بۇ، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان ئاساسىي لىنىيەدىكى پولات ئاسما كۆۋرۈكنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانى (ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، داليەن، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جاڭ بوچۈن) مۇخبىرنىڭ 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن داليەن چاڭخەي چوڭ كۆۋرۈكىنىڭ ئاساسىي لىنىيە پولات ئاسما كۆۋرۈكىنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمىدىن ئىگىلىشىچە، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 11.6 كىلومېتىر كېلىدىغان ئاساسىي لىنىيە پولات ئاسما كۆۋرۈكى يېقىندا پۈتۈن لىنىيە بويىچە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، چاڭخەي چوڭ كۆۋرۈكى تۈر قۇرۇلۇشىدا ئاچقۇچلۇق ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.
چاڭخەي چوڭ كۆۋرۈكى داليەن شەھىرىنىڭ چاڭخەي ناھىيەسى داچاڭشەن ئارىلى بازىرىدىن باشلىنىپ، داليەن شەھىرىنىڭ پۇلەنديەن رايونى پىكوۋ كوچىسىدا ئاخىرلىشىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 25.5 كىلومېتىر بولۇپ، شەرقىي شىمال رايونىدىكى مۇساپىسى ئەڭ ئۇزۇن دېڭىز ھالقىغان چوڭ كۆۋرۈك ھېسابلىنىدۇ، 2025-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان. چاڭخەي ناھىيەسى خۇاڭخەي دېڭىزىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى دېڭىز تەۋەلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، 195 ئارالدىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە ئادەم ئولتۇراقلاشقان ئارال 18. چوڭ كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، چاڭخەي ناھىيەسىنىڭ قۇرۇقلۇق ئارىلى قاتنىشىدا ئاساسلىقى دېڭىز تىرانسپورتىغا تايىنىدىغان ھالەت ئۆزگەرتىلىپ، ئارال ئاھالىلىرىنىڭ «ھاۋارايى ئەھۋالىغا قاراپ ئارالدىن چىقىش»تەك قاتناش قىيىنچىلىقى بۇزۇپ تاشلىنىدۇ.
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئاساسىي لىنىيەدىكى پولات ئاسما كۆۋرۈكتە يۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن يۈلۇڭ فوتوسى
8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئاپتوموبىللار ئاساسىي لىنىيەدىكى پولات ئاسما كۆۋرۈكتە يۈرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن يۈلۇڭ فوتوسى
بۇ، 8-ئاينىڭ 25-كۈنى تارتىلغان ئاساسىي لىنىيەدىكى پولات ئاسما كۆۋرۈكنى تۇتاشتۇرۇش مۇراسىمى نەق مەيدانى (ئادەمسىز ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت) .شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان






