تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. يېشىللىققا پۈركەنگەن تىيانشان بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشاش | قارامايلى: ياۋا ئات ماكانىدا بارلىق شەيئىلەر ھاياتىي كۈچكە تولدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى


   باش كۈز ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، چۆل ـ باياۋاندا يەنىلا ئىسسىق دولقۇن مەۋج ئۇرماقتا. 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ «گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. قارامايلى ھەققىدە ئىزدىنىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش شۆبە ئەترىتى قارامايلى دۆلەت باغچىسىنىڭ نامزات رايونىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ چۆل-باياۋاندىكى ھاياتىي كۈچكە تولغان ھاياتلىق مەنزىرىسىدىن چوڭقۇر تەسىرلەندى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى كۈنگەي تەرەپتە بەخىرامان ھەرىكەت قىلماقتا.

   شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي چېتىگە جايلاشقان بولۇپ، قۇربانتۇڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇپ تۇرىدىغان مۇھىم ئېكولوگىيە توسۇقى، شۇنداقلا تىيانشان بىلەن ئالتاي تېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيە كارىدورى، يەر شارى مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تىپىك ۋەكىلى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارامايلى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون گۇچۇڭ سىلىتسىيلاشقان ياغاچ ـ دىنازاۋۇر دۆلەت گېئولوگىيە باغچىسى قاتارلىق بايلىقلارنى بىرلەشتۈرۈپ، مەملىكەت بويىچە دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئىككى ئاق بوغۇز بۆكەن بەخىرامان ئوزۇقلۇق ئىزدىمەكتە.

   كۆلىمى تەخمىنەن 14 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ جاي ئادەم ئاياغ باسمىغان چۆللۈك بولسىمۇ، «ھايۋاناتلارنىڭ گۈزەل ماكانى» دەپ تەرىپلىنىدۇ. بۇ يەردە كۆپىيىپ ۋە ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بەرگەن يەر شارىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى بولۇپ، مەملىكەت بويىچە مۇتلەق كۆپ ساندىكى جۇڭغار قۇلانى ياشايدۇ، ئاق بوغۇز بۆكەن توپىنىڭ سانى خېلى كۆپ، ئارقار، سۈلەيسۈن، ئوتلاق بۈركۈتى قاتارلىق نۇرغۇن ئەتىۋارلىق ھايۋانلار بۇ يەردە كۆپىيىپ ياشايدۇ. قارامايلى دۆلەت باغچىسىنىڭ نامزات رايونىدا ھازىر 260 خىل ياۋايى ئومۇرتقىلىق ھايۋان بار، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 14 خىل، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان 42 خىل؛ ياۋا ئۆتكۈزگۈچ كاناللىق ياۋا ئۆسۈملۈك 393 خىل، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈك 9 خىل بولۇپ، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى مول.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا جۇڭغار قۇلانلىرى چېپىپ يۈرمەكتە.

ئارقار (شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت).

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قارامايلى دۆلەت باغچىسى نامزات رايونى تەبىئىي ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئاساس، ئادەم كۈچى بىلەن تۈزەشنى قوشۇمچە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شەكلىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، يەرلىك ئوت-چۆپ ئۇرۇقىنى تولۇقلاپ تېرىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق ئېكولوگىيە-مۇھىتنى ياخشىلاپ، رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال يېپىنچا ئۆسۈملۈك بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى %8.2تىن %9.41كە ئۆستۈردى. دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەم ياۋايى ھايۋانلار ۋە سۆكسۆك، ئاق سۆكسۆك قاتارلىق چۆل يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى قوغدالدى، ھەم سىلىتسىيلاشقان ياغاچ، يارداڭ يەر شەكلى قاتارلىق ئۆزگىچە گېئولوگىيەلىك ئىزلار قوغدالدى.

سۈلەيسۈن (شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت).

بۆرە (شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت).

تۈلكە (شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەمىنلىگەن سۈرەت).

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى كۈنگەي تەرەپتە بەخىرامان ھەرىكەت قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا بىر توپ پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى سۇ ئىچمەكتە.

8-ئاينىڭ 12-كۈنى، توپ-توپ پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، توپ-توپ جۇڭغار قۇلانى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا چېپىپ يۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، توپ-توپ جۇڭغار قۇلانى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا چېپىپ يۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، توپ-توپ جۇڭغار قۇلانى شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا چېپىپ يۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ئاق بوغۇز بۆكەن ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى چارلاش ئاپتوموبىلى توختاپ پىرژىۋالسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئۆتۈشىگە يول بەرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا بىر توپ جۇڭغار قۇلانى چېپىپ يۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى بىر توپ پىرژىۋالىسكى ياۋا ئېتى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا ئەركىن ئۆتۈشۈپ تۇراتتى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ خىزمەتچى خادىملىرى ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەتمەكتە.

شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزىدىن بىر كۆرۈنۈش (8-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان سۈرەت).

«视觉新疆» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.