تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

گۈزەل جۇڭگو شىنجاڭ سەپىرى | كوئېنلۇن چوققىسىدا ئېگىزلىكتىكى مۇزلۇق يوشۇرۇن ھاياتلىق تومۇرىنىڭ سىرىنى يېشىش

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر سەي زېڭلې فوتوسى، خەۋىرى) «تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا قارلىق تاغ، مۇزلۇق بايلىقى مول بولۇپ، ئىنسانلار ۋە ياۋايى ھايۋانلار مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشتا تايىنىدىغان ھاياتلىق مەنبەسى.» يېقىندا، ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايون باشقۇرۇش ئىدارىسى تەشۋىق-تەربىيە بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شاڭ پېڭ زىيارەتنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق تونۇشتۇردى: مول قار-مۇز بايلىقى بۇ ئېگىزلىكنىڭ ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقىنى پۇختا كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئېشەكپاتتى يايلىقىدا تارتىلغان قارلىق تاغ، كۆل ۋە يايلاق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 5-كۈنى تارتىلغان).

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدىكى ئېشەكپاتتى يايلىقىدا توپ-توپ شىزاڭ قۇلىنى قوغلىشىپ ئوينىماقتا (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

   كوئېنلۇن تېغىنىڭ شەرقىگە جايلاشقان ئالتۇنتاغ دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندا قار سىزىقىنىڭ ئېگىزلىكى 5400 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، شەرقتىن غەربكە قاراپ تەدرىجىي ئېگىزلەش يۈزلىنىشى كۆرۈلگەن. كىلىمات ۋە يەر شەكلىنىڭ تەسىرىدە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى قار سىزىقىنىڭ تارقىلىش پەرقى روشەن: شەرقىي قىسمى ئېگىزلىكنىڭ ئىچكى قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، كىلىماتى نىسبەتەن نەم، سوغۇق، قار سىزىقى بىر قەدەر تۆۋەن؛ غەربىي قىسمى تارىم ئويمانلىقىغا يېقىن بولۇپ، ئىنتايىن قۇرغاق كىلىماتنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ، قار سىزىقى بىر قەدەر يۇقىرى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوخشاش بىر تاغ چوققىسىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدا قۇياش رادىياتسىيەسى كۈچلۈك، قار-مۇزلارنىڭ ئېرىش مىقدارى كۆپ بولغاچقا، قار سىزىقى ئادەتتە شىمالىي يانباغرىدىن 200 مېتىر ئەتراپىدا ئېگىز بولىدۇ.
   ھازىرقى زامان مۇزلۇقى يېتىلگەن يادرولۇق رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوننىڭ جەنۇبىدىكى مۇزتاغ چوققىسى (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6973 مېتىر) بىلەن بۇقاداۋان چوققىسى ئىككى چوڭ قار-مۇز خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. 2011-يىلى 6-ئايدىكى ئىلمىي تەكشۈرۈشتە مۇزتاغ چوققىسىنىڭ تىپىك قار-مۇزلارنىڭ يالىشىدىن شەكىللەنگەن ئېگىز ھەم تىك ئۇچلۇق چوققا ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. بۇ ئىككى تاغ چوققىسى ھەيۋەتلىك تەبىئىي مەنزىرە بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مۇھىم سۇ سىستېمىسىنىڭ مەنبەسى بولغان مۇزتاغ چوققىسى تارىم ئويمانلىقىدىكى ئەڭ چوڭ دەريا بولغان چەرچەن دەرياسىنىڭ مۇھىم سۇ مەنبەسى، بۇقاداۋان چوققىسى بولسا قۇمكۆل ئويمانلىقىغا قاراپ ئاقىدىغان ئەڭ چوڭ دەريا پىتىلېق دەرياسىنىڭ مەنبەسى.

كوئېنلۇن تېغىنىڭ ئىچكىرىسىدە تارتىلغان قارلىق تاغ، يايلاق ۋە قۇملۇق مەنزىرىسى (7-ئاينىڭ 4-كۈنى تارتىلغان).

كوئېنلۇن تېغى كىندىكىدە تارتىلغان مۇز تاغ چوققىسىنىڭ ئاساسىي چوققا مەنزىرىسى. شاڭ پېڭ فوتوسى

كوئېنلۇن تېغى كىندىكىدە، تازقارا مۇزتاغ چوققىسىدىكى مۇزلۇق ئەتراپىدا ئەركىن پەرۋاز قىلماقتا. شاڭ پېڭ فوتوسى

   ئىگىلىنىشىچە، تەبىئىيلىكى قوغدىلىدىغان رايوندىكى ھازىرقى زامان مۇزلۇقلىرى ئاساسلىقى دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 5500 مېتىردىن ئاشىدىغان مەڭگۈلۈك يىغىندى قار بىلەن قاپلانغان رايونلارغا تارقالغان بولۇپ، تۈرى ئىنتايىن مول، ئاسما مۇزلۇق، مۇز ئازگىلى مۇزلۇقى، جىلغا مۇزلۇقى، ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان تەكشى چوققىلىق مۇزلۇق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئېگىزلىكتىكى تاغلىقلارنىڭ ئېگىز-پەسلىكى نىسبەتەن كىچىك بولغاچقا، بۇ يەردىكى مۇزلۇقلارنىڭ كۆپىنچىسى تۈز، تەكشى بولغان تەكشى چوققىلىق ھالەتتە بولىدۇ. ھۆل-يېغىن مىقدارىنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلىدىن، مۇزلۇقلارنىڭ كۆلىمى ئومۇميۈزلۈك چوڭ ئەمەس، ھەرىكەت سۈرئىتى ئاستا، يىمىرىلىش ۋە دۆۋىلىنىش تەسىرى ئاجىزراق، دائىم ئۇچرايدىغان مۇزنىڭ چىرىتىشىدىن شەكىللەنگەن مۇز چوققا، مۇز قىرى، مۇز ئازگىلى ھەمدە كۆلىمى ئانچە چوڭ بولمىغان مۇزلۇق لاتقا قىرى، تاش ئۇۋاقلىرى ۋە تاشلىق دەريا قاتارلىقلار بار.
   جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ مۇزلۇقلار ھەم ئېگىزلىك كىلىماتىنى تەڭشەيدىغان «قاتتىق جىسىم سۇ ئامبىرى»، ھەم تۈمەنلىگەن جانلىقلارنى ئوزۇقلاندۇرىدىغان ھاياتلىق جان تومۇرى. ئېرىگەن سۇ يىغىلىپ دەريا، كۆل ھاسىل قىلىپ، شىزاڭ بۆكىنى، ياۋا قوتاز، شىزاڭ قۇلىنى قاتارلىق ئەتىۋارلىق ياۋايى ھايۋانلارنى ياشاشتا تايىنىدىغان ماكان ۋە سۇ مەنبەسى بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگونىڭ مۇھىم ئېگىزلىك تۈر گېن ئامبىرىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾海提·米吉提

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.