تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ناخشا-ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتى كەلدى، ئۈرۈمچىدىكى بۇ مەيدان خەلققە نەپ يەتكۈزۈش كۆرىكى قالتىس نامايان قىلىندى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 24-كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرى شۇيموگوۋ رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ئۇيۇشتۇرغان «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەنخۇ شەھەر ئاھالىلىرى مەيدانىنىڭ ئاساسىي سەھنىسىدە قىزغىن باشلاندى. بۇ قېتىمقى كۆرەكتە ناخشا-ئۇسسۇل ۋاسىتە قىلىنىپ، تەۋەلىكتىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشى بېيىتىلىپ، قوشنىلار ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بويىچە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سۇپا بەرپا قىلىندى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانىدا، كۆرەككە تەييارلىق قىلىۋاتقان ئەترەت ئاخىرقى رېپىتېتسىيەنى قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانىدا، ئارتىسلار قول دۇمباق ئۇسسۇلى ئوينىماقتا.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانىدا ئارتىسلار ئۇسسۇل ئوينىماقتا.

   كەچقۇرۇن، نەنخۇ مەيدانىدا چىراغلار يوپيورۇق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى، ئەتراپتىكى ئاھالىلەر بىر-بىرىگە ھەمراھ بولۇشۇپ مەيدانغا كېلىپ، بالدۇرلا سەھنە ئالدىدا تۇرۇپ ئېسىل نومۇرلارنى تاماشا قىلىشنى كۈتتى. بۇ قېتىمقى ئويۇندا 17 ئاممىۋى ئۇسسۇل ئەترىتى نۆۋەت بىلەن سەھنىگە چىقتى، نومۇرلارنىڭ تۈرى مول، كۆپ خىل ئىدى. يىپەك يولى خاسلىقى يۇغۇرۇلغان ئۇسسۇللار قويۇق كەيپىيات تۈسىگە تولغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان زامانىۋى مەيدان ئۇسسۇلى شۇنچىلىك جانلىق، لەرزان بولۇپ، ئويۇن قويۇشقا قاتناشقان ئاممىنىڭ روھى كۆتۈرەڭگۈ، قەدىمى رەتلىك ئىدى، گۈزەل ئۇسسۇل قىياپىتى ئارقىلىق تەۋەلىكتىكى پۇقرالارنىڭ ئاكتىپ، ئۈمىدۋار تۇرمۇش ھالىتى نامايان قىلىندى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانى.

   نەق مەيداندا قىزىقارلىق ھەمتۈرتكە ھالقىسى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، رىياسەتچى سەھنە ئاستىدىكى تاماشىبىنلار بىلەن ھەمتۈرتكە بولۇپ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئويۇنى، كىچىك ئويۇنلارنى قانات يايدۇرۇپ، قاتناشقان شەھەر ئاھالىلىرىگە ئېسىل سوۋغاتلارنى تارقىتىپ بەردى. تۆۋەندە ئالقىش سادالىرى، كۈلكە سادالىرى بىردەم كۆتۈرۈلۈپ بىردەم پەسىيىپ تۇراتتى، كۆپچىلىك مۇزىكىغا ئەگىشىپ قول پۇلاڭلىتىپ خور ئېيتتى، سەھنىدە ۋە تۆۋەندە شاد-خۇراملىققا چۆمگەن، ئىناق، ئىللىق شەھەر كەيپىياتى نامايان بولدى.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانىدا، سازەندىلەر كوللېكتىپ مۇزىكا ئورۇندىماقتا.

8-ئاينىڭ 24-كۈنى، «بىللە ناخشا ئېيتىپ، بىللە ئۇسسۇل ئوينايلى» ئاممىۋى ئەدەبىيات-سەنئەت كۆرىكى نەق مەيدانىدا، تاماشىبىنلار ئويۇن كۆرمەكتە ھەم سۈرەتكە تارتماقتا. 

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.