

مەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ۋە ئەڭ قورقىدىغان ئىش
مەن قالقانسىمان بەز
ئادەم بەدىنىدىكى ئىچكى ئاجراتمىنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل
كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى مېنى «ئادەم بەدىنىنىڭ موتورى» دەپ ئاتايدۇ
مەسئۇلىيىتىم:
«قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىش»
قان ئارقىلىق ئۇنى ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا يەتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنى «ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلىش»
ئىقتىدارىم:
مېتابولىزمنى تەڭشەش:
مەن «ئېنېرگىيە كەيگۇەنى»، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى ئاجرىتىپ چىقىرىپ، بەدەننىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى تەڭشەپ، ئېنېرگىيە سەرپىياتى ۋە بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىر كۆرسىتىمەن.
ئۆسۈپ يېتىلىشكە تەسىر كۆرسىتىمەن
مەن «ئۆسۈپ يېتىلىشتىكى تۈرتكۈچ»، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى بالىلارنىڭ سۆڭىكىنىڭ ئۆسۈشى ۋە ئەقلىي ئىقتىدارىنىڭ يېتىلىشىدە ئىنتايىن مۇھىم.
بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەيمەن
مەن «بەدەن تېمپىراتۇرىسىنى تۇراقلاشتۇرغۇچ»، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى مېتابولىزم سۈرئىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق بەدەننىڭ نورمال تېمپېراتۇرىسىنى ساقلايدۇ.
يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىمەن
مەن «يۈرەكنى قوغدىغۇچى»، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى يۈرەك رىتىمى ۋە قان بېسىمىنى تەڭشەپ، يۈرەكنىڭ ساغلام سوقۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىدۇ.
نېرۋا سىستېمىسىغا تەسىر كۆرسىتىمەن
مەن «كەيپىيات تەڭشىگۈچ»، قالقانسىمان بەز ھورمۇنى كەيپىياتنى، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى ۋە بىلىش ئىقتىدارىنى تەڭشەيدۇ.

نېمىنى ياخشى كۆرىمەن؟
يود
يود قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنى بىرىكتۈرىدىغان «خام ماتېرىيال»، يېمەك-ئىچمەكتە يود كەم بولسا بولمايدۇ، شۇنداقلا بەك كۆپ بولۇپ كەتسىمۇ بولمايدۇ.
قانۇنىيەتلىك مەشغۇلات ۋە ئارام
مەن يېتەرلىك ئۇيقۇ بىلەن قانۇنىيەتلىك تۇرمۇش ئادىتىنى ناھايىتى ياخشى كۆرىمەن
تەڭپۇڭ غىزالىنىش
يېمەك-ئىچمەك كۆپ خىل بولۇش، ئوزۇقلۇق تەڭپۇڭ بولۇش، سېلېن كەم بولۇشتىن ساقلىنىش، مېنى يېتەرلىك ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش
مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش قان ئايلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماڭا «ئېنىرگىيە» تولۇقلايدۇ.

نېمىنى ياخشى كۆرمەيمەن؟
ئۇزاق مۇددەت كېچىدە ئۇخلىماسلىق
كېچىدە ئۇخلىماسلىق بەدەندىكى بېسىم ھورمۇنىنى ئۆرلىتىپ، ئىقتىدارىمغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.
يود تەركىبى يۇقىرى يېمەك-ئىچمەك
يودنى بەك كۆپ قوبۇل قىلغاندا ئىقتىدارىمنىڭ كۈچىيىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بولۇپمۇ جەمەتىدە قالقانسىمان بەز كېسەللىكى تارىخى بار كىشىلەر توپى.
بېسىم زىيادە ئېشىپ كېتىش
ئۇزاق مۇددەت يۇقىرى بېسىم ھالىتىدە تۇرغاندا قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىغا تەسىر يېتىدۇ.
تاماكا چېكىش ۋە ھاراق ئىچىش
تاماكا چېكىش ۋە ھاراقنى كۆپ ئىچىش مېنى زەخىملەندۈرىدۇ.
رادىياتسىيەگە ئۇچراش
ئۇزاق مۇددەت رادىياتسىيەلىك مۇھىتتا تۇرغاندا قالقانسىمان بەز راكى خەۋپ-خەتىرى ئېشىپ كېتىدۇ.

دائىم كۆرۈلىدىغان قالقانسىمان بەز كېسەللىكلىرىنىڭ ئالامەتلىرى
قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىپ كېتىش (قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى كۈچىيىش)
قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى بەك كۆپ بولۇپ كەتسە، بەدەننىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتى تېزلىشىپ كېتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن يۈرەك سېلىش، كۆپ تەرلەش، بەدەن ئېغىرلىقى چۈشۈش، ئاسان ئاچچىقلىنىش، كۆز ئالمىسى پولتىيىپ چىقىش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاپ كېتىش (قالقانسىمان بەز ئىقتىدارى ئاجىزلاش)
قالقانسىمان بەز ھورمۇنىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولمىسا، بەدەننىڭ مېتابولىزم ھەرىكىتى ئاستىلايدۇ. بۇنىڭ بىلەن چارچاش، بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش، سوغۇقتىن قورقۇش، تېرە قۇرغاقلىشىش، قەۋزىيەت بولۇش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشى مۇمكىن.
قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى
قالقانسىمان بەز ئىچىدە پەيدا بولغان بىر ياكى بىر نەچچە نورمالسىز مونەكنى كۆرسىتىدۇ. قالقانسىمان بەز تۈگۈنچىسى ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ، كۆپ ساندىكى تۈگۈنچىلەر ياخشى سۈپەتلىك، ئاز ساندىكى تۈگۈنچىلەر يامان سۈپەتلىك بولۇشى مۇمكىن.

قەرەللىك تەكشۈرتۈش
ھەر يىلى بىر قېتىم قالقانسىمان بەز ئىقتىدارىنى تەكشۈرتۈش ھەم ئۇلترا ئاۋازلىق تەكشۈرۈش ئاپپاراتىدا تەكشۈرتۈش تەۋسىيە قىلىنىدۇ.
قالقانسىمان بەز كېسلى جەمەت تارىخى بارلار، بەدىنىدە ئىممۇنىتېت خاراكتېرلىك كېسەللىك بارلار ياكى قالقانسىمان بەزدە مەسىلە بارلىقى مەلۇم بولغان كىشىلەر تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئاشۇرۇش كېرەك.
قالقانسىمان بەز پەقەت بەدەندىكى «كۆزگە چېلىقمايدىغان» كىچىك ئەزا بولۇپ، كۆپىنچە ۋاقىتلاردا بىز ئۇنىڭغا دىققەت قىلمايمىز. لېكىن ئۇ سالامەتلىكىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن ئىزچىل تىرىشىپ خىزمەت قىلىپ كەلدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا كۆپرەك كۆڭۈل بۆلۈڭ!
«مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى خەۋەرلىرى» ۋېيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






