تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا زىچ يۇغۇرۇش

□ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن فۇجىڭ

مۇزېيغا بېرىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى «مودا ئويۇنچۇقى»نى ئۆيگە ئالغاچ كېتىش، ئۆزگىچە بازارغا بېرىپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ھۈنەر - سەنئىتىنى ھېس قىلىش، قەدىمىي كوچا - كويلاردا داكا قىلىپ چۆكۈش شەكلىدە كېچىلىك ساياھەت قىلىش... بۇ ياز مەزگىلىدە، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت يېڭىلىق يارىتىش ھالىتى بىلەن كۈندىلىك تۇرمۇشقا سىڭىپ كىردى، مەدەنىيەت - ساياھەت بازىرىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى.

مەدەنىيەت ساياھەتنىڭ جېنى، ساياھەت مەدەنىيەتنىڭ ۋاسىتىسى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ساياھەت قىلىش ئۆز - ئۆزىنى تەربىيەلەپ ئېسىل پەزىلەت يېتىلدۈرۈش يولى، جۇڭخۇا مىللىتى قەدىمدىن تارتىپ ساياھەت قىلىش بىلەن كىتاب ئوقۇشنى بىرلەشتۈرۈپ، <تۈمەن پارچە كىتاب ئوقۇش، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرۈش>نى قەدىرلەپ كەلدى.»

مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىش ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنىڭ ئىچكى تەلىپى.

يەرلىكتە خىزمەت قىلغاندا، يولداش شى جىنپىڭ «تارىخىي مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى مەدەنىيلىكنى ساياھەت ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا سىڭدۈرۈش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

«جىجياڭ يېڭى سۆزلىرى»دىكى «ساياھەت ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك» دېگەن ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: «ساياھەت ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك ئۆلكىسى قۇرۇپ چىقىشتا، جەزمەن يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ۋارىسلىق قىلىشنىڭ بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ۋارىسلىق قىلىش داۋامىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭىلىق يارىتىشقا، ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىشقا، مۇكەممەللەشتۈرۈشكە ئىنتىلىپ، مۇنەۋۋەر مىللەت مەدەنىيىتى ۋە مىللەت روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك.»

ۋارىسلىق قىلىش بىلەن يېڭىلىق يارىتىش بىر - بىرىنى تولۇقلايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، ھەم شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئۆزگىچە بايلىقنى ئېچىشقا ماھىر بولۇش، ھەم پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ۋە پۇرسەتكە تايىنىپ ئامىللارنى بىرىكتۈرۈشكە ماھىر بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتنىڭ يېڭى دەۋر نۇرىنى جۇلالاندۇرۇشقا ماھىر بولۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم تەكشۈرۈشتە بولۇش داۋامىدا مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بىلەن ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتى توغرىسىدا يوليورۇق بەردى −

سەنشى پىڭياۋ قەدىمىي شەھىرىدە، «ساياھەت تەرەققىياتى، ئۆزگىچە تىجارەت، قەدىمىي شەھەرنى قوغداشنى بىرتۇتاش ياخشى پىلانلاش» كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى؛ جېجياڭ شاۋشىڭدىكى جېدۇڭ قانىلى مەدەنىيەت باغچىسىدا «قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، پايدىلىنىش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك» دەپ ئوتتۇرىغا قويدى؛ جياڭسۇ سۇجوۋ پىڭجياڭ تارىخىي مەدەنىيەت كوچا رايونىدا «ياخشى قوغداش، ياخشى ئېچىش، ياخشى پايدىلىنىشتا، ماددىي شەكىل جەھەتتە ياخشى ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قەلبتىن ياخشى ۋارىسلىق قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى... ھەربىر چوڭقۇر مەنىلىك تاپىلاش چوڭقۇر مەدەنىيەت ھېسسىياتى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقنى نامايان قىلدى.

ۋارىسلىق قىلىش يېڭىلىق يارىتىشنىڭ ئاساسى، يېڭىلىق يارىتىش ۋارىسلىق قىلىشنىڭ داۋامى. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى كىشىلەرنىڭ «يېڭىلىق يارىتىشقا ئىنتىلىش، ئۆزگىچىلىككە ئىنتىلىش، بىلىمگە ئىنتىلىش، خۇشاللىققا ئىنتىلىش» ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، «مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، كەڭ تۇپراقتا تىزىلغان مىراسلار، قەدىمىي كىتابلارغا يېزىلغان يېزىقلارنى جانلاندۇردى».

7 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، «جىڭدېجېن قول ھۈنەر ساپال - فارفۇر بۇيۇملار كەسپى مىراسى» رەسمىي تۈردە «دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكى»گە كىرگۈزۈلدى. بۈگۈنكى كۈندىكى جىڭدېجېندا، ساپال - فارفۇر بۇيۇملار «تاماشا بۇيۇمى»دىن «ھېس قىلىش بۇيۇمى»غا ئايلاندى، ياشلار ئۆز قولى بىلەن لاي تەييارلاپ شەكىلگە كەلتۈرۈپ، ساپال سەنئىتى ياسىمىچىلىقىنى ھېس قىلدى.

2023 - يىلى 10 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جىڭدېجېن شەھىرىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شۇ جاينىڭ «قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئەسلىي ھالىتىنى ساقلاپ قالغان ئاساستا ئۆزگەرتىش تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ساپال - فارفۇر بۇيۇملار مەدەنىيىتىنى قوغداش بىلەن مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىپ كەلگەن مىڭ يىللىق خۇمدان ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: «ھەربىر خىل مەدەنىيلىك بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەنىۋى تومۇرىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، بۇ، ھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملاشتۇرۇش، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغداشقا ئېھتىياجلىق، ھەم دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەشكە، دادىل يېڭىلىق يارىتىشقا ئېھتىياجلىق.»

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى - مۇزېي قىزغىنلىقى» تولۇپ تاشتى، «مەدەنىيەت ئىجادىيىتى شامىلى» ئەۋج ئالدى، مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش داۋامىدا، زامانىۋى تۇرمۇش بىلەن باغلىنىش نۇقتىسىنى تېپىپ چىقىپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئوزۇقىنى موللاشتۇرماقتا.

«ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىق يۇغۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى تېخىمۇ شانلىق نۇر چاچماقتا.» باش شۇجى شى جىنپىڭ 2026 - يىلى يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە قىلغان بۇ بىر جۈملە سۆز، دەل ھازىرقى جۇڭخۇا زېمىنىدا قەدىمكى بىلەن ھازىرقى گىرەلىشىپ جۇلالىنىش، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ.

«15 - بەش يىل»غا قەدەم قويۇپ، «مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى يارىتىش، ساياھەت ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» دۆلەتنىڭ بەش يىللىق يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈلدى. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەت ۋارىسلىق قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا زىچ يۇغۇرۇلۇپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا پۇختا قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولدى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى دەۋر دولقۇنىدا ئۈزلۈكسىز تۈردە كۆزنى تېخىمۇ قاماشتۇرىدىغان نۇر چاچتى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 21 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.