تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى دوختۇرلاردىن بولۇش

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى پېڭ يۈنجيا، لى خېڭ

2026 - يىلى 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى 9 - قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى.

كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ. كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە مەنسۇپ بۇ بايرامغا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تەنتەنىلىك مەدھىيەسى مۇجەسسەملەنگەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر غەمخورلۇقى ۋە سەمىمىي ئۈمىدى مۇجەسسەملەنگەن.

2018 - يىلى تۇنجى قېتىملىق جۇڭگو دوختۇرلار بايرىمى پەيتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ «ھاياتلىقنى قەدىرلەيدىغان، ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان، ئۆزىنى بېغىشلايدىغان، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەت يەتكۈزىدىغان روھنى ئەۋج ئالدۇرغانلىقى»نى مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ قوشۇندا «زور بىر تۈركۈم تېببىي مۇتەخەسسىسلەر ۋە خەلقنىڭ ياخشى دوختۇرلىرى بارلىققا كەلدى».

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم داۋالاش - ساقلىق ساقلاش بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاساسىي قاتلامدىكى تېببىي خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتكە دوختۇرلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، سەھىيە ئىشلىرىغا ئەھمىيەت بېرىدىغان روشەن ئۈلگە تىكلەپ بەردى −

جياڭسۇ جېنجياڭ شىيې بازارلىق دوختۇرخانىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت تېببىي خىزمەتچىلەرگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە كۆيۈنۈپ، ئۇلارغا ياخشى خىزمەت مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛

خېبېي تاڭشەن شەھىرىدىكى كەسمە پالەچ ساناتورىيەسىدە، نەق مەيداندىكى تېببىي خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: «سىلەرنىڭ كەسپىڭلار ئەڭ ئالىيجاناب، ئەڭ مۇقەددەس»؛

فۇجيەن سەنمىڭ شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانىدا، داۋالاش ئىسلاھاتى ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا ئىگىلىدى، تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى: «بۇ بىر خىل دادىل باشلامچى بولۇش روھى، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش ئىدىيەسىدىكى ئاڭلىق مەسئۇلىيەتچانلىق»؛

...

ھەربىر ئىللىق دەقىقە، ھەربىر قېتىملىق قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان سۆھبەت، باش شۇجىنىڭ تېببىي خىزمەتچىلەرگە بولغان كۆڭۈل بۆلۈشى، كۆيۈنۈشى «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش»تىن ئىبارەت قىممەت ئىنتىلىشىنى نامايان قىلدى.

2026 - يىلى 7 - ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 105 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ چېگرا رايوندىكى چارۋىچىلىق رايونىدا يىلتىز تارتىپ، چارۋىچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى نەچچە ئون يىل قوغدىغان شىنجاڭ چاغانتوقاي ناھىيەلىك چارۋىچىلىق دوختۇرخانىسى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىنىڭ سابىق مۇئاۋىن مۇدىر ۋىراچى ئوقاس سۈلەيمەنگە «1 - ئىيۇل ئوردېنى» تارقىتىپ بېرىپ، پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ ئالىي شان - شەرەپ ئارقىلىق ئاساسىي قاتلامدىكى ئاق خالاتلىق قوغدىغۇچىلارغا ھۆرمەت بىلدۈردى.

«تېببىي خىزمەتچىلەرگە بولغان قوغداش، كۆڭۈل بۆلۈش، ئاسراشنى كۈچەيتىش كېرەك» «ئىش ھەققى تەمىناتى، تەرەققىيات بوشلۇقى، كەسىپكارلىق مۇھىتى، جەمئىيەتتىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىن قول سېلىپ ئىشلەپ، تېببىي خادىملارنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىكى ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇلارنى ئاسراش كېرەك»... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىغا ئەمەل قىلىپ، دۆلىتىمىز «تېببىي خادىملارنى قوغداش، ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش، ئۇلارنى ئاسراشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، تېببىي خادىملارنىڭ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى قوغداش، ئۇنۋان ئۆستۈرۈش، تەقدىرلەش، رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېببىي خادىملارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى خاتىرجەم ئادا قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلدى.

ھەم غەمخورلۇق قىلىپ كۆڭۈل بۆلدى، ھەم سەمىمىي ئۈمىد كۈتتى.

2020 - يىلى 2 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شوۋگاڭ دوختۇرخانىسىدا پىراكتىكا قىلىۋاتقان شىزاڭ داشۆ تېببىي شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، چوڭقۇر ئىلھام بېرىپ: «تىرىشىپ پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى دوختۇرلاردىن بولۇڭلار» «ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن خەلق ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا بېرىڭلار، مېھرىبان قەلب ۋە تېخنىكا ئارقىلىق خەلققە، بولۇپمۇ ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا بەخت يارىتىڭلار» دېدى؛ 2021 - يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە داۋالاش، دورا، سەھىيە ساھەسى، مائارىپ ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا، باش شۇجى تەنتەنىلىك ھالدا مۇنداق تاپىلىدى: كەڭ تېببىي خىزمەتچىلەر تېببىي ئەخلاق، تېببىي ئىستىل، تېببىي قائىدىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تېببىي ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ، مېھرىبانلىق بىلەن دوختۇرلۇق قىلىپ، ئازابتىن قۇتۇلدۇرۇشنى قەلبىگە پۈكۈپ، خەلقنىڭ كاتتا دوختۇرى بولۇشى كېرەك.

«پارتىيە ۋە خەلق ئىشىنىدىغان ياخشى دوختۇرلاردىن بولۇش»تىن «خەلقنىڭ كاتتا دوختۇرى بولۇش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ يۆنىلىشنى ئېنىق، روشەن كۆرسىتىپ بەردى: دوختۇرلار ھەم كامالەتكە يەتكەن داۋالاش تېخنىكىسىنى تاۋلىشى، تېخىمۇ مۇھىمى خەلقچىل مېھرىبان قەلبنى چوڭقۇر يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

ھازىر، «15 - بەش يىل» باشلاندى، قەدەم ئېلىندى، بىز 2035 - يىلى ساغلام جۇڭگو قۇرۇپ چىقىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مۇساپىسىگە قەدەم قويدۇق. كەڭ تېببىي خادىملار ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىدىكى تايانچ كۈچ، بۇرچ تاغدەك ئېغىر بولۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئالغان.

«خەلقنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇشقا ئۈزلۈكسىز يېڭى تۆھپە قوشۇپ، ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈش ئۈچۈن دۆلىتىمىزنىڭ سەھىيە - ساغلاملىق ئىشلىرىدا تىرىشىپ يېڭى ۋەزىيەت يارىتىڭلار.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كەڭ تېببىي خادىملار ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە چىڭ تۇرۇپ، باتۇرلۇق بىلەن تېببىي ئىلىمنىڭ يۇقىرى پەللىسىگە ئۆرلەپ، يۈز مىليونلىغان خەلقنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىنى قوغداش ھەيۋەتلىك مۇساپىسىدە يېپيېڭى دەۋر شانلىق سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.