تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى . يېشىللىقا پۈركەنگەن تىيانشان بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشاش | سادىق قەلب بىلەن پاك تۇپراق قوغدالدى، ھەممە جانلىق ئەركىن-ئازادە ياشىدى __ ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى كارتىنىلار

    كوئېنلۇن تېغى مەغرۇر قەد كۆتۈرۈپ، بارلىق شەيئىلەرگە نەزەر سالماقتا. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر كېلىدىغان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان، بۇ جاي شاۋقۇن-سۈرەندىن خالىي، شىزاڭ بۆكىنى كەڭ دالىلاردا يەڭگىل چېپىپ يۈرىدۇ، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى كۆل بويىدا ئوزۇق ئىزدەيدۇ، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغدىغۇچىلار ئېگىزلىكتە يىلتىز تارتىپ، ياشلىق باھارى بىلەن بۇ پاكىز تۇپراق ۋە جانلىقلارنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ئۈن-تىنسىز قوغداپ كەلدى.

 توپ- توپ شىزاڭ ياۋا ئېشىكى ئاياغقۇم كۆل بويىدا ئوزۇق ئىزدەپ ئەتراپقا نەزەر سالماقتا(7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىر ئىپتىدائىي بېكىنمە ھالەتتىكى ئېگىزلىكتىكى پاكىز تۇپراق. 1983-يىلى مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇكەممەل، ئۆزگىچە ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسى، زور مىقداردا كۆپەيگەن  تۇياقلىق ياۋا ھايۋان تۈر توپى بۇ يەرنى ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشنىڭ جانلىق ئۈلگىسىگە ئايلاندۇردى. 45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان تۇپراقتا، ھاياتلىق ھەقىقىي قىياپىتى بىلەن ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ـ «كۆڭۈلنى تىنچلاندۇرۇپ بارلىق شەيئىلەرنى تەپسىلىي كۆزەتكەندە، راھەت ۋە خۇشاللىق ھېس قىلغىلى بولىدۇ»، بۇ ھەم ئېگىزلىكتىكى جانلىقلارنىڭ ياشاش مەنزىرىسى، ھەم ئەۋلادمۇئەۋلاد چارلىغۇچىلارنىڭ ئۈن-تىنسىز چىڭ تۇرغانلىقىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى.

مۇھاپىزەت خادىملىرى يىشيېكېپاتى مەركىزىي مۇھاپىزەت پونكىتىنىڭ كۆزىتىش مۇنارىدا كۆزەتمەكتە (7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    ئېگىزلىكتە ئېكولوگىيەنى قوغداش يىللاردىن ھالقىغان بىر مەيدان كۈچ ئۇلاش ھېسابلىنىدۇ. ئىككىنچى ئەۋلاد ئېكولوگىيە قوغدىغۇچى يۈسۈپجان سۇلايمان ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ چارلاش-قوغداش بۇرچىنى داۋاملاشتۇرۇپ، چۆللۈكتە يىلتىز تارتتى؛ جاڭ يىشۈەن قاتارلىق ياشلار ئارزۇنى قەلبىگە پۈكۈپ، كەسپىي بىلىملىرى بىلەن ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسى ئۈچۈن كېسەل كۆرۈپ تومۇر تۇتتى؛ شاڭ پېڭ مۇلايىم ھەم قەيسەر شەكىلدە شۇ جاينىڭ خاتىرجەملىكىنى قوغدىدى؛ مەمەت ئوسمان ئاتا-بالا جەمەتىنىڭ ئىش ئىزلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ يېشىل توساق بەرپا قىلدى؛ جاڭ خۇيبىن بىرىنچى سەپتە 20 يىلدىن ئارتۇق چىڭ تۇرۇپ، جاپا-مۇشەققەت، خەۋپ-خەتەرگە بىۋاسىتە يۈزلەندى، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاشقا توسۇپ زەربە بەردى ... ئۇلار قەھرىتان سوغۇق، ئوكسېگىن كەمچىل بولۇشقا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، قاتمۇقات خەۋپ-خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ياشلىق باھارى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن قوغداش كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، ئېگىزلىكتىكى جانلىقلار ئۈچۈن تىنچ-مۇقىم، ئەركىن ماكان بەرپا قىلدى.

 شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە يايلاپ، ئەركىن-ئازادە يۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    ئۇلارنىڭ ئۇزاق يىللار چىڭ تۇرۇشى ئارقىلىق بۇ جايدا ئاخىر يېڭى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇدى. 2022-يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئۈچ چوڭ تۇياقلىق ياۋايى ھايۋان تۈر توپىنىڭ سانى 120 مىڭ تۇياقتىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە، ياۋا قوتاز 12 مىڭغا، شىزاڭ بۆكىنى تەخمىنەن 64 مىڭغا، شىزاڭ ياۋا ئېشىكى تەخمىنەن 50 مىڭغا يەتكەن. ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ئاللىقاچان ئۆتمۈشكە ئايلىنىپ، بۈگۈنكى كۈندە بۇ جايدىكى بىپايان كەتكەن چۆللۈكلەردە، مەيىن شامال كىشىگە راھەت بېغىشلاپ، جانلىقلار ئەركىن-ئازادە ياشاپ، ئېگىزلىكتىكى ھاياتلىقنىڭ ئەڭ ھەقىقىي جۇشقۇن ھالىتىنى نامايان قىلدى.

 ئىككى ھاڭگىرت يىشيېكېپاتى كۆلىدە ئۈزۈپ يۈرمەكتە(7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

    كوئېنلۇن جىمجىت. ئەۋلادمۇئەۋلاد چارلىغۇچىلار قار ـ شىۋىرغان ئىچىدە يوشۇرۇنۇپ، ئاددىي ـ ساددا ياشاپ، ئۈن ـ تىنسىز ھالدا جانلىقلارنى قوغداشتا چىڭ تۇردى. دەل مۇشۇ جىمجىت ھەم ئۇزاققىچە ھەمراھ بولۇش كوئېنلۇن چۆللۈكىنىڭ ئەڭ ساپ بولغان تەبىئىي قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىپ، بارلىق شەيئىلەرنى ئەركىن ئۆسۈپ يېتىلىش، يىلمۇيىل تىنچ ـ ئامان بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ياۋا قوتاز كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە چاپماقتا(7-ئاينىڭ 6- كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 يەككە مۈڭگۈزلۈك بىر شىزاڭ يەرلىك بۆكىنى دالىدا سەكرىمەكتە(7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

يۈسۈپجان سۇلايمان قاپسېلىپ قالغان ئاپتوموبىلنى چىقارماقتا(7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

 كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى قارلىق تاغ، قۇملۇق، كۆل-دەريالار بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشتى(7-ئاينىڭ 5- كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.