ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) يېقىندا، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت كوللېكتىپى كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىدىكى ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شامال بىلەن تۇز بىرلىشىپ ئويۇپ چىققان ھەيۋەتلىك تاش ئويما ئاجايىپ مەنزىرىسىنى ئىزدەپ زىيارەت قىلدى. بۇ ئېگىزلىكتىكى پاكىز تۇپراقتا، كۆركەم ئېگىز تاغ كۆللىرى بىلەن غەلىتە گىرانىت تاشلىق يەر شەكلى بىر-بىرگە تۈس قوشۇپ جۇلالىنىپ تۇرىدۇ، بۇ ھەم تەبىئەت قالدۇرغان قول يازما، ھەم پەن تەتقىقات ۋە تاماشا قىلىش قىممىتىگە ئىگە ھەيۋەتلىك گېئو مەنزىرە ھېسابلىنىدۇ.
ئاياققۇم كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ بەلگىسى بولغان نېلۇپەر تاش بىلەن تۆگە تاش قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، ئۇلار خۇددى سۈكۈتتىكى مۇھاپىزەتچىگە ئوخشايدۇ، يان تەرىپىدە ھەرە كۆنىكىسىمان تاش ئۆڭكۈرلەر يېيىلىپ تۇرىدۇ. شەكلى غەلىتە بۇ تاغ جىنسلىرى ئادەتتىكى ھاك تاش بولماستىن، بەلكى تىپىك گىرانىت تاش بولۇپ، تۇزنىڭ يىمىرىلىشى ۋە شامالنىڭ يالىشىدىن ئىبارەت قوش تەسىر ئاستىدا، تەكرار سۈرەتلىنىپ، تەشمە نەقىشلىك ھالەتكە كىرىپ، ئاخىر ئېگىزلىكتىكى تەڭداشسىز قىممەتلىك گېئو كىتابقا ئايلانغان.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاياققۇم كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان نېلۇپەر تاش بىلەن تۆگە تاش مەنزىرىسى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كائېردۇندە سۈرەتكە تارتىلغان غەلىتە تاش مەنزىرىسى.

7-ئاينىڭ 6-كۈنى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كائېردۇندە سۈرەتكە تارتىلغان غەلىتە تاش تاغ مەنزىرىسى.

7-ئاينىڭ 7-كۈنى، كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئاياققۇم كۆلىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدا سۈرەتكە تارتىلغان غەلىتە تاش تاغ مەنزىرىسى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان «كوئېنلۇن ئۇچار بېلىقى» شەكىللىك تاش. شاڭ پېڭ فوتوسى

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە سۈرەتكە تارتىلغان «ئادەمسىمان مايمۇن» شەكىللىك تاش. شاڭ پېڭ فوتوسى
تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى شاڭ پېڭ ئۇنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبىنى جانلىق سۈرەتلەپ بەردى: ئاياققۇم كۆلى مىنېراللىشىش دەرىجىسى يۇقىرى تۇزلۇق كۆل بولۇپ، كۆل سۈيى بىلەن ئەتراپتىكى شور تۇپراق تەركىبىدىكى تۇز سۈيى، يامغۇر سۈيىنى ۋاسىتە قىلىپ، گىرانىت تاشنىڭ ھەر بىر يوچۇقىغا ئاستا-ئاستا سىڭىپ كىرىدۇ. بۇ يەر دېڭىز يۈزىدىن ئېگىز، كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈشى كۈچلۈك، سۇ تەركىبى تېز سۈرئەتتە پارغا ئايلىنىپ تارقىلىدۇ، تۇز تەركىبى تاغ جىنسلىرىنىڭ سىرتقى قەۋىتىدە زىيادە تويۇنۇپ ئاجرىلىپ چىقىدۇ، كىرىستال ئۆسكەندە ئېتىلىپ چىققان كېڭىيىش كۈچى خۇددى ئاۋازسىز ئىسكىنىگە ئوخشاش دانچىلارنى ئاز-ئازدىن پارچىلايدۇ، يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ھەرە كۆنىكىدەك تاش ئۆڭكۈرلەر ھاسىل بولۇپ، ئاجايىپ ئىزنالارنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل تۇزلۇق يىمىرىلىش بىلەن شامال كۈچىنىڭ يالىشى ئېگىزلىكتىكى قۇرغاق مۇھىتتا تېخىمۇ تىپىك بولۇپ، جەنۇبتىكى نەم رايونلارنىڭ كارست يەر شەكلى بىلەن زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون نەق مەيداندا ئىلمىي تەكشۈرۈش بىلەن يىراقتىن سېزىپ ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان پەن تەتقىقات قوغداش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، بۇ ئاجىز ھەم قىممەتلىك گېئو ساقلانمىلارنى سىجىل قوغدىماقتا. شاڭ پېڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئېگىزلىكتىكى تاغ جىنسلىرىغا يوشۇرۇنغان شامال ۋە تۇز مەخپىي شىفىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ھەيۋەتلىك گېئو مەنزىرىگە ۋە ئېكولوگىيەلىك قىممەتكە ئىگە بۇ ئېگىزلىكتىكى پاكىز تۇپراقنى ئورتاق قوغدايمىز. بۇ تاغ جىنسلىرى تۇپرىقىدا يېزىلغان داستان، شۇنداقلا كېيىنكىلەرگە قالدۇرۇلغان تەبىئىي سادا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






