تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. قارامايلىدا سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش | چۆللۈكتىكى «ھايۋاناتلارنىڭ گۈزەل ماكانى»

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې خەۋىرى، فوتوسى) باش كۈز مەزگىلىدە، ئىسسىق دولقۇن يەنىلا چۆل-باياۋاندا مەۋج ئۇرۇپ تۇراتتى. بۇ يىل 8-ئاينىڭ 15-كۈنى 4-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە كۈنى يېتىپ كېلىش ئالدىدا، شىنجاڭ گېزىتخانىسىنىڭ «گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى. قارامايلىدا سىرلار ئۈستىدە ئىزدىنىش» پۈتۈن تاراتقۇ خەۋەر قىلىش شۆبە ئەترىتى ئۈرۈمچىدىن يولغا چىقتى، ئاپتوموبىللار بوغدا چوققىسىدىن ئۆتۈپ، شىمالغا قاراپ مېڭىپ، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي گىرۋىكىدىكى قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا بىۋاسىتە بېرىپ، قارىماققا جىمجىت كۆرۈنىدىغان بۇ چۆللۈكنىڭ ئارقىسىدىكى جۇش ئۇرۇپ تۇرغان ھەم مۇستەھكەم ئېكولوگىيە مەنزىرىسى ئۈستىدە ئىزدەندى.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئاپتوموبىل بېيدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يولىنى بويلاپ شىمالغا قاراپ مېڭىپ قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىغا كىرمەكتە.

  قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنىڭ شەرققە كېڭىيىشىنى توسۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئېكولوگىيە توسۇقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قارامايلى تىيانشان بىلەن ئالتاي تېغىنى تۇتاشتۇرىدىغان مۇھىم ئېكولوگىيە كارىدورى بولۇپلا قالماي، يەنە يەرشارىۋى مۆتىدىل بەلباغ چۆللۈك ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ تىپىك ئۈلگىسى.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزى كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق بىر ياۋا ئاتنىڭ كۆلچەك بويىدا ئوزۇق ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆردى.

  ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 14 مىڭ 700 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان بۇ تۇپراققا ئادەم ئاياغ باسمىغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ يەرنىڭ تەبىئىيلىكى نامايان بولۇپ تۇرىدۇ، ئىسمى-جىسمىغا لايىق «ھايۋاناتلارنىڭ گۈزەل ماكانى» دېيىشكە بولاتتى. ئۇ پۈتۈن يەرشارىدىكى زور دەرىجىدە يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان تۈر − پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتىنىڭ ئەسلىي ماكانى، شۇنداقلا دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ پىرىژىۋالىسكى ياۋا ئېتى دالىغا قويۇپ بېرىلىپ ياشايدىغان ماكان ۋە كۆپەيتىش بازىسى؛ پۈتۈن مەملىكەتتىكى %80تىن ئارتۇق موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى تارقالغان بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ھازىر ساقلىنىۋاتقان موڭغۇلىيە ياۋا ئېشىكى تۈر توپىنىڭ سانى ئەڭ كۆپ، تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلىك رايون؛ خاتىرىلەنگەن جەرەن تۈر توپىنىڭ سانى پۈتۈن يەرشارىدىكى ئومۇمىي ساننىڭ تەخمىنەن تۆتتىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، ئارقار، سۈلەيسۈن، قىزىل تۈلكە، يايلاق بۈركۈتى قاتارلىق يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان ئەتىۋارلىق ھايۋانلار جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ مۆتىدىل بەلباغ چۆل-باياۋان ئېكولوگىيە جۇغراپىيەلىك رايونىدىكى ئوخشاش تۈردىكى تۈرلەر سانىنىڭ %52.29ىنى ئىگىلەيدۇ.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزى ياۋايى ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر مۇزېيىدا سۈرەتكە تارتىلغان ياۋا ئاتنىڭ باش سۆڭىكى تاشقاتمىسى.

  تەكشۈرۈپ ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، قارامايلى دۆلەت باغچىسى نامزات رايونىدا جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، جەمئىي 260 خىل ياۋايى ئومۇرتقىلىق ھايۋان تارقالغان، بۇنىڭ ئىچىدە, دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن 14 خىلى، 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋايى ھايۋاندىن 42 خىلى بار؛ 393 خىل تالا تومۇر توقۇلمىلىق ياۋا ئۆسۈملۈك بار بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ياۋا ئۆسۈملۈكتىن توققۇز خىلى بار.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى.

8-ئاينىڭ 10-كۈنى، خىزمەتچى خادىملار قارامايلى تېغى تۇياقلىق ياۋايى ھايۋانلار تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىنى باشقۇرۇش مەركىزىدە كۆزىتىش ۋە تىزگىنلەش ئۈسكۈنىلىرى ئارقىلىق مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە.​

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.