□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا
8 - ئايدىكى جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، پىژغىرىم ئاپتاپ تەكلىماكان قۇملۇقىنى قاپلىغانىدى. يەكەن دەرياسىنىڭ ئېرىقتام ئۆستىڭى بېشىدا، چۈشۈرگە ئاستا - ئاستا كۆتۈرۈلدى، ئۆركەشلەپ تۇرغان دەريا سۈيى شىددەت بىلەن تۆۋەنگە قاراپ ئېقىپ، 350 كىلومېتىر كېلىدىغان دەريا يولىنى بويلاپ تارىم دەرياسىنىڭ غول ئېقىنىغا قۇيۇلدى − بۇ، تارىم دەرياسىغا 27 - قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ 2 - باسقۇچى بولۇپ، سۇ ئېقىنى ئىككى قىرغاقتىكى تەبىئىي توغراقلىققا قاراپ ئاقتى.
ئوخشاش بىر ۋاقىتتا، تۇرپان شەھىرىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، ئاپتونوم رايونلۇق باغۋەنچىلىك مەركىزىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرى باغدا باغۋەنلەرگە قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇپ، مېۋىلەرنى ساقلاپ قېلىشنى قولمۇقول ئۆگەتتى؛ قارامايلى دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىدىكى چۆللۈكتە، باشقۇرۇش - قوغداش خادىملىرى ياۋايى ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈك ئۇچۇرلىرىنى خاتىرىلەپ، دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش ئۈچۈن ئاساسىي سانلىق مەلۇماتلارنى توپلىدى...
«15 - بەش يىل»نىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالى ئەمەلىي ئىشلەش قىياپىتى بىلەن ئېكولوگىيە گۈللىرىنى سۇغۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ دەۋر جاۋاب قەغىزىنى پۈتمەكتە.
ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەش
بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق خىزمىتى يىغىنىدا: پۈتۈن يىلدا «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە 10 مىليون مو يەرنى تۈزەش ۋەزىپىسىنى تاماملاش، مىليون مولۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىدىغان، قۇم توسىدىغان ئورمان، ئوت - چۆپ ئارقىلىق قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش بەلبېغى قۇرۇلۇشىدىن تۆتنى ئالغا سىلجىتىش، 1 مىليون مو يەردە ئورمان بىنا قىلىش، 3 مىليون 500 مىڭ مو قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزەشنى تاماملاش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
3 - ئاينىڭ 17 - كۈنى، شىنجاڭ 2026 - يىللىق 1 - نومۇرلۇق باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقىنى ئېلان قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى سىجىل ياخشى قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ ۋە يۈكسەلدۈرۈپ، يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى كېڭەيتىش؛ قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشنى ماس ئالغا سىلجىتىش؛ تىيانشان تېغى ۋە ئالتاي تېغىدىكى تەبىئىي ئورمان، ئوتلاق يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرىنى قاشالاپ قوغداش، دائىرىلەپ يېتىشتۈرۈش، تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى توغراقلىققا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش، ئۇلۇنگۇر كۆلى سۇلۇق يېرىنى قوغداشنى سىجىل ياخشى تۇتۇشنى ئايدىڭلاشتۇردى.
پۈتۈن شىنجاڭدىكى 30 مىڭدىن ئارتۇق ھەر دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تېز ھەرىكەتكە كەلدى، ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە ئورمان باشلىقى تۈزۈمىنى باھالاشتا مۇنەۋۋەر دەرىجە بولۇپ باھالانغان «شىنجاڭ تەجرىبىسى» ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشتىكى كۈچلۈك قۇۋۋەتكە ئايلانماقتا.
بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك ھەمتۈرتكە بولۇش، رايون ھالقىغان بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەش مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى. خوتەن ۋىلايىتى بىلەن بىڭتۇەن 14 - شىنىڭ 255 مىڭ مو يېرى، يوپۇغا ناھىيەسى بىلەن بىڭتۇەن 3 - شى 42 - تۇەننىڭ 17 مىڭ 600 مو يېرى قاتارلىق گىرۋەكنى قاشالاش ئورمان، ئوتلاق بەلبېغى بويىچە بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تۈزەش تۈرلىرى پۇختا ئالغا سىلجىتىلىپ، نۇقتا، لىنىيە، دائىرە بىرلەشتۈرۈلگەن، گىرۋەك قاشالاشتا بوشلۇق قالدۇرۇلمىغان ئېكولوگىيەلىك مۇداپىئە تورى ئورتاق بەرپا قىلىندى.
