تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. يېشىللىققا پۈركەنگەن تىيانشان بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشاش | 65 ئورۇندىكى سۈنئىي سۇ مەنبەسى قارامايلىدىكى چۆل-باياۋاندا جانلىقلارنى ئوزۇقلاندۇردى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا جۇڭغار قۇلانلىرى بىر سۈنئىي سۇ مەنبەسىدە سۇ كېچىپ يۈرمەكتە.

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «نۆۋەتتە، قوغدىلىدىغان رايوندا جەمئىي 100دىن ئارتۇق سۇ مەنبەسى بار، بۇنىڭ ئىچىدىكى 65 ئورۇندىكىسى سۈنئىي سۇ مەنبەسى. بىز تۇرۇبا ياتقۇزۇش، سۇ توشۇش ماشىنىسى بىلەن سۇ يەتكۈزۈش ئارقىلىق ياۋايى ھايۋانلارنى سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەيمىز. ئەڭ ئۇزۇن تۇرۇبىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ئون نەچچە كىلومېتىر بولۇپ، ھەممىسىنى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى خىزمەتچىلەر ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشى قوغداش ئالدىنقى شەرتى ئاستىدا، ئۆزى قول سېلىپ ياتقۇزغان»، دېدى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «قارامايلى تېغى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون» دېيىلىدۇ) باشقۇرۇش مەركىزى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى لى جىسەي. قوغدىلىدىغان رايونغا تارقالغان سۇ مەنبەلىرى چۆللۈك رايونىدا زىچلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھاياتلىق تەمىنات تورىنى بەرپا قىلدى.

  8-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى بىر سۈنئىي سۇ مەنبەسىدە سۇ كەچمەكتە.

 قۇرغاق كىلىمات ۋە ئىنتايىن يۇقىرى تېمپېراتۇرىنىڭ ياۋايى ھايۋانلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ياشاش خىرىسىغا قارىتا، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش تارمىقى دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، ئىلمىي ئورۇنلاشتۇردى. خىزمەتچى خادىملار ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى بىلەن رايوننىڭ يەر شەكلى، سۇ رايى ئالاھىدىلىكىگە بىرلەشتۈرۈپ، ئويمان جايلار، تاغ ئارىسىدىكى جىلغا قاتارلىق تەبىئىي سۇ يىغىلىدىغان رايونلاردا نۇقتىلارنى ئالدىن تاللاپ، مۇۋاپىق پىلانلاپ، سۈنئىي سۇ مەنبەسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون دائىملىق سۇ تولۇقلاش، باشقۇرۇش-قوغداش مېخانىزمى ئورنىتىپ، كۈندىلىك چارلاش قېتىم سانىنى كۆپەيتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ئىچىملىك سۇ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇ تولۇقلاش مىقدارىنى ئۇدۇللۇق تەڭشەپ-تىزگىنلەپ، ھەربىر «ھاياتلىق ئۆتىڭى»نىڭ قۇرغاقچىلىق پەسىلىدە سۇ بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، ئاق بوغۇز بۆكەنلەر بىر سۈنئىي سۇ مەنبەسىدە سۇ ئىچمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا سۈرەتكە تارتىلغان بىر سۈنئىي سۇ مەنبەسى.

  8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، جۇڭغار قۇلانلىرى سۈنئىي سۇ مەنبەسى يېنىدا سۇ ئىچىشكە تەييارلانماقتا.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.