ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون شىنجاڭ، چىڭخەي، شىزاڭدىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكە، ئاپتونوم رايون چېگراسىدىكى شىنجاڭ چاقىلىق ناھىيەسى ۋە چەرچەن ناھىيەسى تەۋەسىگە جايلاشقان. تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون 1983-يىلى قۇرۇلغان، 1985-يىلى دەرىجىسى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايونغا ئۆستۈرۈلگەن. ئۇ دۆلىتىمىز ھەتتا دۇنيا بويىچە ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئېگىزلىك ئېكولوگىيە تىپىدىكى تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەرنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 4580 مېتىر بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى تەخمىنەن 45 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، تاغ، چۆل، قۇملۇق، جىلغا، قىيپاش ئويمانلىق، قارلىق تاغ، مۇزلۇق، دەريا، كۆل، سازلىق، ئوتلاقلار تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئېگىزلىكتىكى نۇرغۇن ياۋايى ھايۋانلار بۇ يەردە كۆپىيىدۇ، ماكانلىشىدۇ، تارقىلىشى كەڭ، زىچلىقى يۇقىرى بولۇپ، ئاجايىپ مەنزىرە دەپ تەرىپلىنىدۇ، بۇ يەر ئاز ئۇچرايدىغان «ئېگىزلىك تۈر گېن ئامبىرى» دەپ ئاتىلىدۇ.
ھازىر تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا 338 خىل ياۋايى ھايۋان بار. ھازىر دۆلەت تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 17 خىلى، دۆلەت تەرىپىدىن 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋاندىن 31 خىلى بار. ياۋا قوتاز، شىزاڭ بۆكىنى، يىلپىز، قارا بويۇن تۇرنا تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى بايراقدار تۈر ھېسابلىنىدۇ.
2022-يىللىق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ئۈچ چوڭ تۇياقلىق ياۋايى ھايۋان تۈر توپىنىڭ سانى 120 مىڭ تۇياقتىن ئاشقان، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋا قوتاز 12 مىڭغا، شىزاڭ بۆكىنى تەخمىنەن 64 مىڭغا، شىزاڭ قۇلىنى تەخمىنەن 50 مىڭغا يەتكەن.
رېژىسسور\ئوپېراتور: ۋاڭ چىمىڭ
فىلىم ئىشلىگۈچى\كىرىشتۈرگۈچى: يۈ شەن
قىسمەن ماتېرىيال مەنبەسى: ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون، شاڭ پېڭ، شۈ جۈنچۈەن
نازارەتچى: شۆ جىڭ، چاۋ جىن
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى






