تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

كېلىڭ! بۇ يەردىكى «دېڭىز»نى ھېس قىلىپ بېقىڭ!

   كىم دېڭىزنى كۆرۈشكە بەك ئىنتىلىدۇ؟

   ئەمەلىيەتتە شىنجاڭدىن چىقىشنىڭ ھاجىتى يوق، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىدە «دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان دېڭىز»− ئۇلۇنگۇر كۆلى يوشۇرۇنغان.

   ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقىپ، S21 قۇملۇق تاشيولىدا يۈرۈپ، ئۈچ يېرىم سائەتتىن تۆت سائەتكىچە  ماڭسىلا بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىگە يېتىپ بارغىلى بولىدۇ. بۇ جاي يەنە قاناس، كۆكتوقايغا بېرىشتا چوقۇم ئۆتىدىغان يول بولۇپ، ئۆتەر يولدا ئورۇنلاشتۇرۇشقىمۇ ناھايىتى مۇۋاپىق كېلىدۇ.

خۇاڭجىن خەيئەن مەنزىرە رايونى

خەيبىڭ سۇ ئۈزۈش مەيدانى پۈتۈن ئائىلىدىكىلەرنىڭ سۇ ئوينىشىغا ئەڭ ماس كېلىدۇ

   ئۇلۇنگۇر كۆلى داخەيزى (ئۇلۇنگۇر كۆلى) بىلەن شياۋخەيزى (جىلى كۆلى)دىن تەركىب تاپقان بولۇپ، سۇ رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 1035 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. بىز بۈگۈن كۆپچىلىكنى باشلاپ ئايلانماقچى بولغان خۇاڭجىن خەيئەن ۋە جىنشاتەن، يىنشاتەننىڭ ھەممىسى داخەيزىنىڭ قىرغىقىدا، سۇ ئۈستى موگۇيچېڭ بولسا شياۋخەيزىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولۇپ، بۇ نۇقتىلار ئارىسىدا ئاپتوموبىل ھەيدەپ بېرىش تەكلىپى بېرىمىز، يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ئىزدەش نامىنى كىرگۈزۈپ ئىزدىسىلا بىۋاسىتە بارغىلى بولىدۇ.

   خۇاڭجىن خەيئەن ئۇلۇنگۇر كۆلىدىكى تۈرلۈك سەيلە-ساياھەت ئەسلىھەلىرى ئەڭ تولۇق بېكەت بولۇپ،  مۇھىمى ئاپتوموبىل توختىتىش ھەقسىز، ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىمۇ ناھايىتى يېتەرلىك.

   بۇ يەردىكى قۇملۇق ساھىلىدا قۇم ئۇششاق ھەم يۇمشاق، ساھىل تېيىز ھەم تەكشى بولۇپ، قىرغاقتا 100 مېتىرغا يېقىن تەبىئىي تېيىز سۇ رايونى بار، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى مۇۋاپىق، سۇ ئۈزۈشنى بىلمەيدىغان كىشىلەر ۋە  بالىلارنىڭ ھەممىسى ئوينىيالايدۇ.

   سۇ ئۈستى تۈرلىرى ئاساسلىقى پىرىستان ئەتراپىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، موتورلۇق قېيىق، ساياھەت كېمىسى، تۇلۇم قولۋاق، سۇ ئۈستى ئۇچار ئادەم قاتارلىق تۈرلەرنىڭ ھەممىسى بار، تۈر بويىچە ئايرىم ھەق ئېلىنىدۇ. تىنچ ئولتۇرۇپ مەنزىرە تاماشا قىلماقچى بولغانلار كۆل بويىدا ئىلەڭگۈچ ئوينىسا بولىدۇ، «دېڭىزدىن ئەڭ يىراق بولغان دېڭىز» دېگەن بەلگە تاختىسى، كۈن پېتىشنى كۆرۈش سۇپىسى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سەيلە قىلسا بولىدۇ.

   مەنزىرە رايونىدا ئاشخانا، سوغۇق سۇ بېلىقى كاۋاپ رايونى ۋە ئۇششاق يېمەكلىكلەر يايمىسى بار، ئاساسلىقى بۇرۇلتوقاي سوغۇق سۇ بېلىقىنى پىشۇرىدۇ، بارىدىغانلارغا نەق مەيداندا ۋۇداۋخېي كاۋىپى پىشۇرۇپ يېيىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، مەززىلىك تائامغا كۆل مەنزىرىسى ماسلاشقان بولۇپ كۆڭۈلگە ياقىدۇ.