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان جاي سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتى ماس قەدەمدە تېزلىتىلدى. شىنجاڭ قارامايلى دۆلەت باغچىسى، كوئېنلۇن تېغى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئىلى − تۇرپان دۆلەت ئۆسۈملۈك باغچىسى بەرپا قىلىش ۋە بايىنبۇلاق، كۈنەس، نارات قاتارلىق دۆلەت (خەلقئارا) مۇھىم سۇلۇق يەرلىرىنى بېكىتىشنى تېزلەتتى. نۆۋەتتە، قارامايلى دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، رايون ئېكولوگىيەسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىلىپ، ئېكولوگىيە ئاساسى يەنىمۇ پۇختىلانماقتا.
قانۇنچىللىق كاپالىتى ماس قەدەمدە ئىلگىرى سۈرۈلدى. 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى» رەسمىي يولغا قويۇلۇپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغدىشىغا يەنە قاتتىق چەكلىمە قوشۇلدى. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدا، شىنجاڭدا قىشلايدىغان سۇ قۇشلىرىنىڭ سانى 370 مىڭدىن ئېشىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان. ئېبنۇر كۆلى سۇلۇق يېرىدىكى ئۆسۈملۈك تۈرى 385 خىلدىن 687 خىلغا كۆپىيىپ، بارغانسېرى كۆپ پەسىل قۇشلىرى بۇ جاينى كۆچۈش ئۆتىڭى قىلغان.
كەسىپ سانلىق مەلۇماتى ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىنىڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ئەھۋالىنى دەلىللىمەكتە. 2025 - يىلى، شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىقىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 70 مىليارد يۈەنگە يەتكەن (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)، مېۋە ھوسۇلى 9 مىليون 500 مىڭ توننا بولغان (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). 2026 - يىلى، باغ - ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ سان داۋاملىق مۇقىم ئاشتى، چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇردى.
«يېشىللاشتۇرۇش بىلەن بېيىشنى تەڭ گۈللەندۈرۈش نىشانىنى چۆرىدەپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش تۆۋەن چېكىنى مۇستەھكەملەشتە تەۋرەنمەسلىك كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى جاڭ جىگاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە، شىنجاڭ تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يېشىل سەددىچىن سېپىلىنى مۇستەھكەملەيدۇ.
ئومۇملۇقنى پىلانلاشتىن ئوتتەك قىزغىن ئەمەلىي جەڭگىچە، باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقىنىڭ ئىمزالاپ تارقىتىلىشىدىن ئوت - چۆپ كاتەكچىسىنىڭ قاتلاممۇقاتلام ياتقۇزۇلۇشىغىچە، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتىكى يېشىل بىرلەشمە جەڭنىڭ «ئۇرۇش خەرىتىسى» تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.
سىستېمىلىق تۈزەشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش
8 - ئاينىڭ 6 - كۈنى، ئېرىقتام ئۆستەڭ بېشى چۈشۈرگىسىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، يەكەن دەرياسىدىن بۇ يىل پىلان بويىچە تۆۋەن ئېقىندىكى تارىم دەرياسى غول ئېقىنىغا 330 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلاندى. سۇ ئېقىنى ئۈزۈلمەي ئېقىپ، خوتەن دەرياسى بىلەن قوشۇلغاندىن كېيىن غول ئېقىنغا قۇيۇلۇپ، ئىككى قىرغاقتىكى توغراقلىققا «ھاياتلىق سۈيى» يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.
«كەلكۈن مەزگىلىدىكى كەلكۈن سۈيىنىڭ ئۆزى قىممەتلىك بايلىق. بىز كەلكۈن سۈيى باشلاپ سۇغارغان بۇ توغراقلىق ۋادىدىكى تەبىئىي كەلكۈن قاچىلاش رايونى» دېدى تارىم دەرياسى ۋادىسىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى سۇ مىقدارىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش باشقارمىسىنىڭ 3 - دەرىجىلىك مۇدىر بۆلۈم ئەزاسى ۋاڭ يىفېڭ.
تېخىمۇ يىراق جايدا، ۋادى ھالقىغان بىر مەيدان «ھاياتلىق كۈچ ئۇلاپ يۈگۈرۈشى» ئېلىپ بېرىلماقتا. تۇمشۇق شەھىرى يۇڭئەنبا شىمالىي ئامبىرى چۈشۈرگىسى ئېچىلىپ قويۇپ بېرىلگەن 30 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ دەريا يولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ 100 نەچچە كىلومېتىر چۆللۈكنى كېسىپ ئۆتۈپ، ئىلگىرى دەريا قۇرۇپ كېتىش سەۋەبىدىن توغراقلار تۇتاش قۇرۇپ كەتكەن كەلپىن ناھىيەسى قاراكۆل توغراقلىق رايونىغا ئېقىپ باردى.
