تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   ساغلاملىق . تۇرمۇش

زور دەرىجىدە تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن «جىگەر ئاسراش ئىچىملىكى»! ھەر كۈنى 2~1 ئىستاكان ئىچسە، جىگەر كېسىلى خەۋپ-خەتىرى جىمجىتلا تۆۋەنلەيدۇ

   كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئاز بولمىغان كىشى قەھۋەنى ياخشى كۆرىدۇ، قەھۋەنىڭ خۇش پۇرىقىنى ياخشى كۆرىدۇ، ئۇ ئېلىپ كەلگەن سەگەكلىك تۇيغۇسىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. لېكىن، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قەھۋەگە بولغان تونۇشى يەنىلا تېتىكلەشتۈرۈش بىلەنلا توختاپ قالىدۇ، ئۇنىڭ باشقا پايدىلىق تەرەپلىرى توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ئىنتايىن ئاز.

   يېقىندا، نۇرغۇن نوپۇزلۇق تەتقىقاتلار كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر بايقاشقا ئېرىشتى: قەھۋەنىڭ پايدىسى تېتىكلەشتۈرۈش بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ، مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكەندە يەنە كۆپ خىل جىگەر كېسىلى خەۋپىنى تۆۋەنلەتكىلى بولىدۇ، ئۇنى «جىگەر ئاسراش ئىچىملىكى» دېيىشكە بولىدۇ.

مەنبە: 视觉中国

01

_______________________________________________________________________

تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە:

قەھۋە سىزنىڭ كۆپ خىل جىگەر كېسىلى خەۋپ-خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىڭىزگە ياردەم بېرىدۇ

   2026-يىلى 7-ئايدا، خەلقئارالىق نوپۇزلۇق ژۇرنال «كىلىنىكىلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە جىگەر كېسەللىكلىرى ئىلمى»دە 350 مىڭدىن ئارتۇق قاتناشقۇچىنى قاپلىغان بىر تۈرلۈك تەتقىقات ئېلان قىلىندى. بۇ كىشىلەردە تەتقىقات باشلانغاندا جىگەر قېتىشىش، جىگەر راكى يوق ئىدى، ئوتتۇرا ئورۇندا 13 يىل ئىز قوغلاپ زىيارەت قىلغاندىن كېيىن، نەتىجىسى كىشىنى ھەيران قالدۇرغان: مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچكەندە كۆپ خىل جىگەر كېسەللىكىنىڭ خەتىرىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكىلى بولغان. 

تەتقىقات كەسمە سۈرىتى

   تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، ھەر كۈنى 2 ~ 1 ئىستاكان قەھۋە ئىچىدىغانلارنى قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا:

● جىگەر قېتىش خەۋپى %20 تۆۋەنلەيدىكەن

● جىگەر راكى خەۋپى %24 تۆۋەنلەيدىكەن

● جىگەر كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم خەۋپى %31 تۆۋەنلەيدىكەن

   ئەمەلىيەتتە، بۇ قەھۋەنىڭ جىگەر ئاسراش ئۈنۈمى بارلىقى تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئەمەس. 2021-يىلى «BMC ئاممىۋى سەھىيە» ژۇرنىلىدا 500 مىڭغا يېقىن ئادەم قاتناشقان، 10 يىلغا سوزۇلغان كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات ئېلان قىلىنىپ، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىشنىڭ جىگەر ئاسراش ئۈنۈمى بارلىقى بايقالغانلىقى ئېيتىلغان. قەھۋە ئىچمەيدىغانلارغا سېلىشتۇرغاندا، مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىدىغانلاردا:

● ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلى خەۋپ-خەتىرى %21 تۆۋەنلەيدىكەن

● غەيرىي ئىسپىرت مەنبەلىك جىگەرنى ماي قاپلاش خەۋپ-خەتىرى %20 تۆۋەنلەيدىكەن

● ئاستا خاراكتېرلىك جىگەر كېسىلىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆلۈم خەۋپى %49 تۆۋەنلەيدىكەن

02

_______________________________________________________________________

قەھۋە ئىچسە نېمە ئۈچۈن جىگەرنى ئاسرايدۇ؟

ئاچقۇچ بۇ «بىرنى ئاشۇرۇش، بىرنى تۆۋەنلىتىش»تە

   2026-يىلى 7-ئايدا، «كىلىنىكىلىق ئاشقازان-ئۈچەي كېسەللىكلىرى ئىلمى ۋە جىگەر كېسەللىكلىرى ئىلمى» تەتقىقاتىدا يەنە 44 مىڭ ئادەمنىڭ قان پىلازمىسى ئاقسىلى گۇرۇپپىسى سانلىق مەلۇماتى ئانالىز قىلىنىپ، بىرلا ۋاقىتتا قەھۋە قوبۇل قىلىش مىقدارى ۋە جىگەر قېتىشىش خەۋپى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك 74 خىل ئاقسىل تاللاپ چىقىلىپ، قەھۋەنىڭ جىگەرنى ئاسراش ئېلىپ بارىدىغان مولېكۇلا مەنزىرىسى  __  «قوش يۆنىلىشلىك كۈچ چىقىرىش» تەسۋىرلەنگەن.

