تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   قانۇنچىل شىنجاڭ

ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى مۇنداق ئايدىڭلاشتۇردى: كەسپىي ئورۇنلاردىكى خادىملار خىزمەتتىن ئايرىلىپ ئوقۇغاندىن كېيىن، توختامغا خىلاپلىق قىلىپ خىزمەتتىن چېكىنسە مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك

   ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى كەسپىي ئورۇنلاردىكى خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتناشقاندىن كېيىن، مۇلازىمەت مۇددىتى پۈتۈمىگە خىلاپلىق قىلىشقا ئالاقىدار مەسىلىلەر توغرىسىدىكى تەستىقنى ئېلان قىلدى. تەستىقتا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: خىزمەتتىن ئايرىلىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتناشقان خىزمەتچى خادىملار مۇلازىمەت مۇددىتى كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلسا، كەسپىي ئورۇنلار ئۇلاردىن كېلىشىم بويىچە توختامغا خىلاپلىق قىلىش جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشنى تەلەپ قىلسا، خەلق سوت مەھكىمىسى قانۇن بويىچە قوللايدۇ.

   تونۇشتۇرۇلۇشىچە، كەسپىي ئورۇن خىزمەتچى خادىم بىلەن كېڭىشىپ بىرلىككە كېلىپ، خىزمەتچى خادىمنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىشىغا قوشۇلسا، خىراجەتنى ئۈستىگە ئالسا، كادىرلار مۇناسىۋىتىنى ساقلاپ قالسا، ئىش ھەققى تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلسا، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى تاپشۇرسا، خىزمەتچى خادىم ئوقۇشنى تاماملاپ ئىش ئورنىغا قايتىشقا ۋەدە بەرگەن بولسا، خىزمەتچى خادىمنىڭ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن كېلىشىمگە خىلاپلىق قىلىپ خىزمەتتىن ئايرىلىشى ماھىيەتتە سەمىمىيەت پىرىنسىپىغا خىلاپ بولغان لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشى بولىدىكەن. تەستىقتا خىزمەتچى خادىملارنىڭ لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشىغا قارىتا ئىنكار خاراكتېرلىك باھا بېرىلىشى پۈتۈم ئېڭى، مەسئۇلىيەت ئېڭى ۋە سەمىمىيەت ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ، خىزمەتچى خادىملارنىڭ خىزمەتتىن ئايرىلىپ پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش تارىخى مائارىپىغا قاتنىشىشتا زىممىگە ئالغان ئىختىساسلىقلار كۈچ قوشۇش، ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىققا مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت مۇھىم بۇرچىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق ئىكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.