يېقىندا، گۇيجوۋ ئۆلكىسى چاڭشۈن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر ئاجرىشىش ماجىراسىنى قاراپ چىققاندا، كىشىنى خۇرسىندۇرىدىغان بىر كۆرۈنۈش يۈزبەردى، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ھەر ئىككىلىسى ئاجرىشىشقا قوشۇلدى، لېكىن ئىككى بالىنى بېقىش مەسىلىسىدە، خۇددى توپ تەپكەندەك، ئىككى بالىنى قارشى تەرەپكە «ئىتتىرىپ» تۇرۇۋالدى. بۇ قېتىمقى قېرىنداشلىق مېھرى توغرىسىدىكى «كېلىشىش»تىن ئۆزىنى قاچۇرۇش ئەھۋالىغا قارىتا، سوت مەھكىمىسى ئەڭ ئاخىرىدا قانۇن ئەدلىيە شەمشىرىنى چىقىرىپ، ئاجرىشىشقا بولمايدۇ، دەپ ھۆكۈم چىقاردى.
2016-يىلى 9-ئايدا، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار ئىككى تەرەپ تىزىملىتىپ توي قىلىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بىر ئوغۇل، بىر قىز پەرزەنتلىك بولغان، ھازىر ئوغلى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4-يىللىقىغا چىقىش ئالدىدا، قىزى تېخى يەسلىدە بولۇپ، دەل ئاتا-ئانىسىنىڭ ئاسراش-قوغدىشىغا ئەڭ ئېھتىياجلىق ياشتا تۇرۇۋاتقانىدى. 2026-يىلى 7-ئايدا، دەۋاگەر ئېرى ئۈستىدىن سوتقا ئەرز سۇندى. ئۇ ئەرزىدە ئېرىنىڭ ئۇزاق مۇددەت مۇقىم خىزمىتى يوقلۇقى، 2024-يىلىدىن باشلاپ جېجياڭغا بېرىپ ئىشلەمچىلىك قىلغانلىقى، ئىككىيلەن ئۇزاق مۇددەت ئايرىلىپ تۇرغانلىقى، مۇھەببىتىنىڭ ئاللىقاچان بۇزۇلغانلىقى، توينىڭ نامدا بار، ئەمەلدە يوق بولۇپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭ دەۋا تەلىپى ناھايىتى ئېنىق __ ئاجرىشىش، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككىلا پەرزەنتىنى جاۋابكار بېقىش ئىدى. سوتتا جاۋابكارنىڭ پوزىتسىيەسى كىشىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى. ئۇ ئاجرىشىشقا تېزلا بېشىنى لىڭشىتىپ قوشۇلدى، لېكىن بالا مەسىلىسىدە چەك-چېگرىنى ئېنىق ئايرىپ: «مەن ئاجرىشىشقا قوشۇلىمەن، لېكىن بالىنىڭ بىرىنىمۇ ئالمايمەن، بىر ئادەمگە بىر بالىنى بۆلۈپ بېرىشكىمۇ بولمايدۇ، ئىككىلىسى ئايال تەرەپكە تەۋە بولسۇن»، دېدى.

مەنبە: 视觉中国
قانۇن قانۇنغا خىلاپلىق قىلغۇچىلارغا ھەرگىز يۇمشاق قوللۇق قىلمايدۇ، شەپقەتسىزلىكنى تېخىمۇ قوللىمايدۇ. سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق مۇنداق قارىدى: ئۆيلىنىش ئەركىنلىكىنىڭ چېگرىسى بولسىمۇ، لېكىن قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. بۇنداق ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىشتا، «قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ئەڭ پايدىلىق بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش شەرت. بۇ دېلودا، ئىككى بالا قۇرامىغا يەتمىگەن، جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن ئۆسۈپ يېتىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. دەۋاگەر بىلەن جاۋابكار تولۇق بېقىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئۆز ئاتا-ئانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بېقىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمايلا قالماستىن، ئەكسىچە دەۋا جەريانىدا بىر ـ بىرىگە ئىتتىرىپ قويدى، بۇ خىل قىلمىش ھەم قانۇنغا ئۇيغۇن ئەمەس، مۇۋاپىقمۇ ئەمەس، ھەم ئەقىلگىمۇ مۇۋاپىق كەلمەيدۇ، بۇ قىلمىش سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ۋە ئائىلە گۈزەل ئەخلاقىدىن زور دەرىجىدە چەتنەپ كەتكەنلىك. قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئىتىنى قوغداپ، ئېسىل ئائىلە ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، سوت مەھكىمىسى قانۇنغا ئاساسەن، دەۋاگەر بىلەن جاۋابكارنىڭ ئاجرىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىق ھۆكۈمى چىقاردى.
مەنبەسى: چاڭشۈن ناھىيەلىك خەلق سوت مەھكىمىسى
مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى






