ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاۋ شىيا
8-ئاينىڭ 17-كۈنى، پويىزنىڭ قوزغىلىشىغا ئەگىشىپ، ما لىنپېڭ ۋە ئۇنىڭ 99 ئوقۇغۇچىسى بىر ھەپتىگە يېقىن داۋاملاشقان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، مول ھاسىلاتقا ئېرىشىپ، قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.
«مەن ئوقۇغۇچىلارغا ئوخشاش، نەچچە تۇنجى قېتىمنى ئورتاق باشتىن كەچۈردۈم، بۇ قېتىمقى سەپەردە بىز بىرلىكتە بىلىم ئالدۇق ۋە ئۆسۈپ يېتىلدۇق». ما لىنپېڭ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش خاتىرىسىنى ۋاراقلاپ كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدى. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش تەسىراتى يېزىلغان 99 خاتىرىگە بالىلارنىڭ كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ھەم ئۆسۈپ يېتىلىش ئۆزگىرىشلىرى ھەقىقىي خاتىرىلەنگەنىدى.

8-ئاينىڭ 15-كۈنى، يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. سۈن خۇەنخۇەن فوتوسى
25 ياشلىق ما لىنپېڭ شىخۇا سىفەن داشۆنى پۈتكۈزگەن بولۇپ، 2025-يىلى، ئۇ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملىتىپ، يەكەن ناھىيەسى ئالامەت بازارلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان ئوقۇتقۇچى بولۇپ، «ئەخلاق ۋە قانۇنچىللىق» دەرسى ئوقۇتۇشىنى ئۈستىگە ئالغان، ئۇ بۇ قېتىم يەكەن ناھىيەسىنىڭ «ۋەتەن مۇھەببىتى، جۇڭخۇا سەپىرى» ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش پائالىيىتىگە باشتىن-ئاخىر يېتەكچىلىك قىلىپ، بالىلارغا ھەمراھ بولۇپ بىر قېتىملىق يېزىدىن چىقىدىغان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىنى تاماملىدى.
بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشتە، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچى تۇنجى قېتىم قەشقەردىن چىقىپ، تۇنجى قېتىم پويىزغا ئولتۇرۇپ، تۇنجى قېتىم تارىخىي مۇزېيغا ۋە پەن-تېخنىكا سارىيىغا كىردى. ئوقۇغۇچى رىسالەت مەمەت كۈندىلىك خاتىرىسىگە مۇنداق دەپ يازدى: «تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، مەن پەقەت قىيمايۋاتىمەن، يەنە كۆپرەك جايلارنى كۆرۈپ باققۇم بار، شىنجاڭنىڭ بىپايانلىقىنى تۇنجى قېتىم ھېس قىلدىم». بۇ ئاددىي سۆزلەر يېزا بالىسىنىڭ نەزەر دائىرىسى كېڭەيگەندىن كېيىنكى ھەقىقىي تەسىراتىنى ئىپادىلەپ بەردى.
تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش مەزگىلىدە، پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان شىنجاڭ ئوچۇق داشۆسىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ بىرتۇتاش تەشكىللىشى بىلەن، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭ مۇزېيى، ماۋ زېمىن ئەسلىي تۇرالغۇسى خاتىرە سارىيى، ھاۋا ئارمىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيى، شىنجاڭ داشۆ، شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سارىيى، شىنجاڭ بىڭتۇەن ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مۇزېيى قاتارلىق جايلارنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ما لىنپېڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل كۆزىتىش، كۆڭۈل قويۇپ ھېس قىلىشقا يېتەكلەپ، كۆپچىلىكنى كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرى ۋە تەسىراتىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يېزىشقا ئىلھاملاندۇردى. بۇ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش خاتىرىسىگە يول بويىدىكى مەنزىرىلەر خاتىرىلىنىپ قالماي، بالىلارنىڭ ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش ئۇرۇقىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ قەلبىدە تەدرىجىي ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقانلىقىنى نامايان قىلىپ بەردى.
بىر ھەپتە داۋاملاشقان تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىدە، كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلاردا كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش بولدى. ئىچ مىجەز ئالىمجان ھەسەن لاگېرنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىندى، گەرچە ئۇ نەق مەيداندا جىددىيلىشىپ سۆزىنى ئۇنتۇپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ قېتىم ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز قىلىش ئۇنى ئۆزىدىن ھالقىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش جەريانىدا، ئۇ تەدرىجىي ئۆزىدە ئىشەنچ تۇرغۇزۇپ، بارا-بارا ئېچىلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن كوللېكتىپقا سىڭىپ كىرىپ، ئوخشاش بولمىغان مەكتەپتىن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن كۈندە دېگۈدەك ئۇنىڭدا كىچىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولىدىغان بولدى.