«2022 - يىلى ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلانغاندىن كېيىن، كىلىمات ياخشىلاندى، يامغۇر ياغىدىغان، قار ياغىدىغان ھاۋارايىنى بىز دائىم ئۇچرىتالايدىغان بولدۇق.» كەلپىن ناھىيەسىدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئورمىنىنى باشقۇرۇش - قوغداش خادىمى ئەمەر ئابدۇرېشىت كۆزىتىش مۇنارىغا چىقىپ، ئاستا - ئاستا ئەسلىگە كېلىۋاتقان توغراقلىققا قارىغىنىچە شۇنداق دېدى. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بەش يىلدىن بۇيان بۇ توغراقلىقنىڭ يەر ئاستى سۇ ئورنى تەخمىنەن 1.5 مېتىر ئۆرلىگەن، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسى %5.46 ئاشقان.
2000 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ تارىم دەرياسى تۆۋەن ئېقىنىغا سىجىل ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزدى، جەمئىي قويۇپ بېرىلگەن ئېكولوگىيەلىك سۇ مىقدارى 10 مىليارد 700 مىليون كۇب مېتىرغا يەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى «دەريا يولىنى تۇتاشتۇرۇش»تىن «ئىككى قىرغاقتا ئېكولوگىيەلىك سۇ تولۇقلاش»قا ئۆزگەردى، «قوش دەريا يولى، كىچىك ئېقىن مىقدارى، ئۇزاق داۋام قىلىش ۋاقتى، كۆپ ۋاقىت بۆلىكى»تىن ئىبارەت ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن سۇ يەتكۈزۈش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ھەربىر تامچە سۇنىڭ ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈمى ئەڭ چوڭ دەرىجىدە جارى قىلدۇرۇلدى.
قۇملۇق گىرۋىكىدە، يېشىل مۇداپىئە بەلبېغى قۇرۇلۇشىمۇ ئوخشاشلا جىددىي ئېلىپ بېرىلماقتا. بۇ يىل 3 - ئايدا، چاقىلىق ناھىيەسىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 4 - لىنىيەسى توك مەنبەسى تۈرى يېڭى ئېنېرگىيە بۆلىكىنىڭ ئېكولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، 100دىن ئارتۇق قۇرۇلۇشچى قۇم - بوراندا جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىۋاتاتتى، قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى گۈرۈلدەپ ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، گىرەلىشىپ كەتكەن ئوت - چۆپ كاتەكچىلىرى خۇددى غايەت زور توردەك يېيىلىپ، كۆچمە قۇمنى مەھكەم تۇراقلاشتۇرغانىدى. بۇ قۇرۇلۇشنى بۇ يىل ئومۇميۈزلۈك پۈتتۈرۈپ تاپشۇرۇش پىلانلانغان بولۇپ، شۇ چاغدا قۇرۇلۇش مەيدان رايونىنىڭ 30 كىلومېتىر دائىرىسى ئىچىدە يېشىل ئېكولوگىيە توسۇقى بەرپا قىلىنىدۇ.
پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش قۇم تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى سىجىل ئاشۇردى. خوتەن ناھىيەسى ئارال - خوتەن تاشيولىنىڭ غەرب تەرىپىدە، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان كۆچەت تىكىش ماشىنىلىرى توختىماي ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، بەش سېكۇنتتىلا بىر تۈپ كۆچەتنى تىكىپ بولغىلى بولاتتى، كۈنلۈك تىكىش مىقدارى 13 مىڭ تۈپكە يېقىنلىشىدىغان بولۇپ، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى مۇقىم ھالدا %85تىن يۇقىرى ئىدى. چىرا ناھىيەسى ئەقلىي ئىقتىدارلىق كۈچەت تىكىش ماشىنا ئادىمىنى كىرگۈزۈپ، دەل جايىدا تىكىشنى ئىشقا ئاشۇردى، كۆچەتلەرنىڭ ئەي بولۇش نىسبىتى قولدا تىككەنگە قارىغاندا %27 ئاشتى؛ ئاقسۇ ۋىلايىتى تولۇق ئاپتوماتىك ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياتقۇزۇش ماشىنىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ ئىشلىتىپ، ياتقۇزۇش ئۈنۈمىنى بەش ھەسسە ئۆستۈرۈپ، تەننەرخنى %40 تۆۋەنلەتتى.
