تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. يېشىللىققا پۈركەنگەن تىيانشان بارلىق شەيئىلەر بىللە ياشاش | قارامايلىدىكى قۇلان شولىسى «كۆچمە قىيا تاش رەسىمى»گە ئوخشايدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، جۇڭغار قۇلانى بەخىرامان ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) باش كۈز ئۆتۈپ كەتتى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ شېئىرىي تۈسكە تولغان پەيتنى كۈتۈۋالدى. نەچچە مىڭ تۇياق دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان − جۇڭغار قۇلانى بىپايان چۆل-باياۋاندا بەخىرامان چېپىپ يۈرەتتى ياكى بەخىرامان سەيلە قىلاتتى. ئىللىق قۇياش نۇرى ئۇلارنىڭ چەبدەس قىياپىتىنى تۇپراققا ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ شولىسى خۇددى قەدىمىي قىيا تاش رەسىملىرىدىكى جانلىق كارتىنىغا ئوخشايتتى.

   قارامايلى دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تۈر بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭغار قۇلانى ئاسىيا ئىچكى قۇرۇقلۇق چۆللۈكى ۋە يېرىم چۆللۈك رايونلاردىكى بايراقدار تۈر ھېسابلىنىدۇ. نۆۋەتتە، بۇ تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا مەملىكەت بويىچە %80تىن ئارتۇق جۇڭغار قۇلانى تۈر توپى تارقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان جۇڭغار قۇلانى تۈر توپىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلىك رايون ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنىڭ سىجىل كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئىلگىرىكى قۇم-بوران ئۇچۇپ تۇرىدىغان چۆللۈك يېشىللىققا پۈركىنىپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۇنىۋېرسال قاپلىنىش دەرىجىسى مۇقىم ئۆسۈپ، تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلارنى يېتەرلىك يېمەكلىك مەنبەسى ۋە بىخەتەر كۆپىيىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، جۇڭغار قۇلانى چۆل-باياۋاندا چېپىپ يۈرمەكتە.

8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، جۇڭغار قۇلانى بەخىرامان ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

​8-ئاينىڭ 13-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا، جۇڭغار قۇلانى بەخىرامان ئايلىنىپ يۈرمەكتە.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.