تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | كوئېنلۇننىڭ ئىچكىرىسىدە گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) ھازىر، كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر كېلىدىغان ئالتۇن تاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بىر يىل ئىچىدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىلنى كۈتۈۋالدى. مۇھاپىزەت رايونى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشۋىق-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى شاڭ پېڭ يېقىندا زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: راسا پورەكلەپ ئېچىلىش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، بىپايان چۆللۈكتە، ئېگىزلىك ھەم سوغۇقتا ئۆسىدىغان رەڭگارەڭ گۈل-گىياھلار بەس-بەستە ئېچىلىپ، بۇ «ھاياتلىق چەكلەنگەن رايون»نى ھاياتىي كۈچكە تولغان كوئېنلۇن گۈزەل رايونىغا ئايلاندۇردى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ كىندىكىدە سۈرەتكە تارتىلغان ئېگىز تاغ ياۋا جۆمىڭزىسى (7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

   ئىلمىي تەكشۈرۈش سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، مۇھاپىزەت رايونىنىڭ ئۆسۈملۈك بايلىقى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھازىر ئۇرۇقلۇق ئۆسۈملۈكلەردىن 35 ئائىلە، 135 ئۇرۇقداش، 387 خىلى بار ئىكەن. قاتتىق سوغۇق بولىدىغان، ئوكسىگېن يېتىشمەيدىغان ناچار مۇھىتنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، مۇھاپىزەت رايونىغا غوللۇق دەرەخ تارقالمىغان، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كىرېست گۈللۈكلەر ئائىلىسى، مۇرەككەپ گۈللۈكلەر ئائىلىسى ۋە باشاقلىقلار ئائىلىسىدىكى يەر بېغىرلىغۇچى ئۆسۈملۈكلەرنى ئاساس قىلغان، ئومۇمىي قاپلاش دەرىجىسى تەخمىنەن %20تىن %50كىچە ئىكەن.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە تارتىلغان تىكەن يوپۇرماقلىق تەلۋە ئوت  (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان گەنسۇ-چىڭخەي لىنىيەسى بويىدا ئېچىلغان ماڭدار (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

   يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇھاپىزەت رايونىدىكى ئۆسۈملۈكلەرنى ئىلمىي تەكشۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. پەن تەتقىقات خادىملىرى يۇقىرى دەرىجىلىك ئۆسۈملۈكلەردىن شىنجاڭنىڭ ئىككى يېڭى رېكورت ئۇرۇقدىشى ۋە شىنجاڭنىڭ ئالتە يېڭى رېكورت تۈرىنى بايقىدى؛ مۇخ، لىشاينىك ۋە چوڭ تىپتىكى زەمبۇرۇغ ساھەسىدىمۇ جۇڭگونىڭ نۇرغۇن يېڭى رېكورت تۈرى ۋە شىنجاڭنىڭ يېڭى رېكورت تۈرى ئارقا-ئارقىدىن بايقالدى. بۇنىڭدىن باشقا، مۇھاپىزەت رايونىغا يەنە دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكتىن 4 خىلى، شىنجاڭ بويىچە 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ئۆسۈملۈكتىن 2 خىلى تارقالغان.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان جىگۇەن چېيى (7-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.