تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

ئالتە كۈندە 4900 كىلومېتىر يولنى ئۇچقاندەك يۈرۈش! نىڭبولۇق ئاتا-بالا شىنجاڭدىكى چېگرانى قوغداۋاتقان جەڭچىلەرگە سوۋغا تەقدىم قىلدى

   «پاشا يوقىتىش چىرىغى ئورناتتۇق، قاراڭ، ئۇ سازلىققا يېقىن جايدا پاشا تۇتۇۋاتىدۇ!» 8-ئاينىڭ 19-كۈنى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ قابا ناھىيەسىگە جايلاشقان شىنجاڭ بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە، خۇ يىشەن  ئۆزى يېڭىلا ئىئانە قىلغان دالىدا پاشا يوقىتىش چىرىغىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، يان تېلېفونىدا سىنغا ئالغاچ خۇشال ھالدا شۇنداق دېدى. ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ھاردۇقى چىقىپلا قالغانىدى.

   8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خۇ يىشەن ۋە ئوغلى بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە دالىدا پاشا يوقىتىش چىرىقىدىن 24نى ئىئانە قىلدى. «چېگرا مۇداپىئە جەڭچىلىرى ئۈچۈن ئازراق ئىش قىلىپ بېرەلىسەك، ئالتە كۈندە 4900 كىلومېتىر يول يۈرسەك ئەرزىيدۇ!» دېدى ئۇ.

خۇ يىشەن بىلەن ئۇنىڭ ئوغلى بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە ئىئانە قىلغان پاشا يوقىتىش چىرىغىنى ئۆز قولى بىلەن يەتكۈزۈپ بەردى.

   46 ياشلىق خۇ يىشەن جېجياڭنىڭ نىڭبو شياڭشەندىكى سودىگەر بولۇپ، پاشا يوقىتىش ئۈسكۈنىسى ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە 23 يىل ئىشلىگەن. ئۇنىڭ بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە پاشا يوقىتىش چىرىغى ئىئانە قىلىش ئويى توغرىسىدا بۇ يىل 6-ئايدىن باشلاپ سۆزلەشكە توغرا كېلىدۇ. ئەينى چاغدا، ئۇنىڭ چىڭخەي ماڭياغا پاشا يوقىتىش چىرىغىدىن 40نى ئىئانە قىلغانلىقى توغرىسىدىكى سىن توردا كەڭ تارقالغان، كۆپلىگەن تورداش سىنغا «شىنجاڭ بېيۋەندىكى چېگرانى قوغداۋاتقان جەڭچىلەرنىڭ خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق، ئۇلارنى دائىم پاشا چېقىپ ئارام بەرمەيدۇ» دەپ ئىنكاس قالدۇرغان. ئۇ يەنە تاراتقۇلاردىن ھەر يىلى 6-ئايدىن 8-ئايغىچە بېيۋەندە پاشا كۆپ كۆرۈلىدىغان پەسىل بولۇپ، پاشىنىڭ كۆپلۈكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىدىن خەۋەر تاپقان. ئۇ كۆڭلىدە: جەڭچىلەر چوقۇم «تولۇق جابدۇققا ئىگە بولۇشى»كېرەك دەپ ئويلىغان.

   «ئىنكاسنى كۆرگەندىن كېيىن، دۆلەت ئۈچۈن چېگرانى چارلاپ قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە ئىچىم ئاغرىدى» دەيدۇ ئۇ: شۇ چاغدىلا بېيۋەندىكى چېگرانى قوغداۋاتقان ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە بىر تۈركۈم پاشا يوقىتىش چىرىغى ئىئانە قىلىشنى قارار قىلدىم. 8-ئاينىڭ 10-كۈنى، خۇ يىشەن قىسىم بىلەن ئالاقىلىشىدۇ، 8-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئۇ 19 ياشلىق ئوغلى بىلەن بىللە لىق بىر ئاپتوموبىل پاشا يوقىتىش چىرىغىنى ئېلىپ شياڭشەندىن ئۇدۇل شىنجاڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

  «بىز ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە يولغا چىقىپ، ئاپتوموبىلنى نۆۋەت بىلەن كەچ سائەت 12لەرگىچە ھەيدىدۇق. يول بويى ئۇچقاندەك يۈرۈپ، تېز يېتىپ بېرىپ، جەڭچىلەرگە پاشا يوقىتىش چىرىغىنى بالدۇرراق يەتكۈزۈشنى ئويلىدۇق» دېدى خۇ يىشەن.

  8-ئاينىڭ 19-كۈنى سائەت 10لار ئەتراپىدا، ئۇلار بېيۋەن چېگرا مۇداپىئە ليەنىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىش پائالىيىتىنى تاماملىدى. ئۆتكۈزۈپ بېرىش-ئۆتكۈزۈۋېلىش نەق مەيدانىدا، خۇ يىشەن ئۆز قولى بىلەن پاشا يوقىتىش چىرىغىدىن بىرنى ئورنىتىپ سىناق قىلغاچ، جەڭچىلەرگە چىراغ ئورنىتىش مۇھىم نۇقتىسى ۋە ئىشلەتكەندە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قولمۇقول ئۆگەتتى.

  خۇ يىشەننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، دالىدا ئىشلىتىدىغان 24 پاشا يوقىتىش چىرىغى بىلەن پاشا يوقىتىش دورىسىنىڭ بازار باھاسى تەخمىنەن 7000 يۈەن ئەتراپىدا بولىدىكەن، «بۇ نەرسىلەر گەرچە قىممەت بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ بىزنىڭ چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرىگە بولغان ھۆرمىتىمىز، جەڭچىلەرنىڭ ئەمەلىي مەسىلىسىنى ئازراق بولسىمۇ ھەقىقىي ھەل قىلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدۇق» دېدى ئۇ.

    خۇ يىشەن مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى ئىئانە قىلىش بىر كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغانلىقى ھېسابلىنىدۇ، بۇنىڭدىن سىرت، بۇ، مەن ۋە بالام ئۈچۈن بىر قېتىملىق تېپىلغۇسىز ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى. «بۇنىڭدىن كېيىن، چېگرانى قوغداۋاتقان جەڭچىلەر ئېھتىياجلىق بولسىلا، مەن يەنە ئىئانە قىلىمەن» دېدى ئۇ.

 مەنبە: ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى

   مۇخبىر: چىن جىنلى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.