېلەت چىقارغان تەرەپ (3-تەرەپ)نىڭ قائىدىسى ئۆلچەم قىلىنىدۇ» دەپ ئىزاھلاپ قويىدۇ، بۇ، مۇشۇ بىر بۆلەك بېلەت ئىشلىرىغا دائىر ئەرزنىڭ تېز كۆپىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
يولۇچىلار كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىدىكى ئاغرىق نۇقتا مەسىلىسىگە قارىتا، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە جەمئىيىتى ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مۇلازىمىتىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش خىزمىتىنى باشلامچىلىق بىلەن بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، كۆپ تۈرلۈك تەدبىرنى يولغا قويدى، شۇنداقلا ئايروپىلان بېلىتىنى قايتۇرۇش، ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش مەخسۇس تۈرىگە ئائىت كوللېكتىپ ئۆلچەمنى باشلامچىلىق بىلەن تۈزۈشكە باشلىدى ھەم بۇ يىل ئىچىدە رەسمىي ئېلان قىلىپ يولغا قويۇشنى پىلانلىدى.
ئۆلچەمدە بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش تەلىپى ئايدىڭلاشتۇرۇلىدۇ، بېلەت سېتىش سۇپىلىرى، ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنى باشقۇرغۇچى تەرەپ قاتارلىق ۋاسىتىلەر جەزمەن كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىدىغان خەت شەكلى قوللىنىش، قاڭقىما كۆزنەك ئېچىپ مەجبۇرىي ئەسكەرتىش بېرىش، مەخسۇس بەلگە بىلەن كۆرسىتىش، ئۇقتۇرۇشنى ئالدىدىكى ئورۇنغا يۆتكەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، يولۇچىلار زاكاز تاپشۇرۇشتىن بۇرۇن بېلەت قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش ھەققى نىسبىتى، چەكلەش شەرتى، ھەقسىز قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش شەرتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئېلان قىلىپ، قائىدىنى يوشۇرۇش، قائىدە ئېنىق بولماسلىق، ئەھۋالدىن خەۋەر تاپماسلىق مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئەھۋالنى بىلىش ھوقۇقى، تاللاش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن بۇرۇن، دۆلەت ئىچى ئايروپىلان بېلىتىنى ھەقسىز قايتۇرۇش، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش مۇددىتى 14 كۈن ئالدىغا سۈرۈلگەن بولۇپ، بەلگىلەنگەن مۇددەتتىن ئۆتۈپ كەتسە «بەش ۋاقىت بۆلىكى» پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغان ئاساستا، ئۇچۇش ۋاقتىغا قانچە يېقىن بولسا، ۋاقىتنى ئۆزگەرتىش ۋە بېلەت قايتۇرۇش ھەققىنى ماس ئاشۇرۇش يولغا قويۇلغان، بۇ، باھادا ئېتىبار بېرىلگەن بېلەتنى ھەقسىز قايتۇرغىلى بولمايدىغان ئەنئەنىۋى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغان.
«新疆949交通广播» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






