تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ خېچىلىمانىڭ زامبىيەنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى تېلېگراممىسى 8 ـ ئاينىڭ 20 ـ كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خاكەيئىند خېچىلىماغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ زامبىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭلۇقىغا ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىككى قېتىم كۆرۈشۈپ، جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ئورتاق يېتەكچىلىك قىلدۇق. ئىككى دۆلەت سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى، كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇردى. مەن جۇڭگو ـ زامبىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ خېچىلىما بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، جۇڭگو − ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى بېيجىڭ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، قەتئىي تۈردە ئۆزئارا قوللاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىش سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو ـ زامبىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.