تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. يېشىللىققا پۈركەنگەن تىيانشان بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشاش | قارامايلىدىكى چۆل-باياۋاندا جانلىق گۈزەل مەنزىرە نامايان بولدى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) باش كۈزدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. قارامايلى ھەققىدە ئىزدىنىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش شۆبە ئەترىتى جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدىكى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا كىردى. يىراققا نەزەر سالساق، ئاسمان بىلەن تۇپراق ئارىسىدا خۇددى سىياھ رەسىمدەك گۈزەل قۇملۇق، چۆل-باياۋان ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسى نامايان بولغان بولۇپ، بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشايدىغان جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى.

  قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارامايلى تىيانشان بىلەن ئالتاي تېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيە كارىدورى. بۇ بىپايان تۇپراققا ئادەم ئاياغ باسمىغان بولۇپ، «ھايۋاناتلارنىڭ گۈزەل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. نۆۋەتتە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا 260 خىل ياۋايى ئومۇرتقىلىق ھايۋان ياشايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان 14 خىل ياۋايى ھايۋان بار بولۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنتايىن مول.

  پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنى قوغداشتا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر بۇ تۇپراقنىڭ ئەڭ يارقىن ئېكولوگىيە نام كارتىسى ھېسابلىنىدۇ. پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى يەرشارىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى بولۇپ، ئىلگىرى بىرمەھەل دۆلىتىمىزدە دالىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. 1985-يىلى دۆلىتىمىز «ياۋا ئاتنى يۇرتىغا قايتۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىللىق قوغداش، كۆپەيتىش ۋە ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۈر توپى سىجىل ئەسلىگە كېلىپ زورايدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىلگەن پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ سانى 392گە يىتىپ، دالىدىكى تۈر توپى دەسلەپكى قەدەمدە ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان ئىقتىدارنى ھازىرلىدى، قىسمەن ياۋا ئاتلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى ھەتتا يادرولۇق رايون چېگراسىدىن 100 كىلومېتىردىن ئېشىپ كەتتى.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەرلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ تېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى %8.2تىن %9.41كە ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، سۈنئىي ھەمراھ ئورۇن بەلگىلەش بويۇن چەمبىرىكى، ئېگىز بۇلۇت سۇپىسى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئىستېرېئولۇق كۆزىتىش-ئۆلچەش تورى بەرپا قىلىپ، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تۈرىنى قايتا كىرگۈزۈشكە قىممەتلىك «جۇڭگو تەجرىبىسى» تەقدىم قىلدى.

 ( ئېكراننى ئايلاندۇرۇپ كۆرۈڭ)

  تاڭ نۇرى ئاستىدا، بىر توپ پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا بىر توپ جۇڭغار قۇلانى چېپىپ يۈرمەكتە (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، ئىككى ئاق بوغۇز بۆكەن يىراقلارغا نەزەر سالماقتا (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ ياۋا ئات كۆپەيتىش تەتقىقات مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش (8-ئاينىڭ 14-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىدىكى ھايۋانلارنىڭ تۇياق ئىزى (8-ئاينىڭ 11-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (8-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا جۇڭغار قۇلانلىرى بەخىرامان سەيلە قىلماقتا (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا خاتىرجەم ياشاۋاتقان پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا بىر توپ قۇش كۆكتە پەرۋاز قىلماقتا (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

  شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزىدىكى ئادەتتىكى تىزگىنلەش رايونى ئىچىدە تارتىلغان ۋۇسەيچېڭنىڭ مەنزىرىسى (8-ئاينىڭ 13-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.