تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «بىرىنچىدىن سۇ مەنبەسىگە قاراش، ئىككىنچىدىن ئات تېزىكىگە قاراش، ئاندىن تۇياق ئىزىغا قاراش...» 8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى ياۋايى ھايۋانلارنى قوغداش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جېنشەن قولىغا دۇربۇن ئېلىپ، بىر تەرەپتىن يىراقنى كۆزەتكەچ، بىر تەرەپتىن مۇخبىرغا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنى ئىزدەشنىڭ «ئاچقۇچى»نى چۈشەندۈردى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتى سەنگېچۈەن بۆلەك رايونىدا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئىزىنى كۆزەتمەكتە.
باش كۈز كىرگەن بولسىمۇ، قارامايلى يەنىلا پىژغىرىم ئىسسىق ئىدى. مۇخبىرلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتىگە ئەگىشىپ، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ غەربىي شىمالىدىكى سەەنگېچۈەن بۆلەك رايونىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ دالىدا قالدۇرغان ئىزىنى نەق مەيداندا قوغلاپ تەكشۈردى، بۇ بىر تۈركۈم ياۋا ئاتلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھەرىكەت دائىرىسى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ يادرولۇق رايونى چېگراسىدىن 100 كىلومېتىردىن ئارتۇق يىراقلاشقان بولۇپ، تۈر توپىنىڭ تارقىلىش يۈزلىنىشى كۆرۈنەرلىك، ياشاش ھالىتى ياخشى ئىدى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى سۈرەتكە تارتقان پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى.
قارامايلى دۆلىتىمىزدىكى بىردىنبىر مۆتىدىل بەلباغ چۆل تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار مەركەزلىك تارقالغان رايون، شۇنداقلا پۈتۈن يەرشارىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تۈرى ــــ پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئەسلىي ماكانى ھەم دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ دالىغا قويۇپ بېرىپ ياشايدىغان ماكان ۋە كۆپەيتىش بازىسى. پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى يەرشارىدا ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان بىردىنبىر ياۋا ئات تۈرى بولۇپ، ئىلگىرى بىرمەھەل دۆلىتىمىزدە دالىدا نەسلى قۇرۇپ كەتكەن. 1985-يىلى دۆلىتىمىز «ياۋا ئاتنى يۇرتىغا قايتۇرۇش» پىلانىنى يولغا قويغاندىن بۇيان، 40 نەچچە يىللىق قوغداش، كۆپەيتىش ۋە ياۋايىلاشتۇرۇپ قويۇپ بېرىش ئارقىلىق، ئۇنىڭ تۈر توپى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتى سەنگېچۈەن بۆلەك رايونىدا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئىزىنى ئىزدىمەكتە.
2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى تۈر توپىنىڭ سانى 561گە يەتتى، بۇنىڭ ئىچىدە دالىغا قويۇپ بېرىلگەن ياۋا ئات 392 بولۇپ، ئۆزىنى ئۆزى قامدىيالايدىغان كۆپلىگەن دالا تۈر توپى شەكىللەندى. بىر قىسىم دالىغا قويۇپ بېرىلگەن ياۋا ئاتلار ھەرىكەتلىنىش رادىئۇسىدىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 100 كىلومېتىر ھالقىپ، ھەم ئۇلارنىڭ دالىدا ياشاش ئىقتىدارى ۋە ئېكولوگىيەلىك ماسلىشىشچانلىقىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئاشقانلىقىنى دەلىللىدى، ھەم تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە تۈرلەرنى قوغداش خىزمىتىنىڭ پۇختا ئۈنۈمىنى ئەكس ئەتتۈردى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتى سەنگېچۈەن بۆلەك رايونىدا پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئىزىنى كۆزىتىپ ئىزدىمەكتە.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون سۈنئىي ھەمراھ بويۇن چەمبىرىنى كۆزىتىپ ئۆلچەش، ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپارات ئورۇنلاشتۇرۇش، DNA تۈر توپىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىق تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ياۋا ئاتنىڭ دالىدىكى ياشاش ئەھۋالىنى سىجىل ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈپ، تۈر توپىنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئىلمىي باھالىدى. ياشاش مۇھىتى سۈپىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ياخشىلىنىشى، قوغداش سىستېمىسىنىڭ كۈنسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ئەگىشىپ، پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى جۇڭغار ئويمانلىقىدا «قاقاسلىقتىكى زېرەكچاق»نىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جۇشقۇنلۇقىنى تەدرىجىي قايتا نامايان قىلىپ، پۈتۈن يەرشارىدىكى يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان جانلىقلار تۈرىنى قايتا كىرگۈزۈشنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۈلگىگە ئىگە قىلدى.

8-ئاينىڭ 11-كۈنى، شىنجاڭ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش مەركىزى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ياۋايى ھايۋانلارنى تەكشۈرۈش شۆبە ئەترىتىنىڭ خىزمەتچىلىرى ئىنفىرا قىزىل نۇرلۇق فوتو ئاپپاراتنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.






