

جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش-باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى، دۆلەت ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئىدارىسى جۇڭگو قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتىنىڭ 111 نەپەر ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش كوماندىر-جەڭچىسىنى رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈش، قۇتقۇزۇش، چۇۋۇش، خەۋەرلىشىش، كاپالەت قاتارلىق قورال-جابدۇق، ماددىي ئەشيالارنى ئېلىپ ئاپەت يۈزبەرگەن نەق مەيدانغا بېرىپ ياردەم قىلىشقا ئەۋەتتى. جۇڭگو قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش ئەترىتى بېيجىڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتى، سىچۇەن ئۆلكىلىك ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش باش ئەترىتىنىڭ كەسپىي قۇتقۇزۇش كۈچلىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ قېتىم زور، پەۋقۇلئاددە زور ئاپەت، ھادىسىلەردىكى قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش خىزمىتىگە قاتناشقان.
خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى ليۇ ۋېنشىن
«خەلق گېزىتى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






