تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | كوئېنلۇن تېغىدىكى «ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاقلار»نىڭ يېشىللىق قوغلىشىپ قايتىپ كەلگەنلىكىگە نەزەر

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «نۆۋەتتە، مۇھاپىزەت رايونىدا ياشاۋاتقان شىزاڭ بۆكىنىنىڭ سانى 60 مىڭدىن ئېشىپ، يىلدىن-يىلغا كۆپەيتمەكتە.» ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشۋىقات-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شاڭ پېڭ يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق بىلدۈردى: كۆپ يىل سىجىل قوغداش ئارقىلىق، ئىلگىرى «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون» دەپ قارالغان بۇ ئېگىزلىك مەركىزى ھازىر ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھاياتىي كۈچكە تولغان شادلىق باغچىسىغا ئايلاندى.

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە بەخىرامان سەيلە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە بەخىرامان سەيلە قىلماقتا (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

   شىزاڭ بۆكىنىنىڭ «ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاقلار» دېگەن چىرايلىق نامى بار بولۇپ، دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋان ھېسابلىنىدۇ. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدا، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش ھەرىكىتى بىر مەھەل ئەۋج ئېلىپ، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى شىزاڭ بۆكىنىنىڭ سانى ئىلگىرىكى 100 مىڭدىن 1998-يىلى 10 مىڭغا يەتمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالدى. كەسكىن ۋەزىيەت ئالدىدا، دۆلىتىمىز تېزدىن سىستېمىلىق قوغداش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى تەسىس قىلىش، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاش قىلمىشىغا قاتتىق زەربە بېرىش، ياشاش ماكانىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق بىرقاتار تەدبىرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، بۇ ئەتىۋارلىق تۈرنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغدىدى.

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە يىراقلارغا نەزەر سالماقتا (7-ئاينىڭ  5-كۈنى تارتىلغان).

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە چېپىپ يۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

   ھازىر قوغداشنىڭ نەتىجىسى كۈنسېرى كۆرۈنەرلىك بولماقتا. كۆزىتىپ ئۆلچەش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىڭخەي-شىزاڭ ئېگىزلىكىدىكى شىزاڭ بۆكىنى تۈر توپىنىڭ سانى ئەسلىگە كېلىپ 300 مىڭدىن ئېشىپ، «تۈمەن بۆكەن تەڭ چېپىش»تەك ئېكولوگىيە ئاجايىپ مەنزىرىسى قايتا نامايان بولغان. شىزاڭ بۆكىنىنىڭ مۇھىم ياشاش ماكانىنىڭ بىرى بولغان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىكى تۈر توپىنىڭ سانى مۇقىم كۆپىيىپ، ھازىر 60 مىڭدىن ئېشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئېگىزلىك ئېكولوگىيەسىنى قوغداش نەتىجىلىرىنىڭ جانلىق كارتىنىسى بولۇپ قالدى.

   ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا، چارلىغۇچىلار دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر كېلىدىغان ئېگىز، سوغۇق چۆللۈكتە يىل بويى تۇرۇپ، قار-شىۋىرغانغا قارىماي چارلاپ ۋە قوغداپ، ئوغرىلىقچە ئوۋ ئوۋلاشقا قارشى تۇرۇش ۋە ئېكولوگىيەنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ئىلگىرىكى يىللاردىكى «كوئېنلۇن تېغىدىكى ئۈچ قوغدىغۇچى» خەۋپ-خەتەردىن قورقماي مۇھاپىزەت قىلىشتىن بۈگۈنكى كۈندە يېڭى بىر ئەۋلاد باشقۇرغۇچى-قوغدىغۇچىلارنىڭ ئادەمسىز ئۇچقۇ، بېيدوۋ سۈنئىي ھەمراھدىن پايدىلىنىپ ئىز قوغلاش قاتارلىق پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ دەل جايىدا كۆزىتىپ ئۆلچەشكىچە، ئەۋلادمۇئەۋلاد قوغدىغۇچىلار ياشلىق باھارى، ھەتتا ھاياتى ئارقىلىق شىزاڭ بۆكىنى ئۈچۈن مۇستەھكەم مۇھاپىزەت توسۇقى بەرپا قىلدى.

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە يىراقلارغا بەخىرامان نەزەر سالماقتا (7-ئاينىڭ  5-كۈنى تارتىلغان).

شىزاڭ بۆكىنى كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە چېپىپ يۈرمەكتە (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

   شاڭ پېڭ مۇنداق بىلدۈردى: شىزاڭ بۆكىنى تۈر توپىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتۈشىنىڭ ھەقىقىي كۆرۈنۈشى. كەلگۈسىدە، مۇھاپىزەت رايونى چارلاش، قوغداش سالمىقىنى سىجىل ئاشۇرۇپ، ئاقىل كۆزىتىش-ئۆلچەش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تەستە قولغا كەلگەن قوغداش نەتىجىلىرىنى پۇختىلاپ، «ئېگىزلىكتىكى زېرەكچاقلار»نى كوئېنلۇن تېغى باغرىدا ئەركىن-ئازادە چېچىپ يۈرۈش، ئەۋلادمۇئەۋلاد كۆپىيىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.  

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.