□شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى
30 يىل تاش قوپۇرۇپ ئۆستەڭ چېپىپ، نەچچە ئەۋلاد كىشىلەر كۈچ ئۇلاپ كۈرەش قىلدى. تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىگە جايلاشقان چىرا ناھىيەسىدىكى جەڭگىۋار ئۆستەڭدە شىرىلداپ ئېقىۋاتقىنى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ قەلبىنى ئوزۇقلاندۇرۇۋاتقان ئېقىن سۇ بولۇپ، بۇ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ تىز پۈكمەي، تەبىئەت بىلەن كۈرەش قىلىپ، يۇرت - ماكانىنى گۈللەندۈرىدىغان ئىرادىسى ۋە جاسارىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئىرادىسىدىن قايتماي، خەلق ئۈچۈن بەخت - سائادەت يارىتىش جاۋاب قەغىزىنى مۇشۇ تۇپراققا پۈتىدىغان توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلق ئۈچۈن ۋۇجۇدقا كېلىش، خەلققە تايىنىپ گۈللىنىش، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن بىللە بولۇش، خەلق مەنپەئىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلىش پارتىيەمىزنىڭ پارتىيە قۇرۇش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتىكى تۈپ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى. جەڭگىۋار ئۆستەڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش سىياسىي مەيدانىغا گۇۋاھ بولدى. چىرا ناھىيەسىنىڭ تەرەققىياتىدىكى قىيىنچىلىق ئالدىدا، تۆھپە يارىتىش كېرەكمۇ ياكى يوشۇرۇن نەتىجە يارىتىش كېرەكمۇ، قىيىن مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش كېرەكمۇ ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش كېرەكمۇ، جەڭگىۋار ئۆستەڭدىكى ھەربىر تاشتا بۇنىڭ خاتىرىسى بار، سۇغىرىش رايونىدىكى ھەر بىر تۈپ مېۋىلىك دەرەختە بۇنىڭ جاۋابى بار. جەڭگىۋار ئۆستەڭنى ياخشى ياساش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت نۆۋەتمۇنۆۋەت ئۇلاپ ئىشلەپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دېگەن يۈكسەكلىك، «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دېگەن مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، قەتئىي بوشاشماي قەدەممۇقەدەم ئالغا سىلجىتتى. مەيلى ئەينى يىللىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن تاش يۈدۈپ ئۆستەڭ چېپىش بولسۇن ياكى يېڭى ئەسىرنىڭ بېشىدا شەھەر - يېزىلارنى سۇ بىلەن تەمىنلەش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى بىر كۈندىلا ۋۇجۇدقا چىققان ئىش ئەمەس، بۇ، ئۇزاق يىللار داۋامىدا، قىلچىمۇ ئۆز مەنپەئىتىنى كۆزلىمەيدىغان پارتىيەۋىلىكنى سىنىماقتا ۋە تاۋلىماقتا.
ئۆستەڭ چېپىپ سۇ باشلاپ سۇغىرىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىن «كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىپ سۇنى ياخشىلاپ»، شۇ جاينىڭ كۆل سۈيى ئىچىش تارىخىغا ئۈزۈل - كېسىل خاتىمە بېرىشكىچە، يەنە سۇ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىچىدىغان سۇ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇشقىچە، كوممۇنىستلارنىڭ ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىشى، خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىشى ئەڭ چوڭ سىياسىي نەتىجە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە جەنۇبىي شىنجاڭ تۇپرىقىدا، مەيلى شەھەر ياكى يېزا - كەنتلەردە بولسۇن، جۈمەكنى ئېچىپلا پاكىز، تاتلىق تۇرۇبا سۈيى ئىچكىلى بولىدۇ، سۇغىرىش رايونىدىكى سالا ئېتىزلارغا «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» تىكىلىپ، «بەخت مېۋىسى» بەردى، ئىقتىساد مۇقىم تەرەققىي قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، «قۇم ئىلگىرىلەپ ئادەم چېكىنىش» «قۇم چېكىنىپ ئادەم ئىلگىرىلەش»كە ئۆزگەردى، تۈرلۈك ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىشلار ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىشلەندى. ھەر مىللەت ئامما تاتلىق سۇ ئىچەلەيدىغان بولدى، قۇم - بوراندىن ئەمدى قورقمايدىغان بولدى، قەتئىي تەۋرەنمەي بەختلىك ماكان قۇرۇش ئىشەنچىدە «تەرەققىياتتا خەلقنى كۆزلەش، تەرەققىياتتا خەلققە تايىنىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش»تىن ئىبارەت قىممەت ئىنتىلىشى چەكسىز روشەن بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە جەڭگىۋار ئۆستەڭ پەن - تېخنىكىغا تايىنىپ ئىنچىكىلەشكەن سۇ بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھېلىھەم رولىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇپ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى داۋامىدا ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەشنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتىنى چۈشەندۈرمەكتە. بىر مۇھىم تەدبىرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى باشلاشتا، ئىلمىي دەلىللەنگەن - دەلىللەنمىگەنلىكى، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈلگەن - كۆرۈلمىگەنلىكى جەزمەن ئېنىق جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە، ئۇنداق بولمىسا، خەلق ئۈچۈن بولۇش ئەسلىي مەقسىتىدىن چەتنەپ، بايلىقنى ئىسراپ قىلىۋېتىش، پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويۇش، ھەتتا بىر تەرەپكە زىيان يەتكۈزۈش مۇمكىن. جەڭگىۋار ئۆستەڭنى پىلانلاش، قۇرۇشتىن بۈگۈنكى كۈندە يېڭىلاپ پايدىلىنىشقىچە، نىشاننى كۆزلەيدىغان چىدامچانلىق بار، تېخىمۇ مۇھىمى ئىلمىي تەدبىر بەلگىلەش مۇھىم ئالدىنقى شەرت قىلىندى. ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش، قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئىلىم - پەنگە ئەھمىيەت بېرىش توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇش ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىشتە بولۇشقا تېگىشلىك مەزمۇن، شۇنداقلا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىچكى تەلەپ.
ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈلۈپ بولدى، جەزمەن ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك. قۇرغاق، يامغۇر ئاز ياغىدىغان چىرا ناھىيەسىدە تەرەققىياتنى كۆزلەشتە ئەڭ كەمچىل بولغىنى سۇ بايلىقى، ئەڭ قورقىدىغىنى قۇم - بوراننىڭ كۈچلۈك چىقىشى ئىدى، شۇ جايدىكى پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ھەر مىللەت ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ئۆستەڭ چېپىپ، قۇم - بورانغا قارشى جەڭ قىلىپ، ئەڭ مۇھىم، ھەل قىلىش ئەڭ قىيىن مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ قەدەممۇ قەدەم ھەل قىلدى. بىر پارچە «جەڭگىۋار ئۆستەڭ» خەرىتىسى چۆل - باياۋاندا ئەمەلىيلىشىپ، مېۋە - چېۋىلەرگە شېرىن تەم، تۇرمۇشقا باياشاتلىق ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ساختا تەدبىر، شەكىلۋازلىق يوق، مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ سىرى سورالسا، بۇنىڭ جاۋابى دەل ھەقىقىي تۇتۇش ئەمەلىي كۈچى، ماھىرلىق بىلەن تۇتۇش ئەپچىل كۈچى، دائىم تۇتۇش چىدامچانلىقى ھەمدە قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىدىغان جاسارەت. پەقەت تاش - تۆمۈردە ئىز قالدۇرىدىغان سالماق ۋە چىدامچانلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتقاندىلا، ئاندىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى ھەربىر ئەمەلىي ئىش، ھەربىر مەسئۇلىيەتچانلىق داۋامىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان ئىشلارغا دائىر مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، «خەلق تۇرمۇشىنى ھەممىدىن مۇھىم بىلىش»نى پۇختا، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدۇ.
ئۆستەڭ سۈيى نېمە ئۈچۈن شۇنچە سۈزۈك؟ چۈنكى مەنبە ئېقىن سۈيى ئۈزۈلمەي ئېقىپ تۇرىدۇ. تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا نەزەر سالساق، جەڭگىۋار ئۆستەڭگە سۇ باشلاشتىن ئاراتاش سۇچىلىق تۈگۈنىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈشكىچە، مايتاغ - كۇچا تاشيولىنىڭ پۈتۈشىدىن تىيانشان غالىبىيەت تونېلىنىڭ تۇتاشتۇرۇلۇشىغىچە، كۆكياردىكى چۆللۈكنى مېۋىزارلىققا ئايلاندۇرۇشتىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاپ «يېشىل شارپا» تاقاشقىچە، تۈركۈم - تۈركۈم جۇڭگو كوممۇنىستلىرى داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما ئويلىغاننى ئويلاپ، ئامما بىلەن بىللە ئىشلەپ، شىنجاڭ تۇپرىقىنى يېڭى قىياپەتكە كىرگۈزدى. «15 - بەش يىل»دا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، بىز خەلق ئۈچۈن سىياسىي نەتىجە يارىتىش، ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق سىياسىي نەتىجە يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قەدەممۇقەدەم گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرايلى.






