تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئاخباراتى

(2026 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا ماقۇللاندى)

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنى 2026 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. بۇ قېتىمقى ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ 116 ئەزاسى قاتناشتى.

ئومۇمىي يىغىنغا مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى رىياسەتچىلىك قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى شى سۆز قىلدى.

ئومۇمىي يىغىندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى قىسمى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ سىستېمىلىق يەكۈنى ۋە نەزەرىيە يۈكسەكلىكى بولۇپ، مول ۋە چوڭقۇر، ماھىيەتلىك مەزمۇنغا باي، ئىدىيەۋىلىكى چوڭقۇر، سىستېمىسى پۇختا، پۈتۈن پارتىيەنى يېتەكلەپ 100 يىللىق چوڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى،پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تۈپ قوللانما ۋە ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە ئورگانلىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچ، جەزمەن «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ قەتئىي ئېتىقادچىلىرى، سادىق ئەمەلىيەتچىلىرىدىن بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ جۇڭگوچە يولىدا قەتئىي ياخشى مېڭىپ، تېخىمۇ يۇقىرى ئۆلچەم، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا 2026 ـ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتى خۇلاسىلەندى، كېيىنكى باسقۇچتىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئىدىيەۋى يېتەكچىلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شى جىنپىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جەۋھىرى، مۇھىم مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئاڭلىق ھالدا كاللىنى قوراللاندۇرۇپ، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىپ، بارلىق ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك. خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، سىياسىي كۆزىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نۆۋەت ئالماشتۇرۇش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سىستېمىلىق تەپەككۇر، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاساسلىقنى تۇتۇپ، مۇھىمنى تۇتۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى شەكىللەندۈرۈپ، قەتئىي تۈردە بىخەتەرلىك تۆۋەن چېكىنى مەھكەم ساقلاش كېرەك. قوشۇن قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىقتىدار جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، ئىستىل جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان، پاكلىق جەھەتتە قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان بولۇش مۇھىم تەلىپى بويىچە، «ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، قانۇنچىللاشتۇرۇش، مۇنتىزىملاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى يىلى» ھەرىكىتىنى سىجىل ياخشى تۇتۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان بولغان، دادىل ۋە ماھىرلىق بىلەن كۈرەش قىلىدىغان ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە پولات قوشۇنىنى تاۋلاپ چىقىش كېرەك.

ئومۇمىي يىغىندا پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، يولداش جاۋ شىيۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا، يولداش جاڭ جۇڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىقىغا، مۇئاۋىن شۇجىلىقىغا سايلاندى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 22 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.