□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى 4 - قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرى» رەسمىي يولغا قويۇلدى. شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئايلانغاندا، چۆللۈكلەرنىڭ مۇنبەت ئېتىزلارغا ئايلانغانلىقىنى، قۇم دېڭىزى گىرۋىكىنىڭ يېشىللىق بىلەن قاشالانغانلىقىنى، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىلەر ساياھەتچىلەردە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى، يورۇقلۇق ۋولت «دېڭىزى»، چاقپەلەك «ئورمىنى» يېشىل توك يەتكۈزمەكتە... ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈۋاتقان بۇ مەنزىرىلەر شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئۈنۈم ھاسىل قىلغانلىقىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى.
2005 - يىلى 8 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى جېجياڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى يولداش شى جىنپىڭ ئەنجى ناھىيەسىنىڭ يۈسۈن كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىلمىي ھۆكۈمنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ ئىلمىي ھۆكۈم شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىدىكى يادرولۇق قاراش.
تەبىئەتكە ھۆرمەت قىلىپ، تەبىئەتكە ئۇيغۇنلىشىپ، تەبىئەتنى قوغداپ ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى. «ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، <ئۈچ يۇقىرى> تۈرلەرنىڭ شىنجاڭغا كىرىشىنى قاتتىق چەكلەپ، بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈزەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش - قۇم تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىرىشىپ ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش»تىن «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى قەتئىي ساقلاپ، قۇم تىزگىنلەش، سۇنى ئىدارە قىلىش ۋە ئورمان، ئوتلاقنى قوغداش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ ئاسمىنىنى تېخىمۇ كۆك، تاغلىرىنى تېخىمۇ يېشىل، سۈيىنى تېخىمۇ سۈزۈك قىلىش»قىچە، يەنە «ئېكولوگىيە سىستېمىسىنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات تىپىنى ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولۇش»قىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا قارىتا بىر قاتار مۇھىم يوليورۇق، تەستىقىي يوليورۇق بېرىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىپ، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەش نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، كۆك ئاسمان، ئاق بۇلۇت خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى سىجىل ئاشۇردى. سۇ بايلىقىدىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، سۇ مۇھىتىنى تۈزەشنى كۈچەيتىپ، تارىم دەرياسى ۋادىسىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشىنى سىجىل يولغا قويۇپ، ۋادا رايونىنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى بىلەن نوپۇس، بايلىق، مۇھىتنىڭ ماسلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. دۆلەت زېمىنىنى كۆكەرتىش ھەرىكىتىنى ئىلمىي قانات يايدۇرۇپ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ياخشى قىلىپ، 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان دۇنيا بويىچە ئەڭ ئۇزۇن قۇملۇق ئايلانما ئېكولوگىيە توسۇقىنى ئوڭۇشلۇق تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە چۆللۈك ئېكولوگىيەسىنى تۈزەشكە جۇڭگو لايىھەسى، شىنجاڭ تەجرىبىسى تەقدىم قىلدى. ئېنېرگىيە بايلىقى تىپىنى يېشىل تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش ۋە كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش خىزمىتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، تەرەققىياتنىڭ «يېشىللىق مىقدارى»نى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىدا، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدە، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى.
شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، ھازىر شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى يەنىلا بېسىم ئۈستىلەنگەن، ئېغىر يۈكنى زىممىگە ئېلىپ ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاچقۇچلۇق مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، جەزمەن ئەڭ قاتتىق تۈزۈم، ئەڭ پۇختا قانۇنچىللىقنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ يولغا قويۇپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىشەنچلىك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىزنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىز، ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى ۋە تۆۋەن چېكىنى چىڭ ساقلىشىمىزنى كۈچلۈك قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى. شىنجاڭدىكى كەڭ كادىرلار، ئامما شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە - مۇھىت قانۇن دەستۇرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل تەرەققىي قىلىش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، كاربوننى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئىقتىسادنى ئاشۇرۇشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئەڭ قەتئىي پوزىتسىيە، ئەڭ كۈچلۈك تەدبىر ئارقىلىق ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش، تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ماس ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل ئاساسىي رېڭىنى ئۈزلۈكسىز قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك.
ئېكولوگىيە گۈللەنسە، مەدەنىيلىك گۈللىنىدۇ. يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەپ، ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلساقلا، بىز جەزمەن گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى، زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي شىمال ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى كۈچلۈك مۇستەھكەملەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ مەنزىرىسىنى سىزىپ چىقالايمىز.






