تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەيلى | «بىز ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز»

قەشقەرلىق ئۆسمۈر بېيجىڭغا «تۇغقان يوقلاش»قا بېرىپ، جوۋ ئېنلەي بوۋىسىغا شۇنداق ئېيتماقچى بولدى ——

«بىز ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتىمىز»

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خې جياڭ

«جوۋ ئېنلەي بوۋامغا بىزنىڭ ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرگۈم بار» دېدى 8 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، سەككىز ياشلىق ئەنزەر ئابدۇۋەلى جوۋ زۇڭلىنىڭ جىيەن قىزى جوۋ بىڭدېغا.

89 ياشلىق جوۋ بىڭدېنىڭ كۆزلىرى نەملەشتى، ئۇ ئەنزەرنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا مۇنداق تاپىلىدى: «قايتىپ بېرىپ ياخشى ئۆگىنىپ، ياخشى بەدەن چېنىقتۇرۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەننى گۈللەندۈرۈڭ.»

بۇ قېتىمقى «تۇغقان يوقلاش» سەپىرىگە بىر ئۆسمۈر بالىنىڭ يېقىندا ئېيتقان بىر ئېغىز سۆزى سەۋەب بولغان. بۇ يىل 7 - ئايدا، جوۋ ئېنلەي زۇڭلىنىڭ رولىنى ئالغان ئالاھىدە ئارتىس ليۇ جىن كوناشەھەر ناھىيەسىنىڭ ئوغۇساق بازىرى تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىگە تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كەلگەندە، 15 ياشلىق شەرىپە ناسىر بىلەن نەۋرە ئىنىسى ئەنزەر، نەۋرە سىڭلىسى كەرىمە ئابدۇۋەلى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ يۈردى، ئۇلار پەقەت قەلبىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر «جوۋ بوۋىسى» بىلەن سۈرەتكە چۈشمەكچى ئىدى. سۈرەتكە چۈشۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەنزەر ئىختىيارسىز ھالدا: «جوۋ ئېنلەي بوۋامغا بىزنىڭ ھازىر ناھايىتى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىمىزنى ئېيتىپ بەرگۈم بار» دېدى.

بۇ سەمىمىي سۆز مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن تورداشنى تەسىرلەندۈردى، سىننىڭ ئىنكاس رايونىدا ئوخشاش بىر جۈملە سۆز توختىماي تەكرارلاندى: «بۇ گۈللەنگەن دەۋر سىزنىڭ ئارزۇيىڭىزدىكىدەك بولماقتا.» سىن تارقىلىپ جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى جوۋ بىڭدېغا يەتكۈزۈلدى، ئۇ قايتا - قايتا كۆرۈپ، چوڭقۇر تەسىرلەندى.

8 - ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئۈچ بالا گۇاڭدۇڭنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىشى بويىچە 2026 - يىللىق «كىچىك دىپلومات» بېيجىڭ يازلىق لاگېر پائالىيىتىگە قاتنىشىپ بېيجىڭغا كەلدى، ليۇ جىننىڭ ھەمراھلىقىدا، ئاخىر جوۋ زۇڭلىنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى بىلەن ئۇچراشتى.

«كېلىڭلار، بالىلىرىم موماڭلارنىڭ يېنىغا كېلىڭلار.» جوۋ بىڭدې ئەنزەرنىڭ قولىنى تۇتۇپ، يەنە ئىككى قىزچاقنى باغرىغا بېسىپ، بالىلارنىڭ چىرايىغا سىنچىلاپ قارىدى، كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق چىقىپ تۇراتتى.

ئۈچ بالا ئۆزلىرى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان سوۋغات − داپنى چىقاردى، داپ يۈزىگە تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتىنىڭ يېڭى قىياپىتى سىزىلغانىدى. بۇنى شەرىپەنىڭ دادىسى ناسىر ئىمىن ئۆز قولى بىلەن ياسىغانىدى. ناسىر دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى بولغان مىللىي چالغۇ ياساش ھۈنىرى (ئۇيغۇر مىللىتى چالغۇ ياساش ھۈنىرى)نىڭ ناھىيە دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ۋەكىللىك ۋارىسى.

تۆۋەنكى ئوغۇساق كەنتى «جۇڭگو شىنجاڭ مىللىي چالغۇ كەنتى» دەپ تەرىپلەنگەن بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە قول ھۈنەرۋەنچىلىك، خەلق ئۆرپ - ئادىتى كۆرىكى، يېزا - كەنت ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن دۆلەت 3A دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىرە رايونىغا ئايلىنىپ، يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 2 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

بالىلار بېيجىڭغا بارىدىغان بولدى، ناسىر بىرنەچچە كۈن ئالدىراش يۈرۈپ كۆڭۈل قويۇپ داپ ياسىدى، يەنە ئالايىتەن ئادەم تەكلىپ قىلىپ داپ يۈزىگە رەسىم سىزغۇزدى. «يۇرتىمىزنىڭ يېڭى قىياپىتىنى بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىڭلار» دەپ تاپىلىدى ئۇ بالىلارغا.

بالىلار داپ چېلىپ، «داپ چېلىپ ناخشا ئېيتايلى» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى، بالىلارنىڭ ئاۋازى يېقىملىق داپ ساداسىغا قوشۇلۇپ ئۆي ئىچىدە ياڭرىدى. جوۋ بىڭدې رىتىمغا ئەگىشىپ بېشىنى يېنىك لىڭشىتتى، كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى.

جوۋ بىڭدېمۇ بالىلارغا سوۋغات تەييارلىغانىدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە جوۋ ئېنلەي زۇڭلى ھايات ۋاقتىدا تاقىغان «خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى» دېگەن ئىزناكنىڭ تەقلىد نۇسخىسى بار بولۇپ، بۇ، بالىلارنى ھاياجانلاندۇرۇۋەتتى.

1965 - يىلى، جوۋ ئېنلەي زۇڭلى شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەنىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۈچ ئۆسمۈر بېيجىڭغا كېلىپ، جوۋ زۇڭلىنىڭ ئەينى يىللاردىكى كۆڭۈل بۆلۈشىگە جاۋاب قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.