تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چوڭ بازاردا كېچىلىك ساياھەت قىلىش مەززىلىك تائاملار، ناخشا-ئۇسسۇل كاتتا زىياپىتىدىن قانغۇچە بەھرىلىنىش

    تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى شيۇڭشىن فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنى سەيلە-ساياھەت قىلىپ، ئۆزگىچە كوچا مەنزىرىسىنى تاماشا قىلىپ، خەلق ئۆرپ-ئادەتنى ھېس قىلىپ، ئۆزگىچە مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىپ، ئېسىل ناخشا-ئۇسسۇللاردىن ھۇزۇرلىنىپ، يىپەك يولى مەنزىرىسى نامايان قىلىنغان كېچىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت كاتتا زىياپىتىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار پىيادىلەر كوچىسى 2-قارار جياڭلەيچېڭغا كېلىپ فونتان مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

   سارغۇچ ئىللىق چىراغ نۇرى شىنجاڭچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىمارەتلەرنىڭ ئىزناسىنى سىزىپ چىقىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى قەدىمىنى توختىتىپ سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلىشقا، شەھەرنىڭ ئۆزگىچە كېچىلىك مەنزىرىسىنى خاتىرىلەشكە جەلپ قىلدى. ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرى ئارقا-ئارقىدىن ئورۇنلىنىپ، كۈلكە سادالىرى ئۈزۈلمىدى. كوچا بويىدىكى دۇكانلاردا قول ھۈنەرۋەنچىلىك مەدەنىيەت ئىجادىيەت بۇيۇملىرى، قۇرۇق مېۋە-چىۋە ئالاھىدە مەھسۇلاتلىرى سېتىلاتتى، تىجارەتچىلەر مەھسۇلاتلىرىنى قىزغىن تونۇشتۇرۇپ، قاينام-تاشقىنلىق بىلەن خەلق ئۆرپ-ئادىتى بۇ يەردە چوڭقۇر يۇغۇرۇلدى.

   شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى كېچىلىك مەدەنىيەت-ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى سىجىل بېيىتىپ، مەززىلىك تائاملار، ئويۇن قويۇش، خەلق ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىشنى تۇتقا قىلىپ، كېچىلىك ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى. قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن كەچلىك بازار شىنجاڭنىڭ كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيىتىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك بولۇپلا قالماي، ئېچىۋېتىلگەن، سىغدۇرۇشچان كەيپىيات ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە چېگرا رايوندىكى شەھەرنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۈرۈمچى مەدەنىيەت-ساياھەت ئىسىم كارتىسىنى سىجىل جۇلالاندۇردى.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا ناخشا-ئۇسسۇل نومۇرلىرىدىن ھۇزۇرلانماقتا.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا سەيلە-ساياھەت قىلماقتا.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا كىيىم-كېچەك تاللاپ سېتىۋالماقتا.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردا قولدا ئۇيۇتۇلغان قېتىق سېتىۋالماقتا.

8-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، ساياھەتچىلەر شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا مەززىلىك تائاملارنى تېتىماقتا.

«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.