جىنشاتەن، يىنشاتەن مەنزىرە رايونى

ھەقسىز قۇملۇق ساھىلىدا ئادەم ئاز، ناھايىتى تىنچ ھەم راھەت

   خۇاڭجىن خەيئەننى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، كۆلنى بويلاپ غەربىي جەنۇبقا قاراپ ماڭسىڭىز، جىنشاتەن ۋە يىنشاتەنگە يېتىپ بارىسىز.

   ھەر ئىككىسى ھەقسىز قۇملۇق ساھىلى بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن يەتتە كىلومېتىر كېلىدۇ،  يول باشلاش سىستېمىسىغا «ئۇلۇنگۇر كۆلى جىنشاتەن» دەپ كىرگۈزۈپ ئىزدىسىڭىزلا، ئاپتوموبىل بىلەن 15 مىنۇتتا  يېتىپ بارغىلى بولىدۇ.

   قۇم ساھىلىدىكى قۇم ئاق رەڭلىك ئۇششاق قۇم، كۆل سۈيى كۆپكۆك، ئادەم ئاز ھەم تىنچ، ياغاچ ئاسما يول ئارقىلىق كۆل بويىغا بارغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە ماگىزىن يوق، كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىمۇ يوق، تاماق ۋە سۇ ئېلىۋېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز.

   دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى، ئاپتوموبىلنى قۇملۇققا ھەيدەپ كىرىشكە بولمايدۇ، بولمىسا ئاپتوموبىل ئاسانلا قۇمغا پېتىپ قالىدۇ؛ كۆل بويىدا شامال كۈچلۈك، چاپان تەييارلاش تەكلىپى بېرىمىز، ئۇنىڭدىن باشقا سۇ پاشىسى كۆپ، پاشا يوقىتىش سۈيىنى چوقۇم ئېلىۋېلىش كېرەك.

دېڭىزدىكى موگۇيچېڭ

سۇ ئۈستىدىكى يارداڭلىق، كۈن پېتىشنى قولدىن بېرىشكە بولمايدۇ

   دېڭىزدىكى موگۇيچېڭ جىلى كۆلىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا بولۇپ، ئاز ئۇچرايدىغان سۇ ئۈستىدىكى يارداڭ يەر شەكلى. قىزغۇچ قوڭۇر رەڭلىك قىيا تاشلار كۆپكۆك كۆل سۈيىنىڭ بويىدا قەد كۆتۈرگەن بولۇپ، كۆرۈش تەسىراتى ناھايىتى كۈچلۈك.

   مەنزىرە رايونىغا سائەت 17:30دىن كېيىن كىرىش، چىڭقى چۈشتىكى كۈچلۈك ئاپتاپتىن ساقلىنىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ ۋاقىتتا كۈن نۇرى تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. ياغاچ ئاسما يولنى بويلاپ پىيادە ماڭغاندا، يول بويى شامالنىڭ يىمىرىشىدىن شەكىللەنگەن يارداڭ قىيا تاشلارنى يېقىن ئارىلىقتا كۆرگىلى بولىدۇ، بۇ، كۆپكۆك كۆل سۈيى بىلەن كۈچلۈك سېلىشتۇرما ھاسىل قىلىدۇ.

   كەچقۇرۇن بۇ جاينىڭ مەنزىرە كۆرۈشتىكى يادرولۇق مەزگىلى بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا قىيا ۋە كۆل يۈزى  قىزغۇچ سېرىق رەڭگە كىرىپ، سۈرەتكە تارتىشقا بەك ماس كېلىدۇ. قىيا بويىدا شامال بىر قەدەر كۈچلۈك، چوقۇم بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىش، ئاسما يولدىن ئۆتمەسلىك كېرەك.

   يۇقىرىقى نۇقتىلارنى ئايلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئەگەر ۋاقىت يەنە يېتەرلىك بولسا، ئۇلۇنگۇر كۆلى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىغا بېرىپ ئايلىنىپ كېلىشنى تەۋسىيە قىلىمىز، بۇ يەردە كۆز يەتكۈسىز قومۇشلۇق ۋە سۇلۇق يەرنى، يەنە ئاق قۇ، ئاق تۇرنا، قۇرغۇي قاتارلىق قۇشلارنى كۆرگىلى بولىدۇ، ناھايىتى تىنچ ھەم راھەت .

   ياز پەسلى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئېكرانغا قاراپ دېڭىزنى كۆرگەندىن  ئاپتوموبىل ھەيدەپ ئۇلۇنگۇر كۆلىگە بېرىپ، قۇملۇق ساھىلىدىن بىرنى تېپىپ، بۇ «دېڭىز»دا كۈن پېتىشنى كۆرگەن ياخشى.

   يازنىڭ ئاخىرقى پەيتلىرىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلۇنگۇر كۆلىگە بېرىپ «دېڭىز»نى كۆرۈڭ ~

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.