   ↑ «ياخشى ئاقسىل» تېخىمۇ ئاشىدۇ: قەھۋەنى قانچە كۆپ ئىچسە، جىگەرنىڭ بىرىكىش ئىقتىدارىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، كومپلېمېنت ياللۇغىنى تەڭشەپ تىزگىنلەيدىغان «ياخشى ئاقسىل» سەۋىيەسى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ. بۇ ئاقسىللارنىڭ يېتەرلىك بولۇشى جىگەرنىڭ بىرىكىش ئىقتىدارى، ئوكسىدلىنىشقا قارشى تۇرۇش سىستېمىسىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ھالەتتە تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

   ↓ «ناچار ئاقسىل» تېخىمۇ تۆۋەنلەيدۇ: شۇنىڭ بىلەن بىللە، جىگەرنىڭ تالالىشىشى، ياللۇغنىڭ قوزغىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «ناچار ئاقسىل» قەھۋەنىڭ قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەيدۇ.

   بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلىغاندا، قەھۋە بىر تەرەپتىن جىگەرنىڭ نورمال ئىقتىدارىنى «مۇستەھكەملىسە»، يەنە بىر تەرەپتىن ياللۇغ ۋە تالالىشىشتىكى زەخىملىنىش يوللىرىنى «بېسىپ قويىدۇ»، قوغداش كۈچى قاتلاممۇقاتلام بولىدۇ.

   تېخىمۇ مەنىلىك بولغىنى شۇكى، تەتقىقاتلاردىن بايقىلىشىچە، تەركىبىدە كوففېئىن بار قەھۋە بىلەن كوففېئىن يوق قەھۋەنىڭ جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمى ناھايىتى ئوخشىشىپ كېتىدىكەن. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇكى، كوففېئىن جىگەرنى ئاسراشتىكى بىردىنبىر تۆھپىكار ئەمەس. تەتقىقاتچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە، قەھۋە تەركىبىدىكى كوففېئىن بولمىغان مول تەركىبلەرنىڭ تۆھپىسىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدىكەن، مەسىلەن، خىلوروگېن كىسلاتاسى، پولىفېنول تۈرىدىكى ماددىلار، دىتېرپېن تۈرىدىكى بىرىكمىلەرنىڭ ھەممىسى تەبىئىي ئوكسىدلىنىشقا ۋە ياللۇغقا قارشى تۇرۇش ماھىرلىرى ئىكەن. 

مەنبە: 视觉中国

03

_______________________________________________________________________

قەھۋە گەرچە ياخشى بولسىمۇ،

لېكىن ھەر كۈنى بۇ مىقداردىن ئېشىپ كەتمىسۇن

   ئالدىدىكى سانلىق مەلۇماتلارنى كۆرگەندىن كېيىن، بەزىلەر بەلكىم مۇنداق ئويلىشى مۇمكىن: قانچە كۆپ ئىچسە جىگەرنى ئاسراش ئۈنۈمى شۇنچە ياخشى بولسا، ئۇنداقتا مىقدارىنى چەكسىز كۆپەيتىشكە بولامدۇ؟

   ئەلۋەتتە ئۇنداق ئەمەس! كۈندىلىك تۇرمۇشتا يۇقىرى چەككە قارىماي ئىچكەندە، ئەكسىچە خەۋپ-خەتەر ئېلىپ كېلىدۇ.

   2026-يىلى 7-ئايدا، ئامېرىكا يۈرەك جەمىيىتى «ئايلىنىش» ژۇرنىلىدا بىر ئىلمىي بايانات ئېلان قىلىپ، كوففېئىن بىلەن يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك باھالىغان. باياناتتا مۇنداق دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن: كۆپ ساندىكى قۇرامىغا يەتكەنلەر ھەر كۈنى قوبۇل قىلىدىغان كوففېئىن 400 مىللىگرامدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى بىخەتەر بولۇپ، تەخمىنەن 5 ~ 3 ئىستاكان (ھەر بىر ئىستاكان 240 مىللىلىتىر) ئادەتتىكى قارا قەھۋەگە باراۋەر كېلىدۇ. بۇ دائىرىدە مۇۋاپىق مىقداردا قەھۋە ئىچىش ھەتتا تاجىسىمان يۈرەك كېسىلى، يۈرەك زەئىپلىشىش، دالانچە تىترەش، سەكتە ۋە ئىككىلەمچى تىپلىق دىيابېت كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ خەتىرىنى تۆۋەنلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئەمما مىقدارى ئېشىپ كەتسە، يۈرەك قان تومۇر سىستېمىسىنىڭ بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ كېتىدۇ. 

