تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | كوئېنلۇنغا توغرىسىغا نەزەر سېلىپ، ھەيۋەتلىك، گۈزەل تاغ ـ دەريا مەنزىرىسى بىلەن ئۇچرىشىش

   ئانار بۇلۇت  \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې

   يىراققا نەزەر سالساق، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ئېگىزلىك ئېكولوگىيە مەنزىرىسى نامايان بولۇپ تۇراتتى. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر كېلىدىغان بۇ كۆز يەتكۈسىز پاكىز تۇپراق قارلىق تاغنى گەۋدە، قۇملۇقنى مۇسكۇل، كۆللەرنى كۆز قىلىپ، تەبىئەتنىڭ ئەڭ ھەقىقىي گۈزەللىكىنى ئەكس ئەتتۈرگەنىدى.

   سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىنىڭ ئاساسىي رېڭى تۇتاش كەتكەن قارلىق تاغ ۋە مۇزلۇق ئىدى. قارلىق تاغدىكى مۇزلۇق چوققىلار بۇلۇتلار ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ، يىغىلغان قار-مۇزلار «قاتتىق ھالەتتىكى سۇ ئامبىرى»غا ئايلانغانىدى، ئېرىگەن سۇ دەريا بولۇپ ئۆركەشلەپ ئېقىپ، ئاخىرىدا يىغىلىپ كۆلنى ھاسىل قىلىپ، پۈتۈن ئېگىزلىكنى ئوزۇقلاندۇراتتى. سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىدىكى ئاق قالغان يەر دۇنيا بويىچە دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز كۆچمە قۇملۇق − بىپايان قۇمكۆل قۇملۇقى ئىدى. ئالتۇن رەڭلىك قۇم تاغ بىلەن ئاپئاق قارلىق چوققا بىر-بىرىگە ياندىشىپ قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، قۇم بىلەن بۇلاق ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان ئۆزگىچە مەنزىرە بۇ يەرگە ھۆسىن قوشۇپ، كۆز يەتكۈسىز مەنزىرە ئىچىدە جانلىق كۆرۈنۈش، قاقاسلىق ئىچىدە ھاياتىي كۈچ نامايان بولۇپ تۇراتتى.

   سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرە ئىچىدە كۆزنى ئەڭ قاماشتۇرىدىغىنى ئېگىزلىكتە يۇلتۇزدەك تارقالغان كۆللەر ئىدى. دېڭىز يۈزىدىن 3885 مېتىر ئېگىزلىككە جايلاشقان ئاياققۇم كۆلىدىن چوڭ، كىچىك شازىخۇ كۆلىگىچە، 100دىن ئارتۇق كۆللەر «بىپايان قۇملۇقتىكى مەرۋايىت»قا ئوخشاش ئويمانلىققا زىننەت قوشۇپ تۇراتتى. ئۇلار ئېگىزلىكتە سۈزۈك ئاسماننىڭ شولىسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ قالماي، ئېشەكپاتتى سۇلۇق يېرىدىكى بۇلۇق ئۆسكەن سۇ ئۆسۈملۈكلىرىنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز قاتارلىق ئەتىۋارلىق جانلىقلار ئۈچۈن كۆپىيىش ماكانى ھازىرلاپ بەرگەنىدى.

   قارىماققا «دەھشەتلىك» كۆرۈنىدىغان بۇ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»دا، ھاياتلىق قەيسەرانە داۋام ئېتىۋاتاتتى. شامال بىلەن شورنىڭ بىرىكىشىدىن تەبىئىي نەقىش ھاسىل قىلغان گىرانىت تاشلارنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسى قارىماققا خۇددى سۈكۈتتە تۇرغان قاراۋۇلغا ئوخشايتتى، يەر بېغىرلاپ ئۆسىدىغان سېلىنچا شەكىللىك ئۆسۈملۈكلەر تومۇز ئىسسىقتا پورەكلەپ ئېچىلىپ، چۆللۈكنى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان كوئېنلۇندىكى خىلۋەت مەنزىلگە ئايلاندۇرغانىدى.

   ئېكرانىنى توغرىسىغا قىلىپ كوئېنلۇنغا نەزەر سالسىڭىز، ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى چىن كۆڭلىڭىزدىن ئېكولوگىيە مۆجىزىسىگە چەكسىز ھۆرمەت تۇيغۇسىدا بولىسىز. ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغدىغۇچىلار بۇ يەردە يىلتىز تارتىپ، باشتىن-ئاخىر «نامىنى ئالتۇنتاغدا قالدۇرۇش، شەرقىي كوئېنلۇننى چىڭ قوغداش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىقتا چىڭ تۇرۇپ، تاغ-دەريالارنىڭ تىنچ-ئامانلىقىنى ياخشى قوغداپ، بۇ ئارقىلىق، كوئېنلۇن تېغىدىكى ئېگىزلىككە جايلاشقان بۇ سۈرەتتەك گۈزەل ئېكولوگىيە مەنزىرىسىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى يىللاردىن بۇيان ئەۋلادمۇئەۋلاد ساقلاپ كەلدى.

(ئېكراننى ئايلاندۇرۇپ كۆرۈڭ)

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە، تاڭ شەپىقى تاغدىن كۆتۈرۈلۈپ، تەبىئەتكە ئۆز نۇرىنى چاچماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قۇمكۆل قۇملۇقى يىراقتىكى قارلىق تاغ بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قۇمكۆل قۇملۇقىغا جايلاشقان كىچىك قۇم كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

قۇمكۆل قۇملۇقىغا جايلاشقان قارلىق تاغ، كۆل، بۇلاق سۈيى ۋە دەريا ئېقىنى مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئېشەكپاتتى كۆلىنىڭ مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 3-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

سۇ قۇشلىرى ئېشەكپاتتى كۆلىدە ئەركىن ئۈزمەكتە (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئېشەكپاتتى سۇلۇق يېرىدىن بىر كۆرۈنۈش (7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان قارلىق تاغ ۋە ئوتلاق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

ئاياققۇم كۆلى بويىدىكى شامالدا يىمىرىلىشتىن شەكىللەنگەن يەر شەكلى (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە پورەكلەپ ئېچىلغان گەنچىڭ تيېشيەنليەن (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

توپ-توپ شىزاڭ ياۋا ئېشىكى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە قوغلىشىپ ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

بىر ياۋا قوتاز ئېشەكپاتتى سۇلۇق يېرىگە قاراپ تۇرماقتا (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

بىر توپ شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە ئەركىن ئايلىنىپ يۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

توپ-توپ شىزاڭ ياۋا ئېشىكى ئاياققۇم كۆلى بويىدا قاراپ تۇرماقتا (7-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

تاڭدىكى شەپەق نۇرىغا چۆمگەن كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

​كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان ئېشەكپاتتى باشقۇرۇش-قوغداش پونكىتىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.