تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

مەن ۋەتىنىمگە نېمە تۆھپە قوشىمەن؟ 68 يىل ئىلگىرى ئۇ تارىم ئويمانلىقىدا بۇ سوئالغا ھاياتى ئارقىلىق جاۋاب بەرگەن

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   «مەن سۆيۈملۈك ۋەتىنىمگە نېمە تۆھپە قوشىمەن؟»

  بۇ سوئال يېرىم ئەسىر ئىلگىرى يېزىلغانىدى، يېقىندا سارغىيىپ كەتكەن 55 پارچە خەتنىڭ ئاشكارىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئۇزاق يىللاردىن ھالقىپ كەلگەن بۇ خەت كىشىلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چەكتى.

  خەتنى يازغۇچىنىڭ ئىسمى دەي جيەن ئىدى، ئۇ يېڭى جۇڭگونىڭ تۇنجى ئەۋلاد نېفىت گېئولوگىيە خىزمەتچىسى بولۇپ، تارىم گېئولوگىيەلىك چارلاش چوڭ ئەترىتى 113-گېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ باشلىقى بولغانىدى.

دەي جيەن.   سۈرەتنى تارىم نېفىتلىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

   1955-يىلى، خۇنەندىن كەلگەن دەي جيەن غەربىي شىمال داشۆسىنىڭ گېئولوگىيە فاكۇلتېتىنى پۈتكۈزۈپ، دەرھال شىنجاڭغا باردى، خۇددى ئۇ خېتىدە يازغاندەك: «بۇ يىل نېفىت چارلاشتا ئادەمگە ئەڭ ئېھتىياجلىق جاي شىنجاڭ بىلەن سىچۇەن. مەن دۆلەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، بۇ ئىككى جايغا بېرىشقا تىزىملاتتىم» «دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى دەل شەخسنىڭ قىزىقىشى ۋە ئىنتىلىشى».

  شىنجاڭنىڭ چۆل-جەزىرىلىرىدە قۇم-بوران قانچىلىك كۈچلۈك، خىزمەت قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭ قەلىمىدىن باشتىن-ئاخىر نۇر ۋە ھارارەت ئۇرغۇپ تۇردى: «مەن كەسپىمنى بەك ياخشى كۆرىمەن. قىممەتلىك ياشلىق باھارىمنى ئەڭ سۆيۈملۈك ئانام __ ۋەتەنگە بېغىشلايمەن». «مەن پارتىيەگە مەڭگۈ ئۆزۈمنى بېغىشلاشقا بەل باغلىدىم».

  1958-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، دەي جيەن دالىدا چارلاش ئېلىپ بېرىۋاتقاندا تۇيۇقسىز قىيان كېلىپ، 24 يېشىدا بەختكە قارشى قۇربان بولدى؛ شۇ يىلى 10-ئايدا، ئۇ ئىلگىرى بېكىتىشكە قاتناشقان ئېچىقلىق بىرىنچى نومۇرلۇق قۇدۇقتىن نېفىت ئېتىلىپ چىقتى، شۇنىڭ بىلەن تارىم ئويمانلىقىدىكى تۇنجى نېفىتلىك دۇنياغا كەلدى. دەي جيەن ياشلىق باھارى ۋە ھاياتى ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى ئاشۇ سوئالغا ئەڭ ۋەزنىلىك جاۋاب يازدى.

دەي جيەننىڭ دوستى خۇ جېڭگو بىلەن يېزىشقان خەتلىرى.   سۈرەتنى تارىم نېفىتلىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى تەمىنلىگەن

  68 يىلدىن كېيىن، دەي جيەننىڭ ئەينى يىللىرى دوستى خۇ جېڭگو بىلەن يېزىشقان 55 پارچە خېتى تۇنجى قېتىم ئاشكارىلاندى، ھەر بىر خەتتە ئاشۇ بىر ئەۋلاد نېفىتچىلارنىڭ ئەڭ ئاددىي ھەم ئەڭ قىزغىن ئەسلىي مەقسىتى يېزىلغانىدى. يېڭى بىر ئەۋلاد نېفىت ياشلىرى بۇ سارغىيىپ كەتكەن سالام خەت قەغەزلىرىدىكى خەتلەرنى ئوقۇغاندا، «ياشلىق باھارىمىزنى ۋەتەنگە بېغىشلايمىز» دېگەن قەسەم ھەر بىر كىشىنىڭ قەلبىدە جاراڭلاپ، كۈچلۈك ئەكس سادا پەيدا قىلدى.

نازارەتچى: چېن يۈ، زېڭ لى

مۇخبىر\تەييارلىغۇچى: خې يەنخۇڭ

ئىختىيارىي مۇخبىرلار: تارىم نېفىتلىكى يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىدىن ياڭ يۈ، جۇ چۇڭيې، تۇ چاۋخۇي، ۋاڭ لىمېي

سىندىكى بىر قىسىم كۆرۈنۈش AI تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ ھاسىل قىلىنغان

(خەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى ئاشكارىلاشتا ئىنقىلابىي قۇربان دەي جيەننىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ماقۇللۇقى ئېلىندى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.