ئادەتتە سىنىپتا كەپسىز، ئۆزىگە ئۇنچە تەلەپچان بولمىغان بىر ئوقۇغۇچى ھاۋا ئارمىيەسى شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە ئەترىتى خاتىرە سارىيىدا ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش توغرىسىدىكى ھېكايىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چوڭقۇر تەربىيەگە ئىگە بولدى، ئۇ بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى تاماملايدىغان بولغاندىن سىرت، يەنە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوقۇتقۇچىنىڭ تەرتىپنى رەتكە سېلىشىغا ياردەم بېرىپ، ئىلگىرىكى چېچىلاڭغۇ ئادىتىنى ئۆزگەرتتى.
كۆڭۈلدىكىدەك سەپەرگە چىقىش كاپالىتى ئوقۇغۇچىلارغا ئىللىقلىقنى يەنىمۇ ھېس قىلدۇردى. بىر ئوقۇغۇچى كۈندىلىك خاتىرىسىگە: «كەنتتىن قەشقەرگە، ئاندىن ئۈرۈمچىگە بارغۇچە، چوڭ ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ مىڭ چاقىرىمدىن ئارتۇق مۇساپىنى باستۇق، ھەرقايسى مەيدان-سارايلارغا بارغاندا، تاغا-ھەدىلەر بىر-بىرلەپ چۈشەندۈردى، ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ھېس قىلدۇق».
ما لىنپېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش بالىلارغا نىسبەتەن بىر قېتىملىق چوڭقۇر ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە مىننەتدار بولۇش تەربىيەسى بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان چەت، يىراق يېزا-كەنتلەردە ياشاپ كەلگەن بالىلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتتى ھەم بىلىمىنى ئاشۇردى.
8-ئاينىڭ 17-كۈنى، ما لىنپېڭ (2-رەت سولدىن 6-كىشى) ئوقۇغۇچىلار بىلەن بىللە سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇرماقتا. زىيارەت ئوبيېكتى تەمىنلىگەن سۈرەت
«بالىلارغا قىيالمايمەن، ئۇلار بىلەن بىللە تاماملىغان بۇ قېتىمقى تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش سەپىرىمنى بەك قەدىرلەيمەن». بۇ يىل 7-ئاينىڭ ئاخىرى، ما لىنپېڭنىڭ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتنىشىش مۇددىتى توشقان بولۇپ، ئۇ توختامنى ئۇزارتىشنى تاللىدى. بىر يىل ئاساسىي قاتلامدا مائارىپقا ياردەم بېرىش جەريانىدا، ئۇ مائارىپقا ياردەم بېرىدىغان بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ مەسئۇلىيىتى ۋە بۇرچىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى، ئۇ داۋاملىق ئاساسىي قاتلامدا يىلتىز تارتىپ، ۋەتەن ئەڭ ئېھتىياجلىق جايدا ئۆزىنى تاۋلاپ، ئۆزىنى بېغىشلاشتا چىڭ تۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.
ئوقۇش باشلاشقا يەنە نەچچە كۈن قالدى، ما لىنپېڭ پىلان تۈزۈپ بولدى. بۇ يىل ئوقۇش باشلاش تۇنجى دەرسىدە ئۇ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىشكە قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز كەچۈرمىشى ۋە تەسىراتىنى ھەمبەھىرلەشكە تەشكىللەپ، تەڭ ياشتىكىلەرنى لېكسىيە سۆزلىتىش شەكلىدە، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىنى تەربىيەگە ئىگە قىلماقچى بولدى. ئۇ تەتقىقات خاراكتېرلىك ئۆگىنىش ئەمەلىيىتى ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ھېسسىياتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇپ، بالىلارنى يېڭى ئوقۇش مەۋسۇمىدە ئۆسۈپ يېتىلىش نىشانى تۇرغۇزۇپ، تىرىشىپ غايىلىك، ئەخلاقلىق، ئۆگىنىشنى سۆيىدىغان، دادىللىق بىلەن ئارزۇغا ئىنتىلىدىغان يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈرلەردىن بولۇشقا ئىلھاملاندۇرۇشنى ئويلىدى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