شايار ناھىيەسىنىڭ تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش ئەندىزىسى قۇرغاق رايونلاردا قۇم تىزگىنلەشكە يېڭى يول ئېچىپ بەردى. يورۇقلۇق ۋولت تاختىسىنىڭ ئاستىغا ئوت - چۆپ كاتەكچىسى ياتقۇزۇلغان بولۇپ، باغچە رايونى ئەتراپىدىكى 100 مېتىر يەرگە سۆكسۆك تىكىلگەنىدى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق چىقىرىلغان توكتا قوزغىتىلغان ماشىنىلاشقان قۇدۇقتىن قىرتاق، شورلۇق سۇ تارتىپ ئېلىنىپ سۇغىرىشقا ئىشلىتىلدى. «شايار ناھىيەسى تەقسىملەنمە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىپ سۇ تارتىپ ئېلىش سىستېمىسىدىن 30 يۈرۈشتىن ئارتۇقنى قۇردى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تېجەپ قېلىنغان توك پۇلى 3 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى» دېدى شايار ناھىيەلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، توغراقلىقنى قوغداش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ كەييەن.
تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانى بولۇش سۈپىتى بىلەن، 2026 - يىلى، خوتەن ۋىلايىتى 2 مىليون 230 مىڭ 500 مو كۆلەمدىكى قۇملىشىپ كەتكەن يەرنى تۈزەشنى تاماملاپ، «گىرۋەكنى قاشالاش» نەتىجىلىرىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ ۋە كېڭەيتىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى توسۇقىنى مۇستەھكەملەشنى پىلانلىدى.
«قاشالاپ تۇتاشتۇرۇش»تىن «گىرۋەك دائىرىسىنى كېڭەيتىپ سۈپەتنى ئۆستۈرۈش»كىچە، «بىر لىنىيە»دىن «بىر چوڭ بۆلەك»كىچە، شىنجاڭدا قۇم تىزگىنلەش چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلماقتا.
ئېكولوگىيە پايدىسى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش
ئېكولوگىيەنى ياخشىلاشنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى خەلق ئاممىسىنى يېشىل تەرەققىياتتىن پايدىغا ئېرىشتۈرۈش.
8 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق باغ - ئورمان مەركىزى تەشكىللىگەن مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت كوللېكتىپى تۇرپانغا يېتىپ باردى، ھازىر دەل ئۈزۈم مېۋىگە كىرىپ يوغىناپ پىشىدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىل بولۇپ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپى ئىدىقۇت رايونى، پىچان ناھىيەسىدىكى ئېتىز - ئېرىق بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، سۇغىرىش - سۇ تولۇقلاشنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇۋاپىق پۇتاش، مېۋە شالاڭلىتىش، يەر يۈزىنىڭ نەملىكىنى ساقلاپ پارلىنىشنى تىزگىنلەش قاتارلىق ھالقىلارنى چۆرىدەپ، باغۋەنلەرگە تېخنىكىلىق مۇھىم نۇقتىلارنى قولمۇقول ئۆگەتتى.
«مىنۇت - سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئۈزۈملەرنىڭ <ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇپ> زىياننى ئازايتىپ، ناچار ھاۋارايىنىڭ باغۋەنلەرگە بولغان تەسىرىنى ئەڭ زور چەكتە تۆۋەنلىتىمىز» دېدى مۇتەخەسسىسلەر مۇلازىمەت كوللېكتىپىنىڭ ئەزاسى. كېيىنكى قەدەمدە، ئۇلار چۆكۈش شەكلىدىكى تېخنىكا مۇلازىمىتىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇپ، كۈز پەسلىدىكى كېسەللىك ۋە ھاشارات زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، ئۈزۈمنىڭ قىشتىن توڭلاتماي ئۆتكۈزىدىغان شۇڭىنى ئاسراش قاتارلىق ئالدىنقى خىزمەتلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەيدۇ.
بۇ يىل، شىنجاڭ باغ - ئورمانچىلىق پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، 50تىن ئارتۇق باغ - ئورمان ئۈلگە باغچىسى قۇرۇپ، 200 مىڭ مودىن ئارتۇق تۆۋەن ھوسۇللۇق، تۆۋەن ئۈنۈملۈك مېۋىلىك باغلارنى ئۆزگەرتىشنى تاماملاپ، 30 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردە ئىخچاملاشتۇرۇپ تىكىپ ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى كېڭەيتىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باغ - ئورمان كۆلىمى 22 مىليون مو ئەتراپىدا مۇقىملاشقان بولۇپ، چىلان، ئۈزۈم، ئۆرۈك، بادام ئۆستۈرۈش كۆلىمى ۋە ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە باش ئورۇندا مۇقىم تۇرماقتا.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىخو شەھىرى پاۋتەيلياڭ ئېكولوگىيە ئورمىنى مالىنا ئۆستۈرۈش بازىسى يېڭى مېۋە ئۈزۈش، كۆچەت سېتىش، ئىنچىكە پىششىقلاش قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يېڭى تاراتقۇدا بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىشتىن پايدىلىنىپ، ھەر مو يەرنىڭ ساپ كىرىمىنى 15 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزدى.
قۇملۇق كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ئوخشاشلا كۈچلۈك بولدى. كېرىيە ناھىيەسى ۋەنخۇايۈەن قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇمنى تىزگىنلەش ئۈلگە رايونىدا، «دەرەخ بىلەن چاتقالنى بىرلەشتۈرۈش، ئورمان بىلەن دورا ئۆسۈملۈكلىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈرۈش» ئەندىزىسى ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. دېھقان ئائىلىلىرى قىزىلگۈل ئېتىزىدا چىڭگىل، قالقانگۈل قاتارلىق جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈردى، 2810 مو يەردە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇش تېزلىتىلدى.
«ئائىلىمىز 105 مو قۇملۇق يەرنى ھۆددە ئالغان، بۇ يىل قىزىلگۈل ئېتىزىدا دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنى كىرىشتۈرۈپ ئۆستۈردۇق. سۇغىرىش، ئوغۇتلاشتىن تارتىپ يەر تۈزلەش، سولياۋ يوپۇق يېپىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا مەخسۇس ئادەم يېتەكچىلىك قىلىدۇ، ھەم قۇم تىزگىنلەپ يېشىللىقنى قوغدىغىلى، ھەم كىرىمنى ئاشۇرغىلى بولىدۇ» دېدى كېرىيە ناھىيەسىنىڭ ئويتوغراق يېزىسى بايراق كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇراخمان ئىدىرىس.
ھازىرغىچە، شىنجاڭدا قۇملۇقتا ئۆستۈرۈلگەن ئىقتىسادىي زىرائەت كۆلىمى 10 مىليون 834 مىڭ 100 موغا يەتكەن، يۈرۈشلەشكەن پىششىقلاش كارخانىسى 364، ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 28 مىليارد 975 مىليون يۈەن بولۇپ، 300 مىڭ كىشىنىڭ يېقىن ئەتراپتا، ئۆز جايىدا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغان. كېرىيە ناھىيەسىدىكى 80 مىڭ مودىن ئارتۇق قۇملۇق قىزىلگۈلىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 200 مىليون يۈەندىن ئاشقان، چەرچەن ناھىيەسىدىكى 83 مىڭ مو توشقانزەدىكىدىن بۇ يىل كۈزدە مول ھوسۇل ئېلىنىدىغان بولۇپ، «قۇملۇق ئادەمگىياھى» قۇملۇق رايونىدىكى ئاممىنىڭ «ئالتۇن مونەكچە»سىگە ئايلانغان.
ياخشى ئېكولوگىيە - مۇھىت ئەڭ ئادىل ئاممىۋى مەھسۇلات، ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى. «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» لىنىيەسى بويىدىكى ئوت - چۆپ كاتەكچىسىدىن تۇرپان ئۈزۈمزارلىقىدىكى مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىغىچە؛ بېيدوۋ يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان كۆچەت تىكىش ماشىنىسىدىن بىۋاسىتە كۆرسىتىپ مال سېتىۋاتقان مالىنا ئۆستۈرۈش بازىسىغىچە... شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدا ھەم يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشتىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك ئىرادە، ھەم پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى بار؛ ھەم سىستېمىلىق تۈزەشتىن ئىبارەت ماكرولۇق نەزەر دائىرە، ھەم قۇمنى ئالتۇنغا ئايلاندۇرۇشتىن ئىبارەت خەلق تۇرمۇشى ھارارىتى بار.
تۈپ - تۈپ كۆچەتلەر چۆل - جەزىرىدە يىلتىز تارتتى، نۇرغۇن جانلىقلار ئەركىن ماكانلاشتى، كۆپلىگەن كەسىپلەر ئەمەلىيلىشىپ يىلتىز تارتتى. شىنجاڭ بىر رايوننىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى ئارقىلىق ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىدىكى يېشىل سېپىلنى مۇستەھكەملەپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى ئۈچۈن كۈچ قوشماقتا.






