تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

پۇل قەرز ئېلىپ قايتۇرمىغاچقا، ئىلگىرىكى دوستلار سوتقا چۈشۈپ قالدى

 

    يېقىندا، ئالاتاۋ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى خەلق ئىچىدىكى بىر قەرز ماجىراسى دېلوسىنى مۇرەسسە قىلدى.

   2025-يىلى 3-ئايدا، ساۋX سىرتقا سەپەرگە چىقىش جەريانىدا ئاپتوموبىلغا ماي قاچىلاش جىددىي زۆرۈر بولۇپ، قولى قىسقا بولغانلىقتىن، يېقىن دوستى ساX تىن 1000 يۈەن قەرز ئالغان. ساX ۋىيشىن ئارقىلىق ھېسابات يۆتكەپ قەرز بېرىپ، ساۋXنىڭ جىددىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن. ئىشتىن كېيىن، ساۋX قەرز پۇلنى ئۇزاققىچە قايتۇرمىغان، ئامالسىزلىقتىن، ساX ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلغان.

   دېلونى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، دېلو بېجىرگۈچى سودىيە دېلوغا چېتىشلىق قەرز سوممىسىنىڭ ئاز ئىكەنلىكىنى ئويلىشىپ، «مۇرەسسەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇپ داۋالاشقۇچىلارنى ياراشتۇرۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. مۇرەسسە جەريانىدا، سودىيە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 675-ماددىسىدىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن قانۇننى سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ، تونۇشلارغا قەرز بېرىش، ۋىيشىندا ھېسابات يۆتكەشنىڭ ئوخشاشلا قانۇنلۇق قەرز بېرىش-قەرز ئېلىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرىدىغانلىقى، ۋاقتىدا قەرز قايتۇرۇشنىڭ ھەم مەجبۇرىيەت، تېخىمۇ مۇھىمى قانۇنىي جاۋابكارلىق ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئۇقتۇردى.

   سودىيەنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن، ساۋX ئۆزىنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ساXتىن كەچۈرۈم سورىدى ھەم نەق مەيداندا بارلىق قەرزنى قايتۇردى.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.