   شۇڭا، قەھۋە گەرچە ياخشى بولسىمۇ، چوقۇم مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك، ئەگەر زىيادە كۆپ قوبۇل قىلىنسا، ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋەت سالامەتلىككە پايدىسىز بولۇشى مۇمكىن.

04

_______________________________________________________________________

قەھۋەنى ساغلام ئىستېمال قىلىشتا، بۇ تۆت نۇقتىغا دىققەت قىلىش كېرەك

   1. قەھۋە تۈرىنى توغرا تاللاش

   قوشۇلما شېكەر، سۈت جەۋھىرى قاتارلىق يۇقىرى ئېنېرگىيەلىك قەھۋە خۇرۇچلىرىنى قوشۇشتىن ساقلىنىش، ئەڭ ياخشىسى قارا قەھۋەنى تاللاش كېرەك. ئەگەر قارا قەھۋەنىڭ تەمى ياخشى بولمىسا، ئازراق سۈت قوشۇشقا بولىدۇ، بۇنداق قىلغاندا تەملىك بولۇپلا قالماي، يەنە ئاقسىل ۋە كالتسىي تولۇقلىغىلى بولىدۇ.

مەنبە: 视觉中国

 2. قەھۋەنى ئىمكانقەدەر ئاچ قورساق ئىچمەسلىك

   بېيجىڭ لۇخې دوختۇرخانىسى ئوزۇقلۇق بۆلۈمىنىڭ ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى جياڭ شەن ئىلگىرى ساغلاملىق ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە مۇنداق دېگەن: ھازىر نۇرغۇن كىشى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ئاچ قورساققا بىر ئىستاكان قەھۋە ئىچىشكە ئادەتلەنگەن، بۇ ئىشتىھانى تۆۋەنلىتىپلا قالماستىن، بەلكى ئاشقازان-ئۈچەينىمۇ غىدىقلايدۇ، شۇڭا ناشتا قىلغاندىن كېيىن ياكى چۈشلۈك تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن ئىچىش تەكلىپىنى بېرىمىز، بۇ ۋاقىتتا قەھۋە ئىچكەندە ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. 

   3. قەھۋە ئىچىش ۋاقتىنى ياخشى ئىگىلەش

   ئوزۇقلۇق مۇتەخەسسىسى گۇ چۇەنلىڭ شەخسىي سالونىدا ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق ئەسكەرتكەن: كوففېئىننىڭ يېرىم يىمىرىلىش دەۋرى تەخمىنەن 6 ~ 4 سائەت بولىدۇ، ئەگەر 15:00دە تەركىبىدە 200 مىللىگىرام كوففېئىن بولغان بىر ئىستاكان ئىچسە، ئۇنداقتا 21:00 ~ 191:00دىكى قاندىكى كوففېئىننىڭ مىقدارى يەنىلا 100 مىللىگىرامغا يېتىدۇ. چۈشلۈك ئۇيقۇدىن بۇرۇن قەھۋە ئىچسە، كەچلىك ئۇيقۇغا تەسىر يەتمەيدۇ، روھلاندۇرۇش ئۈنۈمىمۇ تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ.

   4. ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشىلەر ئاچ قورساق ئىچمەسلىك

   ئاشقازان ئىقتىدارى ياخشى ئەمەس كىشىلەر، بولۇپمۇ ئاستا خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان-قىزىلئۆڭگەچ تەتۈر يېنىش قاتارلىق ئاساسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى ئاچ قورساق قەھۋە ئىچمەسلىكى كېرەك.

   ئاخىرقى سۆز:

   قەھۋە تېتىكلەشتۈرۈش ئىچىملىكىلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى بىر ئىستاكان تۆۋەن مۆلچەرلەنگەن «جىگەر ئاسراش ئىچىملىكى»دۇر. بىراق، پەقەت مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكەندىلا، ئاندىن جىگەرنى ئاسراش بىلەن يۈرەكنى ئاسراش ئوتتۇرىسىدىكى ئەڭ ياخشى تەڭپۇڭلۇقنى تاپقىلى بولىدۇ. جىگەرنىڭ ساغلاملىقىنى ھەقىقىي قوغداشتا، قەھۋەدىن باشقا يەنە يېمەك-ئىچمەكنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، قانۇنىيەتلىك دەم ئېلىش، مۇۋاپىق ھەرىكەت قىلىش ۋە قەرەللىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش كېرەك.

«مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.