تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چۆل-باياۋاندا ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى — شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا قىسقىچە نەزەر

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى

   8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى (گۇرۇھى) «گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى . قارامايلىدا سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كىچىك شۆبە ئەترىتىدىكىلەر شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون» دېيىلىدۇ)دا زىيارەتتە بولۇپ، بۇ چۆل-باياۋاندىكى ئۇرغۇپ تۇرغان ھاياتىي كۈچ مەنزىرىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى.

   قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرققە كېيىڭىشىنى توسۇشتىكى مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى، شۇنداقلا تىيانشان تېغى بىلەن ئالتاي تېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھالقىلىق ئېكولوگىيە كارىدورى، يەر شارىۋى مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون گۇچۇڭ سىلىتسىيلاشقان ياغاچ — دىنازاۋۇر دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قاتارلىق بايلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ، دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

   بۇ بىپايان تۇپراق گەرچە ئادەم ئايىغى بېسىلمىغان چۆللۈك بولسىمۇ، لېكىن «ھايۋانلارنىڭ گۈزەل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يەردە يەر شارىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى يېتىشتۈرۈلگەن ھەم ياۋايىلاشتۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭغار قۇلانى ياشايدۇ، ئاق بوغۇز بۆكەن توپىنىڭ سانى خېلى كۆپ، ئارقار، سۈلەيسۈن، يايلاق بۈركۈتى قاتارلىق نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بۇ يەردە كۆپىيىپ ياشايدۇ. قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ھازىر ياۋايى ئومۇرتقىلىق ھايۋاندىن 260 خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن 14 خىلى، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن 42 خىلى، تالا تومۇرلۇق ياۋا ئۆسۈملۈكتىن 393 خىلى بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكتىن توققۇز خىلى بار بولۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مول.

   پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى قوغداش قارامايلى ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنىڭ بىر يارقىن ئىسىم كارتىسى. پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى ئىلگىرى دۆلىتىمىزنىڭ دالالىرىدا يوقىلىپ كەتكەن، 1985-يىلى «ياۋا ئاتنى يۇرتىغا قايتۇرۇش» پىلانى يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىللىق كۆپەيتىش ۋە ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق، ياۋا ئات تۈر توپى ئۈزلۈكسىز زورايدى. 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭدىكى پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ تۈر توپى سانى 561 تۇياققا يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا دالىدا بېقىلىۋاتقان پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى 392 تۇياق بولۇپ، دالىدىكى تۈر توپى ئۆز-ئۆزىنى قامداش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى، قىسمەن ياۋا ئاتلارنىڭ پائالىيەت دائىرىسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ يادرولۇق رايونىدىن 100 كىلومېتىر ھالقىپ كەتتى. خىزمەتچى خادىملار سۈنئىي ھەمراھ بويۇن چەمبىرىكى، يۇقىرى بوشلۇق بۇلۇت سۇپىسى، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات قاتارلىق پەن-تېخنىكا قوراللىرىدىن پايدىلىنىپ، ياۋا ئات قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق كۆزىتىپ تۇرىدۇ، قارامايلى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈرلەرنى قايتا كىرگۈزۈشكە جۇڭگو تەجرىبىسىنى تەقدىم قىلدى.

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس، ئادەم كۈچى بىلەن تۈزەشنى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەرلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ تېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشىلاپ، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى %8.2تىن %9.41كە ئۆستۈردى. دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەم ياۋايى ھايۋانلار ۋە سۆكسۆك، ئاق سۆكسۆك قاتارلىق چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى قوغدالدى، ھەم سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىق ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك ئىزلار قوغدالدى.

   دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، قارامايلىنىڭ چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسى تېخىمۇ سىستېمىلىق، مۇكەممەل قوغدىلىپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ شىنجاڭ مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقىش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى تېخىمۇ قېنىقلاشتۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.